- جۇغلانما
- 2819
UID5258
تىزىملاتقان2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم2015-2-15
توردا350 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2819
- ئاقچا
- 16

|
مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئامرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق تېخنىكا ئانالىزچىسى ئىدۋارد سىنودىن NSA نىڭ يۇشۇرۇن كۈزىتىشىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە، نامسىز كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى Tails نى ئىشلەتكەن. بۇ بىرخىل بىخەتەر سىستېما بولۇپ، قاتتىق دېسكا، بارماق دېسكا ۋە ياكى SD كارتىغا قاچىلاپ، خالىغان يەردە سېستىمىنى قاچىلانغان دېسكىدىن بىۋاستە قوزغىتىپ، ئىزناسىز تورغا چىقىش، ئېلىخەت يوللاش، ھۆججەت تەھرىرلەش قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى مەخپىي ساقلاش، كۈزىتىشتىن ساقلىنىش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدىغان شارائىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ Tor ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر خىل Linux يادرولۇق سىستېما، ئادەتتە مەزكۇر سىستېما مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ ھەرقانداق ئۇچۇرىنى، مەشغۇلات خاتىرىسىنى كومپىيوتېرغا ساقلىمايدۇ، مەخپىي تور قۇرۇشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ سىستېمىنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش بىرقەدەر مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي. سىستېىمىغا تور كورگۈ، قولاي ئالاقە خاتىرىسى، ئېلىخەت، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، رەسىم ۋە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش دېتالىرى قاتارلىق زۆرۈر قوراللار سەپلەنگەن. دېمەك بۇنىڭ ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ھۆججەتتە ھېچقانداق شەخسىي ئۇچۇر بولمايدۇ(ئادەتتىكى سىستېمىلاردا ھۆججەتلەر بىلەن بىرگە MD5 شەكلىدە، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان كومپىيوتېر، ۋاقىت ۋە شەخىسنىڭ بىر تالاي ئۇچۇرلىرى ساقلانغان بولىدۇ).
سىنودىننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا ئاشكارىلشىچە، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئىزچىل تۈردە، نامسىز كىشىلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بۇ نامسىز سىتېمىدىن ئىنتايىن بىزار ئېكەن. دېمەك سېستېما ئاچقۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ پۈتۈنلەي مەخپىي ساقلىنىشى، مەزكۇر سىستېمىنىڭ پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق بولىشىدا مەلۇم جەھەتتىن يۇقارقى نوقتىلارنى ئالدىن ئويلاشقان.
يىقىندا، شەخىس ئۇچۇرلىرىنى يۇقىرى بىخەتەرلىكتە ساقلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ نامسىز سىتېما Tails نىڭ 1.0 نەشىرى رەسمىي تارقىتىلدى. ئورگان تەرەپ يىڭىلاش تارىخىدىن قارىغاندا، بۇ سىتېمىنى ئېچىشقا 5 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، تۇنجى نەشىرى 2009 - يىلى بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا Amnesia دەپ ئاتالغان. 5 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ سىستېما سىناقلاردىن ئۆتۈپ، مۇستەھكەملىنىش ئارقىلىق ھازىرقى Tails سىستېىسىنىڭ 1.0 نەشرى سۈپىتىدە تارقىتىلغان. ئەلۋەتتە بۇ سىستېمىنىڭ ئاچقۇچىلىرىمۇ پۈتۈنلەي نامسىز!
linux سىستېمىلىرىغا قىزىققۇچىلار مەزكۇر سېستىمىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ: ISO مەۋھۇم دىسكا ھۆججىىتىنى چۈشۈرۈش
ئورگان بېتى: https://tails.boum.org/index.en.html
مەنبە: تەشنا بىلوگى |
|