بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustapa523 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 02:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ...
نەق گەپنىلا دەي.... مانا بۈگۈن سىلەرگە بىر يانفۇن ئەپ دېتالىنى ئېلىپ كەلدىم ،مەن ئۆزۈم ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن مەزكۇر ئەپنى تەرجىمە قىلدىم ، ھازىرچە 99% تەرجىمە قىلىنىپ بولدى ، (قالغان 1% شۇ مۇشۇ ئەپ دېتالىنى تۇنجى قوزغاتقاندىلا بىر قۇر خەت خەنچە چىقىدۇ، ئىككىنجى قېتىم قايتا كۈرۈلمەيدۇ، بۇنى قەتتئىي ھەل قىلالمىدىم ، ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن).....
بۇ نىمە دېگەندە __ بۇ ئوقۇغۇچىلار كۈندە نەچچە ۋاخ قارايدىغان ، ساۋاقداشلىرىدىن سوراپ تۇرىدىغان بىر نەرسە .....
ئۇ نىمە ؟؟؟ ———دەرس جەدىۋىلى
توغرا ، بۇ دەرس جەدىۋىلى ، ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولغانلىق سەۋەپلىك سىلەر بىلەن ئورتاق پايدىلانماقچى ...
سۇئال: بۇ ئەپ دېتالىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
جاۋاب: بۇ ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان، سىغىمى كىچىك ، يەنە تۈپكى ئالاھىدىلىكى بولغان ئالاھىدىلىكىدىن، مەسىلەن سىز دەرس جەدىۋىلى تۈزۈپ بولدىڭىز ، دۈشەنبە 1،2- سائەتتە مەلۇم دەرىسىڭىز بار ، دەرسنى سائەت 8 بىلەن باشلايدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، مانا بۇ ئەپ سىزگە دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىش قىلىدۇ ، (ھەي ياغاچ قۇلاق ، 10مىنۇتتىن كىيىن دەرس باشلايدۇ ، تېز سىنىپقا ماڭ...دەپ ) دەرىسكە ئېسىڭىزدە بار يادىڭىزدا يوق يانفۇننىڭ ئاۋازىنى ئەتمەيلا كىرىپ كىتىپ قالىسىز بەزى ۋاقىتلاردا ، دەرس ۋاقتى كىملەردىندۇر تېلفۇن كىلىپ قالسا ، ۋاي ئاللا توۋا دېگەن بىلەنمۇ بېكا، مانا بۇنىڭ ئامالىمۇ مۇشۇ ، بۇ ئەپ دېتالى سىز دەرسكە كىرگەندە يانفۇنى ئاپتۇماتىك تىترەش ھالىتىگە ئەكىلىدۇ ، دەرىستىن چۈشكەندە بولسا ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىدۇ .....يەنە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۆتكەن دەرسلەردىن خاتىرە قالدۇرالايسىز ( ھازىر قۇلىمىزغا قەلەم ئالمىساق ئالمايمىزكى چۇقۇم يانفۇننى ئالىمىز ) شۇڭا قەلەم تۇتماي بىۋاستە يانفۇننى تۇتۇپلا خاتىرە قالدۇرغىلى بۇلىدۇ .... دېگەندەك .... قالغانلىرىنى ئىشلەتكەچ ھېس قىلىپ قالىسىلەر ....
بۇنى بىز ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىناپ ئىشلەتسە بولىدۇ ، داۋاملىق دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتسە ئۇلار تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كىتىدىغان... ئۇنىڭدىن باشقا دەرىسى بار ۋاقىتلارنى بەلگىلىۋالسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن..
قېنى ئەمسە كەسمە رەسىملەرگە مەرھەمەت...
رەسىملەر تۈگىدى!!
چۈشۈرۈش ئادىرسى:»»مىنى بېسىڭ
مەخپى شىفىر: suwg
ياكى مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىدىن چۈشۈرۈڭ:
ApkIDE_jadwal_1.7.apk
(952.33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 800)
|