ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 17

[ياردەم] تەكلىپ:

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەكلىپ:
مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرچە دېتاللارنى ( كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى بولسۇن ياكى يانفۇن ئەپ دېتاللىرى بولسۇن ) يەرلىكلەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇۋاتقانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىراق مۇشۇنداق بىر ياخشى ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلەيدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمئىيىتى كەم بولۇۋاتىدۇ.
ئىلگىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى(ئۇ ك ئى ج- ukij) قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.
مەيلى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى(ئۇ ك ئى ج- ukij) ئاساس قىلىپ تەشىكىللەنسۇن، ياكى شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتىدىكى پىشقەدەم ھەم ياش كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولسۇن،  ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
بۇنىڭدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن.
1. ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملىرىگە مۇۋاپىق كېلىش كەلمەسلىك.
2. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ياكى كەلمەسلىكى.
3. ئومۇملاشتۇرۇش ئۆلچىمگە مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكى.
4. يۇمشاق دېتال يەرلىكتۈرۈشتىكى تۆھپسىنى( ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلسىلا )مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە
دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاش-رېغبەتلەندۈرۈش.
بۇنىڭدا ئەلىۋەتتە ئالدى بىلەن پىكىر بىرلىكى بولۇش كېرەك، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىش كېرەك.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-2 11:28:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئويلاپسىز
ۋاقتى: 2014-5-2 11:35:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلا بەك جىق بوپكەتتى لىكىن ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇ ئەپ كە ئۇيغۇر
چە قوشۇدىغانلار بەكلا ئاز ھازىچە يۈزەكىلا تەرجىمە قىلغان بىلەن نەشىر يىڭىلىسا يەنە خەنچە شۇڭا جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغاندىكىن ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ تىل ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىسە مىڭگۈلۈك بولسا دىگەن ئۈمىتتە مەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-2 11:38:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdusalamjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:35
مەن ئويلايمەن ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلا بەك جىق بو ...

مەنمۇ دەل سىزدەك ئويلىغان بۇ بىر  ئاقىلانە پىكىر.
ۋاقتى: 2014-5-2 11:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن.
ۋاقتى: 2014-5-2 11:56:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلار ئاز
ۋاقتى: 2014-5-2 12:49:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdusalamjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:35
مەن ئويلايمەن ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلا بەك جىق بو ...

ما گەپنى بىلمى بارلار ئۇيلىشىپ باقساق بۇلغۇدەك.ئۇرگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپلەردە ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى بۇلسا شۇ يەردىن تاللاپ ئىشلەتسەك ياخشى بۇللاتتى .
ۋاقتى: 2014-5-2 12:56:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا گەپ بولدى ، مۇشۇ ئىشلارنى بىر ھەل قىلساق بۇلاتتى
ۋاقتى: 2014-5-2 13:36:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdusalamjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:35
مەن ئويلايمەن ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلا بەك جىق بو ...

مەنمۇ سىزدەك ئويدا ،   قوللايمەن100%
ۋاقتى: 2014-5-2 13:38:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن  ياخشى پىكىر بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-5-2 13:48:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بولدى قوللايمەن
ۋاقتى: 2014-5-2 13:53:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-5-2 15:18:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ياخشى پىكىرنى ھەممەيلەن قوللايدۇ دەپ ئويلايمەن چۈنكى بۇنى قايسى تەرەپتىن ئويلايلى يەنىلا ئۆزىمىز ئۈچۈن،لىكىن ھەممە ئادەم ئالاقىگە ماھىر بولمايدۇ،شۇڭا ئالاقە يوللىرىنى بىلىدىغانلار باش بولۇپ باشقىلانى يىتەكلەپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارسىكەن دىگەن ئۈمۈتتەمەن
ۋاقتى: 2014-5-2 15:19:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىمىز شەكسىز بىر ، ئەمدى ئىككىنچى قەدەم…
ۋاقتى: 2014-5-2 19:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز، ئورگان تەرەپبىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز
تۆپە قوشۇۋاتقانلارمۇ خېلى باردەك لىكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ نامى شەرىپىنى داۋراڭ سالمايدىكەن مەسىلەن
(sahran) ئەپەندىمدەك. ئورگان تەرەپبىلەن ھەمكارلاشقاندا تەرجىمە ئەپلەر يېڭىلىنىپ تۇرسىمۇ ئانا تىلىمىز
چۈشۈپقالماي تەڭ تەرەققى قىلىپ ماڭاتتى ھەممۇقىم،ئىملاسىنىڭ سۈپىتىمۇ كۆتۈرلەتتى تەكرار ئەمگەكتىن  ساقلانغىنى بولاتتى  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش