ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 32

تاۋباۋدا يانفۇن رېمۇت كەسپى ۋە يانفۇن تىجارىتى .

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 14:07  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، كۈنلىرىڭلار ياخشى ئۆتىۋاتامدۇ ،پېقىر ئۇيغۇرىيەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئالىپقا تىما يوللىيالمىدىم ،كەچۈرگەيسىلەر.

بۈگۈن بىز تاۋباۋ تورى ئارقىلىق يانفۇن رېمۇنت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدا دەرسلىك سۆزلەيمىز.

كېرەكلىك بۇيۇملار:تاۋباۋدا دۇكان ئاچىسىز ، خەنچە سەۋىيە بولۇشى كېرەك(تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيە بولسا بولىدۇ.)يىشىڭىز 18گە توشمىسا ئاتا ئانىڭىز، ئاكىڭىز نىڭ رەسمىيەتلىرىدە ئاچسىڭىز بولىدۇ (بۇ توغۇرلۇق كىيىن ئايرىم توختىلىمەن.)بىر دانە ئوتتۇرھال تىپتىكى تورغا ئۇلانغان كومپىيوتىر.

تاۋباۋدا دۇكان مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كىيىن ساتىدىغان مېلىڭىزغا قاراپ كاپالەت سوممىسى تاپشۇرىسىز ،ئادەتتە تۆۋىنى 1000يۈەن،يانفۇن كەسپىنىڭ تۆۋىنى 10000يۈەن. بۇ پۇلنى تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،ئەمما مېلىڭىز ئىككىنچى قول بولۇپ چىقىپ قالىدۇ.يانفۇن رېمۇنت كەسپى  ىلەن شۇغۇللانسىڭىز تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.لىكىن ئەمما تەۋسىيىرىم ،ئىشەنچ دەرىجىسى ئۈچۈن بولسىمۇ تاپشۇرۇڭ. سودىنى مۇنداق قىلىسىز: قارشى تەرەپ سىزنىڭ مېلىڭىزنى سېتىۋالغاندىن كىيىن سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ كۇكۇ نومۇرنى سورىۋالىسىز ،ھەم ئۇنى چ چ رىڭىزغا قاچىلاپ يىراقتىن باشقۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئوڭشايسىز ،ئوڭشاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كومپىيوتىرىغا ئەۋەتكەن  دىتاللارنى مەڭگۈلۈك يۇيەتسىڭىز بولىدۇ.

خوش دۇكاننىمۇ ئېچىپ بولدۇق ئەمدى تاۋباۋغا قاراپ باقايلى:
مەن بۇ يەردە پەقەت بىر ئىككى ماركىلىق يانفۇننى مىسال قىلدىم :
捕获.PNG

يۇقارقى سۈرەتكە قارىساق بۇ 三星I9500/N7100/note3/N7000/I9300/I9100/I9220 يانفۇنلارنى روتلاش،كېسەكتىن قۇتقۇزۇش ،ھەم سىسىتىما يېزىش مۇلازىمىتىكەن ،مۇلازىمەت ھەققى ئون يۈەن،لىكىن سىز دۇكان ئچسىڭىز 20يۈەن قىلىپ چىقارسىڭىزمۇ ئالىدىغانلار كۆپ ،قېنى ئاۋۇ سىزىپ قويغان يەرگە قارايلى :30كۈن ئىچىدە 1840تال سېتىلىپتۇ ،ئون يۈەندىن ھېسابلىساق 18400يۈەن دىگەن گەپ ،پىچەتمىكەن؟ ئەمدى بۇنداق چوڭ ھېسابلىماي بىر ئايدا 200سېتىلدى دىسەكمۇ 2000يۈەن بولىدۇيەنە كىلىپ بۇ دۇكانغا بەلكىم سەنشىڭ يانفۇنلارلا بولماي باشقا ماركىدكى مەسىلەن :ئالما ،ھەم باشقا يانفۇنلارمۇ بولۇشى مۇمكىن ،سىزمۇ شۇنداق بىرنەچچە خىل مالنى بازارغا سالسىڭىز بولىدۇ .
شۇنداق قىلىپ سىز دۇكىنىڭىزغا 4خىل مال سالدىڭىز بۇلار ،ئايرىم ئايرىم ،سەنشىڭ ،ئالما ،خۇاۋېي ھەم جۇڭشىڭ ماركىللىرى دەيلى ،ھەر بىر خىل مالدىن ئايدا 100تالدىن سېتىلسا  4خىلدىن 400تال ،ھەر بىرىنى ئەڭ تۆۋەن باھادا 10كوي دىسەك 4000كوي،20كويدىن بولسا 8000كوي بولىدۇ. ئۆينىڭ توك تور پۇلىغا 500يۈەن ھەم باشقا چىقىملارغا 1000يۈەن بولۇپ 1500كوينى چىقىرۋاتسەك قالىدىغان پايدىنى ئۆزىڭىز ھېسابلاپ باقسىڭىز بولىدۇ .
تاۋباۋنى ھەرگىز كىچىك كۆرمەڭ ،ئۇ دىگەن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى ،كۈنلۈكى نەچچە يۈز مىليونلۇق سودا بولىدۇ.،

ئەمدى يانفۇن تىجارىتى توغۇرلۇق قىسقا توختىلايلى ؛
تاۋباۋدا يانفۇن تىجارىتى كەسپى ئىنتايىن ئاقىدۇ ،مەسىلەن ؛مەن بۇ يەردە خۇڭمى يانفۇنىنى مىسال قىلاي.
捕获8888.PNG
بۇ رەسىمگە قارايدىغان بولساق بۇلار ئورگان تورى باھاسى 799كوي بولغان خۇڭمى يانفۇنى 898كويدىن سېتىپتۇ ،ئادەتتە بۇلار شىياۋمى شىركىتىدىن قوللاش گۇۋاھنامىسى ئالغاچقا ئەسلى ئورگان باھادا مال كىرگۈزەلەيدۇ .
بىر ئايدا 1288تال سېتىلىپتۇ.كىرانى ساتقۇچى كۆتۈرىدىكەن،ئەمدى كىراغا 20كوي كەتتى(ئىچكىردىن بىز تەرەپكە مال ئەۋەتسە كىراسى ئەرزان،بىز بۇ تەرەپتىن ئەۋەتسەك قىممەت).دەپ ھېسابلىساق ھەر بىر تالدىن 79كوي پايدا قالسا 1288تالدىن بىر ئايدا 101752كويلۇق پايدا قالىدۇ بۇنىڭدىن 20000كوينى چىقىمغا چىقىرۋەەتسەكمۇ قالىدىغان پايدىسى نەچچە پۇلكىن ،بۇنى ئۆزۈڭلار ھېسابلاپ بېقىڭلار.

ئەمدىكى مەسىلە ؛بەزى تورداشلار چوقۇم ،بۇلار ئىچكىردىكەن ،بىزشىنجاڭدا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفۇن تىجارىتى قىلساق مال بۇ ياققا كىلىپ ئۇ ياققا بېرىپ بولغۇچە ئۇزاق ۋاقىت كەتمەمدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭغا چۈشەنچە بىرەي:
پىرىنسىپى مۇنداق ،سىز تاۋباۋدىن مۇشۇ تىلفۇننى ئورگان تورى باھادا ۋە 800كوي باھادا ساتىدىغان بىر دۇكان بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ نەدىن مال ئەۋاتىدىغانلىقىنى بىلىۋالىسىز (كىراسىنى ئاشۇلار كۆتۈرىدىغىنىنى)،ئاندىن سىزمۇ دۇكىنىڭىزغا چىقارغان مالنى سېتىۋالغان باھادىن 50تىن 100گىچە قىممەت باھادا بازارغا سالىسىز ،يىڭى دۇكان ئاچقاندا بەلكىم سودا بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن تەشۋىقاتنى كۈچەيتسىڭىز دۇكىنىڭىز چوقۇم ياخشى بوپكىتىدۇ.ئاندىن مەلۇم بىرسى دۇكىنىڭىزدىن مال سېتىۋالسا،سىزدەرھەل قېشىڭىدىن پۇل چىقىرىپ بايا ھەمكارلاشقان ئاداشنىڭكىدىن شۇ مالنى سېتىۋېلىپ ئادرىسنى ئۇدۇل سىزدىن سېتىۋالغۇچىغا بارىدىغان قىلسىڭىزلا بولىدۇ ،بۇ ئۇسۇل 100% ئىشەنچىلىك ،ئادەتتە مەنمۇ ۋە تاۋباۋدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇنداق دۇكان ئاچىدۇ.

ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتەيكى :تاۋباۋدا قۇيمىچىلىق قىلىمەن دەپ ئويلىماڭ .دۇكىنىڭىز تاۋباۋ تەرەپتىن كۆزىتىلىپ تۇرىدۇ ،قۇيمىچىلىق قىلسىڭزى بەلكىم دۇكاندىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز.ھەمدە مەشغۇلاتقىمۇ پۇختا بولۇڭ.سىز ناھايتى ياخشى ئادەم بولۇپ مەشغۇلاتتا بىخەستىلىك قىلسىڭزىمۇ بەلكىم ئوخشاش جازاغا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

مەنمۇ 2013-يىلى10-ئايدىن باشلاپ تور دۇكىنى ئاچقان بولۇپ ئارقا ئارقا ئىككى دۇكىنىم خاتا مەشغۇلات(مال باھاسى بازار باھاسىدىن تۆۋەن ،)دىگەن بەتنام بىلەن پىچەتلىنىپ ئۈچىنچى دۇكىنىمنى يېقىندا ئاچتىم بىر ئايدا ئونمىڭ سوم ئەتراپىدا سودا بولىدۇ ،ماللاردىن خۇڭمى ،قىزىل كالا يانفۇنى بار،سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ،كاپالەت سوممىسى كۆپ بولغاچقا تۆلىيەلمەي قالدىم ،شۇڭا ماللىرىم ئىككىنچى قول بولۇپ چقىدۇ ،ئەمما كاپالەت قىلالايمەنكى ،خاتىرجەم سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ،يەنى پېچىتى ئېچىلمىغان ،بىر يىللىق پۈتۈن مەملىكەت كاپالىتى ،7كۈن ئىچىدە قايتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاچقان شۇڭا خاتىرجەم سېتىۋالسىڭز بولىدۇ ،(ئىككىنى بىر ۋاقىتتا ئالسىڭىز شىياۋمى 10400ئاپمىرلىق كۆچمە باتارىيىدىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن ) ھازىرقى پىلانىم ئاللا خالىسا بى يىل ئىچىدە تىيانماۋغا كىرىش .مۇمكىن بولسا تورداش قېرىنداشلار بىر بىرىمىنى قوللايلى،بەلكىم مۇنۇ تما تەستىقلىنىپ چىقسا ،بەزى تورداشلار ،تىما يازىمەن دەپ ئۆزى تەشۋىق قىلۋاپتۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن ،لىكىن ئابدۇكېرىم ئابلىز ،قايسى بىر زىيارەت خاتىرسىدە ،بىزدە ئۆز مىللىتىنى قوللاش بەك ئاز،شۇڭا بەزى كارخانىچىلىىمىز ،دۇكاندارلار،تىزلا ۋەيران بولىدۇ دېگەن،شۇڭا مۇمكىنبولسا بىر بىرىمىزنى قوللايلى.
تور دۇكىنىم:ئۇزنۇر تور دۇكىنى

بۇ تىما پەقەت ئالىپ مۇنبىرىگە خاس ،باشقا ھېچقانداق مۇنبەرگە يوللاشقا بولمايدۇ ،ئەگەر يوللىماقچى بولسىڭىز مېنىڭ تەستىقىمنى ئېلىشىڭىز كىرەك.بۈگۈن پەقەت تاۋباۋ توغرىسىدا كىچىككىنە توختالدىم ،قالغىنىنى ئايرىم ئايرىم توختىلىمەن.ئەگر تىما يارىغان بولسا ئاستىدىكى  جەۋھەرلەشنى بېسىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىيىنقى قېتىملىق تىمىدا تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش، باشقۇرۇش توغرىسا سۆزلەيمەن.
ھۆرمەت بىلەن :ئۇيغۇرىيا.2014-يىلى4-ئاينىڭ30-كۈنى


جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-30 16:06:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن .........تاۋباۋدا يانفۇن ساتىدىغان قېرىنداشلار بارمىدۇ  ؟؟؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-30 16:12:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
حمداللە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 16:06
ياخشى ئىشكەن .........تاۋباۋدا يانفۇن ساتىدىغان قېرىنداشل ...

كەمىنە پېقىر
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-30 16:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتىر ئالدىدا مۇقىمراق ئولتۇرالايدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بىر بىلىمكەن بۇ. چۈشەندۈرۈشىڭىز ئەتراپلىق بوپتۇ. رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-30 16:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuprak908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 16:46  

سىز بەك ئاسان چاغلاپ قالدىڭىزمۇ قانداق بۇ تاۋباۋچىلىقنى .......
ۋاقتى: 2014-4-30 16:48:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 17:04  

راستىنلا سىز دىگەندەك پۇل تاپسا بۇ يولداشلا تاۋباۋ ئاچماي شنجاڭغا كىلەمدۇ؟ سىزنىڭ تاۋباۋدا ئىشەنچ دەرجىڭىز بولمىسا ئايلاپ -ئايلاپ سىزنىڭ دۇككىنڭزغا ئادەم كىرىپ كۆرۈپمۇ قويمايدۇ ،تاباۋدىكى تىلفون رىمۇتچىلىقى ئۇنداق ئەزان ئەمەس قاراپ بېقىڭ ھەتتا بىر كويلىقىمۇ بار ،بىرەسى كىرىپ ئەزانكەن دەپ ئىلىپ قويمايدۇ ،كىرىپ سوراپ بېقىڭە نەچچە پۇل دەيدىكىن سىز دىگەن ئاشۇ دۇككاندىكى 10كويلۇقنى ،ئەرزىنى روت ئېلىش ئەڭ ئەزان دىگەندە 20يۈنگە قىلىدۇ .10كويغا بىر كۈن ئولتۇرۇپ يالھۇرسىڭىزمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ ،ئۇ يېزىپ قويغان باھالار شەكىل خالاس .تاباۋ تۇرىدا تاۋباۋنىڭ تۈزىمىگە بويسۇنسىڭىز بىكادىن بىكار سىزگە بەتنام چاپلاپ تاقىۋەتمەيدۇ.سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولسا سىز ھىچ بولمىغاندا تور دۇككىنىڭىزدىن بىر نەچچە تىلفون ساتسىڭىز توغرا بولاتتى لىكىن ھازىرغىچە بىرەنىمۇ ساتالماپسىز ،سىزنىڭ ھازىرقى تور دۇككىنىڭزنىڭ ئىشەنچ دەرجىسىدە بىر ھەپتىدە بىرەرمۇ تىلفون ساتالمايسىز،بىز قىلمىغان ئىش ئەمەس بو ،ھەممە ئىشنى تاشلاپ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەشۋىقات قىلسىڭىز قان تەر سەرىپ قىلسىڭىز بولىدۇ ،ھەممە ئىش يولىدا بولسۇن بەك ئاشۇرۇۋىتىپ باشقىلانىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلمايلى   
ۋاقتى: 2014-4-30 16:58:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە قانداقلا  ئىشقىلايلى ھەممە ئۈزىمىزگە باغلىق     …
ۋاقتى: 2014-4-30 17:08:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىېمنى قوللاپ تەشۋىق قىلاي دىگەنتىم مەن تېخى ئەمدى تاۋباۋغا تىزىملىتىشنى ئۈگنىۋاتقانتىم
ۋاقتى: 2014-4-30 17:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاكالەت پۇلى تاپشۇرمىسا دۇكان ئېچىلمايدىكەنغۇ ؟ ئاچقىلى بولسا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز ....رەھمەت ؛
تور بەت كودلىرى ، قىستۇرما ، ئۇسلۇب  دىگەندەكلەرنى سېلىشقا ئىشلىتەتتۇق ، ئىككىنجى قول بولۇپ قالسىمۇ مەيلىدى - ياردەم قىلسىڭىز ....
ۋاقتى: 2014-4-30 17:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقلىپ  تەشۋىقاتنى ياخشى قىلسا ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلسىلا ئۇزۇنغا قالمايلا خېرىدار لار كۆپىيشى ئېنىق ، بۇنىڭدا يەنىلا ئىشەنىچ دەرىجىسگە قارايدۇ شۇ ، قايسى دۇكاندا جىق سېتىلغان بولسا شۇ دۇكاندىن ئالىدۇ خەقلەرمۇ . لىكىن بىر بىر مىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرسەك شۇ خەنلەرگە بەرگەن پۇلنى ئۆز قېرىنداشلىرمىزغا بەرسەك بولىدۇ ئەمەسمۇ

