ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1234|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ تور نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

242

يازما

1404

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3491
ئاقچا
27
QQ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز نەچچە ئاي جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قۇتيار 2014- يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. ھەمدە شۇ چاغدا مەزكۇر سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىنى ئىشلەۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈن بۇ سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سىستېما ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ بولار، چۈنكى ئالدىنقى تېمىلاردا سىستېما ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولغان ئىدىڭلار. بۇ سىستېمىمىزمۇ شۇ سىستېمىلارغا ئوخشاش، ھەممە يەرلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ.ئەڭ مۇھىمى سوئال ئامبىرى كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىلىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، پەقەت ئىشلىتىدىغان مۇھىتىلا ئوخشىمايدۇ.

بۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەد
بىرىنچىدىن: سۇپا ئاتلاش، ھەممە ئادەم Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىپ كېتىشى ناتايىن، ئەتراپىمىزدا باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپ.
ئىككىنچىدىن:  ئەركىن ئىشلىتىش، بىرلا قېتىم سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش قېتىم سانى تۈگىگۈچە ئۆيدە، ئىشخانىدا  ۋە باشقا تور بار مۇھىتلاردا سىستېمىنى كۆپ ئورۇندا ئىشلىتىش.
ئۈچىنچىدىن:  كومپيۇتېرى يوق، يانفونى Android سىستېمىلىق ئەمەس، تورخانىغا تولا كىرىۋالىدىغان، تورچى دوستلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش.
مەزكۇر تور نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى سىزدە پەقەت بىر دانە كومپيۇتېر (قايسى ماركىلىق، قانداق سىستېمىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ كامىدا بىر تور كۆرگۈچ بولىشى كېرەك) ھەمدە شۇ كومپيۇتېرغا ئۇلاغلىق سىملىق ياكى سىمسىز تور بولسىلا سىز بۇ سىستېمىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىت ، سۇپا ئاتلاش بۇ سىستېمىمىزنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، يەنى مەزكۇر تور نۇسخىسى ھازىرغىچە تۆۋەندىكى تور كۆرگۈلەردەنورمال خىزمەت قىلالايدۇ
IE6, IE7, IE8, IE9, IE10, IE11، Google Chrome، FireFox، Opera(Presto)، Safari قاتارلىقلار.
بۇ سىستېما تور كۆرگۈچكە تاينىپ ئىشلەيدىغان بولغاچ مەشغۇلات سىستېمىسى Linux  ياكى MacOS X  بولغان دوستلىرىمىزمۇ ئەنسىرىمەي سېتىۋالسا بولىدۇ، بىزنىڭمۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەدمۇ دەل كۆپ سۇپىدا ئىشلەيدىغان قىلىش.

ئۇنداقتا مەزكۇر تور نۇسخا شوپۇرلۇق سىستېمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
كىرىش كۆزنىكى

يۇقارقى كۆزنەكتىن سىز مەزكۇر سىستېمىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە 2 خىل تاللاش بار.
سىزدە كىرىش كۆزنىكىگە ماس بولغان كارتا ۋە مەخپىي نومۇر بولسا بىۋاسىتە بسىپ كىرپلا سىستېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا يوق بولۇپ قالسا. ياندىكى «ئەگەردە قولىڭىزدا كارتا نومۇرى بولمىسا بۇ يەرنى بېسىڭ» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ توردا بىۋاسىتە سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلدۇ. سىز بىز بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇپمۇ ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپلا مەزكۇر سىستېمىنى سېتىۋالالايسىز. يەنى كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىنلا ئالالايسىز.
قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:






پۇل تۆلەش بېتى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىنلا ئۇ بەتنى ئۆچۈرۋەتمەي نەچچە سېكۇنت ساقلسىڭىز كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرغا ئېرىشىسىز.

مانا بۇ سىز ئېرىشمەكچى بولغان كارتا نومۇرى شۇ.
بۇ توردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل مۇشۇ كارتىنىڭ ھەقىقىيسىنى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ياكى ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدا قولىڭىزغا ئادەتتىكى بانكا كارتىسىغا ئوخشاش قاتتىق بولغان ئۈستىدىكىدەك رەسىملىك بىر كارتا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدا كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر بار. ئۇ نومۇرنى قولدا جىجىلاپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىسىز.

ئەمدى بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېىن بىۋاسىتە كىرىپ سوئال ئىشلىسڭىز بولىدۇ.














