ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 34
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[بىلىم، تەجرىبە] كىشىلەر نېمە ئۈچۈن نوكىيا يانفونلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ؟

5

تېما

120

يازما

468

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2278
ئاقچا
0
QQ
تېڭشۈن تورى خەۋىرى, نۇر تورى تەرجىمىسى:
يانفون كەسپى ساھەسىدىكى كاتتىباش ھېسابلانغان نوكىيا شىركىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «مىكروسوفىت كۆچمە ئۈسكۈنە شىركىتى» گە ئايلىنىپ قالدى, بۇ «NOKIA» ماركىسىدىكى يانفونلارنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ, ئەلۋەتتە, بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر ئىش. ھالبۇكى, نوكىيا باشقا شىركەتلەرگە قوشۇلغان بىلەن, ئۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان 3210 ۋە 3310 لارغا ئوخشاش كىلاسسك يانفونلار ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.
3310ۋە 3210 يانفونلىرى بەلكىم ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن نوكىيا يانفونلىرى بولسا كىرەك, ئۇلارنىڭ لايىھەسى ئاددىي, ئەمما مودا, يانفون گەۋدىسى پۇختا ۋە چىداملىق, ئىقتىدارى بولسا شۇ ۋاقىتلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئىلغار ھېسابلىنىدۇ. ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا, نوكىيا شىركىتى 3210 قاتارلىق يانفونلىرىغا تايىنىپ, زامانىۋى يانفون ياساش ساھەسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن, ئۇنىڭغا سەپلەنگەن نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلار ھازىرغىچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن, كىشىلەرنىڭ نوكىيا يانفونلىرىنى سېغىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئەمەس, بەلكى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن يېڭىلىق يارىتىش روھىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىندۇر؛ شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى, ھازىر بار بولغان بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياساش كارخانىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى نوكىيا يانفونلىرىدىن ئىلھام ئالغان بولغاچقا, ھازىرقىدەك كىشىلەرگە ھوزور بىغىشلىغۇدەك ئېسىل يانفونلارنى مەيدانغا چىقىرالىغان.
كىشىلەر نوكىيا يانفونلىرىنى ئەسلىگەندە, ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە تەرەپلىرىنى چوقۇم تىلغا ئالماي قالمايدۇ:
1. دەرىجىدىن تاشقىرى توك سەرپىيات ئىقتىدارى
مەيلى iPhone5s ياكى Galaxy S5 بولسۇن, بۇلارغا سەپلەنگەن باتارىيە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر كۈن ئىشلىتىشكە يېتىدۇ, بىراق, نوكىيانىڭ 3210 قاتارلىق يانفونلىرى بولسا, يالغۇز توك سەرپىيات ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن, بەلكى يانفون باتارىيىسىنى ئالماشتۇرۇشمۇ شۇنداق قولايلىق ئىدى. ئەلۋەتتە, يانفون توكىنىڭ ئۇزۇن يېتىش-يەتمەسلىكى ئۇنىڭ ئىكران چوڭلۇقى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك, بىراق, نۆۋەتتە يانفون ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىلەن, باتارىيە قۇۋۋىتى ئۇنىڭغا ماسلىشالمىدى.
2. يانفون سىگنالى ئالاھىدە كۈچلۈك
نوكىيا يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئانتىنا سەپلەنگەن بولسىمۇ, بىراق, بۇ يانفونلارنىڭ سىگنالى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى, بۇنىڭدىن نوكىيا شىركىتىنىڭ ئاساسىي ئالاقە ئىشلىرىدىكى تېخنىكا كۈچىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى, ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ, يانفون سىگنالى ئاجىز بولۇش ناھايىتى ئوموملاشقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يانفون ھەرقانچە تەرەققىي قىلغان بىلەن, ئۇنىڭدا تېلفون ئۇرغىلى بولمىسا بىكار, شۇنىڭ ئۈچۈن, مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا, ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق جەھەتتە iPhone 4 مۇ نوكىيا 3210 گە يەتمەيدۇ.
3. T9 شەكىللىك خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ياراتقان مۆجىزە
سېزىمچان ئىكرانلىق يانفونلار كەڭ كۆلەمدە مودا بولغاندىن تارتىپ, كىشىلەر يانفونغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كۇنۇپكا تاختىسىغا ئىھتىياجلىق بولمايدىغان بولدى, ھالبۇكى, ئۇلار يەنىلاT9 شەكلىدىكى خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ, ئاساسەن ھەرقانداق بىر يانفونغا قاچىلانغان خەت كىرگۈزگۈچتە T9 شەكلىدىكى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بار. گەرچە T9 نى ئىجاد قىلغۇچى نوكىيا بولمىسىمۇ, بىراق, ئۇنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىغا كەڭ تارقاتقۇچى يەنىلا نوكىيادۇر.
4. ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بۇيرۇتۇپ ياسىتىش ئىقتىدارى
ئىلگىرى نوكىيا يانفونىنى ئىشلەتكەنلەر «يانفون قېپىنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىنىڭ ئاساسى» دىگەن ئېلان سۆزىنى دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى, مەلۇم جەھەتتىن قارىغاندا, بۇمۇ نوكىيا شىركىتى ئابونتلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر تۈرلۈك يېڭىلىق شۇنداقلا قولايلىق تېخنىكا. يانفون رەڭگى ۋە ئارقا قېپى بىرلا خىل ياسىلىدىغان زامانلاردا, نوكىيا شىركىتى باش بولۇپ, قېپىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شۇنداقلا رەڭلىك ئۇسلۇبتىكى يانفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى, بۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە, ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ لايىھەلىنىشىگە زور ئىلھاملارنى ئاتا قىلدى.
ئۇندىن باشقا, 3210 يانفونىغا يەنە يانفون قوڭغۇراقلىق مۇزىكىسىنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ, كىشىلەر بۇ ئارقىلىق ئۆزگىچە مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ, قوڭغۇراقلىق مۇزىكا ساھەسىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان, بۇنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ.
5. چىدامچان ۋە پۇختا
«يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ» دىگەن ماختاشلار پەقەت نوكىياغىلا خاس بولسا كىرەك. بۇنداق دىيىشنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئاساسى بار. ئايفون يەرگە بىر قېتىم چۈشۈپ كەتسىلا ئىكرانى چىقىلىدۇ, ئۇنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 1500 يۈەن خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ؛ لىكىن سىز نوكىيا 3210 يانفونىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتسىڭىزمۇ, ئۇنى قايتىدىن قوراشتۇرغاندىن كىيىن, يەنىلا نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
6. دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارى
دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى نوكىيا يانفونلىرىغا تۇنجى بولۇپ كىلاسسك يانفون ئويۇنلىرى قاچىلانغان, گەرچە ئويۇنلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى قوپال ۋە ئاددىي بولسىمۇ, بىراق, بۇلار نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنغا ئايلانغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە, كۆپ قىسىم يانفونلارنىڭ ئىچىگە ئۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلار ئالدىن قاچىلانمايدۇ. ھالبۇكى, كۆڭۈل ئېچىش بولسا ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيتى, بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى, نوكىيا بولغاچقىلا, ھازىرقى App Store غا ئەنە شۇنداق مول بولغان قىزىقارلىق ئويۇنلار قوشۇلغان.
خۇلاسە شۇكى, 3210 ۋە نوكىيا ھازىر ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالدى, بەلكىم بۇندىن كىيىن قايتىدىن مودا سەھنىسىگە چىقالماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىز چوڭ ئىكرانلىق, ئىقتىدارى كۈچلۈك شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى قالتىس بولغان ئايفون ۋە باشقا ئاندىرويىد يانفونلىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز, بىراق, بىز شۇنىڭدەك بۇ يانفونلارنىڭ پۇختا ۋە چىدامچان بولۇشىنى, توكىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتى ئىشلىتىشكە يېتىشىنى, سىگنالىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز, بەلكىم, «نوكىيا» دىگەن ماركا ئەمدى مەۋجۇت بولماس, بىراق, بىز يەنىلا نوكىيا يانفونلىرىغا سېڭىپ كەتكەن ئاشۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە !نۇر تورى

0

تېما

148

يازما

143

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
506
ئاقچا
0
520isil ۋاقتى: 2014-5-2 11:19:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز来自: Android客户端

0

تېما

23

يازما

136

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
606
ئاقچا
0
QQ
tarem ۋاقتى: 2014-5-2 11:25:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتلەر پەقەتلا ئۇلاشماپتۇ  ئوقىماق بەك تەسكەن

0

تېما

106

يازما

173

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
527
ئاقچا
0
15001544754 ۋاقتى: 2014-5-2 11:30:59 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇشۇ بىريانجۇقىمدا نوكا  يەنەبىرقولۇمدا سەنشىڭ ئشلىتەۋاتىمەن
يەنىلا نوكىئا ياخشىكەن چۇنكى nokia تىلپۇن دا ياڭاق چاققىلى بولىدۇ来自: Android客户端

7

تېما

142

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2657
ئاقچا
0
omak1120 ۋاقتى: 2014-5-2 11:36:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نوكىيا يانفونى ھەقىقەتەن ياخشى مەنمۇ خىلى كۆپ ئىشلەتكەن……

0

تېما

148

يازما

143

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
506
ئاقچا
0
520isil ۋاقتى: 2014-5-2 11:44:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  5233 نڭ  ىشلەتكەن بىر مەزگىل来自: Android客户端

35

تېما

1043

يازما

1812

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6012
ئاقچا
71

تۆھپە ئوردېنى

QQ
نوكىيا ئۈچۈن دىمەكچى بولغان نۇرغۇنلىغان گەپلىرىم ئۈنسىز سۈكۈتتە تۇرۇشۇمغا سىڭىپ كەتتى...
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

0

تېما

118

يازما

203

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
0
QQ
nokia920 ۋاقتى: 2014-5-2 12:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarem يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:25
خەتلەر پەقەتلا ئۇلاشماپتۇ  ئوقىماق بەك تەسكەن

شۇنچۋالا خەتنى بسشمۇ ئاسان ئەمەس ،  ياخشى تما ئىكەن رەھمەت قرندشىم.

35

تېما

1043

يازما

1812

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6012
ئاقچا
71

تۆھپە ئوردېنى

QQ
tarem يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:25
خەتلەر پەقەتلا ئۇلاشماپتۇ  ئوقىماق بەك تەسكەن

بەلكىم مەسىلە يانفۇنىڭىزدىدۇر!
ۋىندوۋسفوندا شۇنداق نۇرمالغۇ؟
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

0

تېما

82

يازما

61

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
207
ئاقچا
0
yingsar520 ۋاقتى: 2014-5-2 14:02:09 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي نوكيا ھەي نوكيا ... ئىسىل تىلفۇنلارنى ئىشلەپ چىقىراتتىڭ ... ئەمدى ...نىمىشمۇ قىلارسە.ھە来自: Android客户端

0

تېما

82

يازما

61

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
207
ئاقچا
0
yingsar520 ۋاقتى: 2014-5-2 14:03:37 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكيا ھەقىقەتەن ياخشى تىلپۇنتى .. مەن ھازىر لۇمىيا 1020 ئالاي دىگەنتىم .. قەشقەردە سىتىش نوقتىسى بارمىدۇ来自: Android客户端

0

تېما

82

يازما

61

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
207
ئاقچا
0
yingsar520 ۋاقتى: 2014-5-2 14:05:13 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نوكيا ماركىسدىكى يانفۇنلارنىڭ بازىرى چىقىپ كەتمىگىتتى ...来自: Android客户端

25

تېما

243

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1930
ئاقچا
0
QQ
ئويغان1 ۋاقتى: 2014-5-2 14:20:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە گەپ تېمىدىكى «نوكىيا» دىگەن ماركا ئەمدى مەۋجۇت بولماس دىگەن گەپ ؟ نوكىيا ئەمدى تېلفۇن ئىشلىمەمدىكەن

9

تېما

597

يازما

441

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1998
ئاقچا
0
Ahmetjan88 ۋاقتى: 2014-5-2 14:45:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف.....نوكىيا كۆزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈنىدۇ ھازىرمۇ نوكىيا x3 نى ئىشلىتىمەن شۇنداق ئوماق来自: Android客户端

1

تېما

158

يازما

439

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1221
ئاقچا
0
لەغمەن ۋاقتى: 2014-5-2 15:07:27 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarem يوللىغان ۋاقتى  2014-05-02 11:25:23
خەتلەر پەقەتلا ئۇلاشماپتۇ  ئوقىماق بەك تەسكەن

شۇنداق نورماغۇ مەكتەپتە ياخشى ئۆگەنمىگەنمۇ来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش