|
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ياپونچە ھەقسىز لۇغەت
StarDict كەڭ ئومۇملاشقان ھەقسىز لۇغەت. ئۇ ئەسلى Linux ئۈچۈن تۈزۈلگەن. ھازىر Windows تىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. توردا بۇ لۇغەتنىڭ "ئانا تىلىم لۇغىتى" دېگەن ئىسىمدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سۆزلۈكى تارقالغان. ماڭا تۈركچە، ئەرەپچە لۇغەت ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇ لۇغەتكە يەنە Babylon لۇغىتىنىڭ تۈركچە، ئەرەبچە سۆزلۈكىنى قوشتۇم.
بۇ لۇغەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىكى ئۆزىمىز تۈزگەن سۆزلۈك ئامبىرىنى خالىغانچە قوشقىلى بولىدىكەن.

بىرىنچى بۆلەكنى چۈشۈرۈش
ئىككىنچى بۆلەكنى چۈشۈرۈش
پىرىستىن يىشىش مەخپى شىفىرى: www.alip.tk
مەخپى شىفىرنى كۆچۈرۈپ چاپلىماي، كۇنۇپكىدىن بىر-بىرلەپ كىرگۈزۈڭ.
ئىككىلىسنى بىر يەرگە چۈشۈرۈپ، بىرىنچى بۆلەكنى قوش چەكسىڭىز پىرىستىن يىشىلدۇ.
bin قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى Stardict.exe نى ئىجرا قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. دىققەت: بۇ لۇغەتنى ساقلىغان ئورۇننىڭ نامى چوقۇم ئېنگىلىزچە بولسۇن. خەنزۇچە قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويسىڭىز ئىجرا بولمايدۇ.
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ياپونچە سۆزلۈك ئامبىرى قوشۇلغان. ئايرىم قوشۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. باشقا تىللارنىڭ سۆزلۈكىنى توردىن تېپىپ قوشۇشقا بولىدۇ. مەسلەن: فىرانسۇزچە، گېرمانچە.... دېگەندەك
ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىدىغان يېرىنى مەن تەڭشەپ قويدۇم. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئەلكاتىپ خەت نۇسخسى بولسىلا ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق كۆرۈندۇ.
|
|