مانا بۇ ئىمتىھان بېرىش ۋە مەشىق قىلىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر.
بۇ سىستېمىنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 50 يۈەن. سىز 50 يۈەن تاپشۇرۇپلا بۇ سىستېمىنى 200 قېتىم ئىشلىتەلەيسىز. ۋاقىت چېكى يوق ئەمما قېتىم چېكى بار. بىر قېتىم كىرىش كۆزنىكىگە كىرىپ نومۇر باسسىڭىزلا بىر قېتىمغا ھېسابلىنىپ ماڭىدۇ. ۋاقىت، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى يوق. سىستېما تاللىمايدۇ، مەيلى ئالما كومپيۇتېرى بولسۇن ياكىLinux سىستېمىسى بار كومپيۇتېر بولسۇن ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان بولسا بىمالال سوئال ئىشلەپ ماڭالايسىز. (7 سۇڭدىن چوڭ iPad تە نورمال ئىشلىتىش ئۇزۇنغا قالمايلا ئەمەلگە ئاشماقچى ، iPad بار دوستلارنىڭمۇ سېتىۋېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.)

خوش ئۇنداق بولسا بۇ سىستېمىمىز بىلەنمۇ بىرەر قۇر تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى ئاساسلىق گەپكە كەلسەك، بىز ئىنسان، خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. مەيلى بۇرۇن ئېلان قىلغان كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىمىزدا بولسا ئاز تولا خاتالىقلار بولۇشى تەبئىي. لېكىن بىز خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەرقايسى كۇرسانتلارنىڭ ئويلاپ تۇرۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ سىستېمىلارنى پۈتتۈرپ بازارغا سالدۇق.بۇ سىستېمىنىڭ تەرجىمىسى، ئىملاسى ۋە باشقا سۈپەت جەھەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بۇ تۈردىكى سىستېمىلاردىن ياخشى دېيەلەيمىز.
ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭ  ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مۇھىتىغا ۋە ئەھۋالىغا قاراپ، ھەرقايسى نۇسخىدىكى سىستېمىلىرىمىزنى  ئۆزى خالىغانچە تاللاپ سېتىۋېلىپ، تىرىشىپ ئۆگەنسىلا شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مۇنەۋەر بىر شوپۇر بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ياخشى شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى ياسىغۇچى بولماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز شۇنداق بولۇشقا تىرىشىمىز ۋە تىرىشىۋاتىمىز. سىزلا تىرىشسىڭىز بىز سىزگە ئەڭ قولايلىق شوپۇرلۇق ئۆگىنىش سىستېمىلىرىنى يېڭىلاپ تەييار قىلالايمىز.

بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى يېڭىقلىرى:
1 - ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى مەكتەپلەرنى تاللاپ تۇرۇپ سوئال ئىشلەش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
.....
......
...... قالغان تۈرلەر ھازىرچە مەخپىي، ئۆزۈر.

سىستېمىغا كىرىش ئادرېسى:

http://tor.shopurluq.com
http://tor.xopurluk.com

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكىتى
ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى

2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 6-كۈنى
smart2085.blogbus.com
جۇلا ئەپ بازىرى

1

تېما

294

يازما

567

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4040
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-6 22:50:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ

جاپا چىكىپسلەر.......

1

تېما

374

يازما

233

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

红米note

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1711
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-6 23:01:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچشانلىقڭلىغا بارىكاللا   جاپا چىكىپسىلە
جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

385

يازما

223

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
931
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-6 23:17:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇن نۇسخىسنىڭمۇ  ئىشلىتىش قتىم چەكلىمسى بارمۇ؟ ئەڭ ئاخىرقى نەزىريە يەنى 4- ئىمتان مۇ بار؟
دۇئا قىلايلى ...بىر....مان...10 بولسۇن...

1

تېما

78

يازما

185

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
472
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-5-7 00:16:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ.....

4

تېما

262

يازما

902

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
4589
ئاقچا
4

تۆھپە ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2014-5-7 00:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك  ئەمدى شوپۇرلۇق ئېمتاھان بەرگۈچىلەر   كومپىيوتېردا  ، تېلىفۇندا ھەتتا  توردا  تۇرۇپمۇ  ئۆگىنەلەيدىكەندە ، ناھايتى  ياخشى  بوپتۇ  ، بۇنىڭدىن كېيىنكى  ئىشلىرىڭىزلارنىڭ  تېخىمۇ  ئۇتۇقلۇق  بولۇشىغا تىلەكداشمەن !!!!!!!!!!!!!!!
ئۈگىنىش ئۆمۈرلۈك ھەركەت، ئەمما ئۈگىنىشنىڭ ئۆزى توغرىلىق ئويلانماسلىق___ئۈگەنگەنلىرىنى ئۆزى ۋە ئەتراپتىكىلە ...

0

تېما

15

يازما

20

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
98
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-7 01:31:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭلار

48

تېما

1503

يازما

116

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر مۇنبىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
7150
ئاقچا
101

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-5-7 04:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بەك قۇلايلىق بولۇپتۇ ،بەتنىڭ ئىشلىنىشىمۇ بەك پەيزىكەن !
ئەلتەر مۇنبىرى

http://www.bbs.elter.cc