- جۇغلانما
- 1730
UID872
تىزىملاتقان2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم2015-4-30
توردا194 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1730
- ئاقچا
- 8
|
بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانىلىقىغا باغلىق ، نوقۇل ھالدا بۇنى ئۆگەنسەڭ بۇنچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. گەپ سىزنىڭ قانداق پىروگرامما يېزىشىڭىزغا باغلىق بۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاقىت چەكلىمىسىنى بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
مەسىلەن : ئاددىي بولغان ھېسابلىغۇچ ، قويغۇچ، خاتېرە دەپتەر دېگەندەكلەرنىڭ كودىنى يېزىش بىلەن چوڭ بولغان باشقۇرۇش سېستىمسى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ماھايەتتە ھەممىسى پىروگرامما يېزىش كود يېزىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
سىزنىڭ ئۆگىنىشتىكى مەقسىدىڭىز ئېنىق بولۇشى كېرەك.
ئۈگۈنۈشنى ئەمدىلا باشلاپ چوڭ پىروگراممىلارنى يېزىشقا تۇتۇش قىلماڭ ، چۈنكى بۇجەرياندا سىز ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن كىچىك مەسىللەرمۇ بېشىڭىزنى قاتتۇرۇپ تىرىشچانلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سېپىشى مۇمكىن. ئىشنى ئەڭ ئاددىي كىچىك پىروگراممىلاردىن باشلاڭ قانۇنيەتنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.
بەك يۇقرى دەرىجىدىكى مۇكەممەللىكنى قوغلاشماڭ ، بۇنداق بولغاندا ئىشلىگەن ئىشىڭىزنىڭ ئاسانلىقچە ئاخىرى چىقمايدۇ.
پىروگرامما كود يېزىش بولسا ئۆگەتكۈچى ھەممىنى سىزگە ئۆگۈتۈپ بولالمايدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ جانلىق قوللىنىشىڭىز ۋە مول تەسەۋۋۇر تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق يېتىلىپ چىقىدىغان نەرسە.
سىز ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ئىكەنسىز، سىز ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئۆگۈنۈش پۇرسىتى بار دېگەن گەپ بىزگە ئوخشاش كۈندۈزى ئىشلەپ كېچىسى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈدىغانلارغا قارىغاندا سىز يەنلا نۇرغۇن بىلىم ئېلىش شارائىتىگە ئىگە دېگەن گەپ .
ئەڭ ياخشىسى ھازىردىن باشلاپ ئۆگۈنۈڭ ، مەكتەپ پۈتتۈرگىچىلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنۈپ كېتەلەيسىز. ئەتە ئۆگۈنەي .... ئەتە ئۆگۈنەي ......دىن ئەتە دېپلومنى ئېلىپ قايتىمەن .... دېگەن كۈنلەرگە ئۇلىشىپ كېتىسىز. ئەڭ ياخشى ھازىرلا باشلاڭ . توردىمۇ نۇرغۇن دەرسلىكلەر بار. نۇرغۇن ماتېرىياللار بار . گەپ يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق. تىرىشىڭ !
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە!
ئەڭ ئاخىردا سىزدىن بىر سوئال سوراي ، سىزنىڭ پىروگراممىر بولۇشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟ |
|