باھا سۆز

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! قوللاشمىساق تۈگۈشىدىغان گەپ  ۋاقتى: 2014-4-30 21:30
ۋاقتى: 2014-4-30 17:23:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا سودىڭىز راۋاجلانسۇن قىرىندىشىم باشقا نەرسىلەردىنمۇ كىرگۇزۇڭ دۇككىنڭىزغا بىر ئشقىلا قاراپ تۇرماڭ  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-30 17:52:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilam يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 16:48
راستىنلا سىز دىگەندەك پۇل تاپسا بۇ يولداشلا تاۋباۋ ئا ...


يولداشلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى بىلەن تور سودىسىنى باغلىۋالسىڭىز بولمايدۇ ،بىرىنچىدىن سىز ئەنئەنىۋى سودا قىلسىڭز 1.باج تۆلەيسىز2.دۇكان سېتىۋالسىز ياكى ئىجارە ئالىسىز 3.تۈرلۈك رەسمىيەت بېجىرىسىز،ئەمما تور سودىسىدا بۇلار لازىم ئەمەس،لىكىن زېھىن سەل ئۇپرايدۇ ،خەنچە بىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئەمدى ئىچكىرگە قاراپ باقسىڭىز بىر ئۆلكىدە نەچچىلىك نوپۇس باكەن ؟خېنەندە ئادەتتە بىر نوپۇسقا 2پۇڭ يەر توغرا كىلىدۇ،شۇ ۋەجىدىن يولداشلار شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە ۋە شۇ ئىچكىرنىڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتىگە ئىشلىگىلى كىلىدۇ ،چۈنكى شۇ شىركەتلەر ،شىنجاڭغا كەگەندىن كىيىن بۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئەكىلىپ ئىشقا سالىدۇ .

سىز بۇ ھەقتە مايۈننىڭ كىتابلىرىنى كۆپرەك ئوقۇپ باقسىڭىز ،مۇمكىن بولسا بۇ يىلقى ئالىبابا يەر شارى سودا يىغىنىغا قاتنىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك
ۋاقتى: 2014-4-30 17:58:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل سەۋيەسى ياخشى قېرىنداشلار ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك . ياخشى بىلىمكەن
ۋاقتى: 2014-4-30 18:00:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 18:04  

ئۇنداق ئاسان ئىش يوق
ۋاقتى: 2014-4-30 18:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى قول مال بولسا ئالدىغانلار چىقماس.........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش