ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1608|ئىنكاس: 19

[دائىملىق دېتاللار] يېزىق تونۇش سىستېمىسى ABBYY OCR

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
OCR ئېنگىلىزچە Optical Character Recognition دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، خەت بويچە تەرجىمە قىلسا ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تونۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كىتاپ، قەغەزلەردىكى يېزىقنى رەسىم ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ئەكىرىپ ئۇنى  OCR سىستېمىسىدا تېكىستكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ABBYY Fine Reader مۇشۇ ساھەدىكى دۇنيا بويچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان سىستېما بولۇپ، خەنزۇچە، ئەرەپچە، تۈركچە، ئېنگىلىزچە.... قاتارلىق دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنى رەسىم ھالەتتە تېكىستكە ئايلاندۇرالايدۇ.
مەن ئەرەپچىگە توغىرلاپ قويۇپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى تونۇتۇپ باقتىم، %30 ئەتراپىدا تونۇيدىكەن.

fr11_arabic.png

بۇ رەسىمدىكىسى ئەرەپچىنى تونۇۋاتقاندىكى ھالەت. سول تەرەپتىكىسى رەسىم، ئوڭ تەرەپتىكىسى تېكىست.
قىزىققۇچىلار سىناپ بېقىڭلار، بولۇپمۇ خەنزۇچە خەت باسىدىغانلار ئىشلەتسەڭلار نۇرغۇن ۋاقتىڭلارنى تىجەپ قالىدۇ.
چۈشۈرۈش

شىنجاڭ ئونۋېرستىتى، چىڭخۇا ئونۋېرستىتى ياساپ چىققان ئۇيغۇرچە OCR سېستىمىلىرى بار. ئۇلارنىڭ ياسىغىننىڭ ئۇيغۇرچىنى تونۇش نىسبىتى تۆۋەن ئىكەنتۇق. ئۇيغۇرچىنى تونۇش نىسبىتى يوقىرى بولغان  OCR سىستېمىسى بارلىققا كەلسە توم-توم كىتاپلار تېز سۈرئەتتە كومپىيۇتېر، تورغا كىرىپ ئۇچۇر بايلىقىمىز موللىشاتتى.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-29 20:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2014-4-29 20:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى بۇ سىستىما
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-29 20:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  مۇشۇنداق  دىتاللار  بولسا    كىتاپلىرىمىز   ۋە    ھەرخىل  تىللاردىكى  لوغەتلەرنى  ئىلىكتىرونلۇق قىلىشقا  ئاسان  بۇلاتتى....

قاچانمۇ   100%    شۇنداق  قىلالايدىغان   دىتال   بارلىققا   كىلە  ؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-4-29 21:22:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇييۇ......
ۋاقتى: 2014-4-29 21:22:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن  رەھمەت
ۋاقتى: 2014-4-29 21:33:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز
ۋاقتى: 2014-4-29 21:38:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-4-29 21:40:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-4-29 21:41:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى دىتالكەن،بىزدە ھازىر ئېلكىتابلار خېلى ئاۋۇپ قالدى،بىراق ئاساسەن رەسىمگە تارتىلىپ ياسالغان.نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخى كىتابلىرىمىز نەشىر ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغاچقا كونىراپ كەتكەن،رەسىمگە ئېلىپ ئېلكىتاب قىلىپ ياسىغاندىمۇ ئوقىغان ئادەمنى بىئارام قىلىپ ئوقۇش قىيىنغا چۈشىدۇ.بۇ دىتال بولسا تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ،ئالاقىدار دىتاللار بىلەن تۈزەپ تەييارلاپ ياسىسا، يانفۇن كەڭ ئۇمۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىمىزغا زور قولايلىق تۇغۇلاتتى.
ۋاقتى: 2014-4-29 21:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنۋاڭ شىركىتى بىرنى ياسىدى، تونۇتۇش نىسبىتى خېلى يۇقىرىكەن دېگەندەك گەپلەر بولۇۋاتاتتى بىر چاغلاردا. ئەسلىدە مەبلەغنى مۇشۇنداق ئىشلارغا سالسا ئوبدان بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-4-29 21:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   royharry تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 22:03  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن مۇشۇ تىمىدا ماقالە يازاي دەپ قولۇمغا ھىچ قەلەم ئالالماي تۇرغان،ئالىپ ئەپەندى ئۆزى گەپ تىشىپتۇ!ئۇيغۇرچە خەتنى تونۇيدىغان ocrئىنتايىن مۇھىم قۇرال ،بۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىمى رەڭ،تۇراق پەرقى ئارقىلىق خەت شەكىلىنى (font)نى سىلىشتۇرۇپ يىزىق ھاسىل قىلىدۇ !!سىز دىگەن ABBYY Fine Reader دىن باشقا نۇرغۇن مۇشۇندا دىتاللار بار،لىكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەقسىز ئىقتىدارى ئەڭ ياخشىسى ABBYY Fine Reader !
يىزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى توغرىسىدا سەل تونۇشى بار دوسلار بۇ توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ باقساڭلار،مۇشۇ دىتالنىڭ مەنبە ئارخىبىغا كىرسەڭلار بۇ دىتال ئايلاندۇرالايدىغان يىزىقلارنىڭ تونۇش ھۆججىتى بار،مىنىڭ بىلىشىمچە بۇلار ئاساسەن شۇ يىزىقنىڭ فونتىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسالغان!!
ABBYY Fine Reader  سىلاۋىيانچەۋە لاتىنچە ھەربلىك ئۇيغۇر يىزىقىنى تونۇيدۇ،لىكىن ئەرەبچە يىزىققلىق ئۇيغۇر يىزىقىنى تونۇمايدۇ !
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىىتى بۇرۇن مۇشۇنداق بىر دىتالنى ياسىغان تولۇق مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىھتىياجى بولمىغاچقا يا ھەقسىز تارقىتىۋىتىشكە چىدىماي  كىيىن باستۇرۇپ قويغان ،
بىزنىڭ يىزىقىمىزدا ئارانلا 84 فونت بار،بارلىق يىزىق بەلگىلىرىنى يىغىپ كەلسىمۇ 130 تىن ئىشىپ كەتمەيدۇ ،لىكىن بۇ توغرىدا ئىزدىنىش ياكى بىرەر يۇمشاق دېتال ياسىغۇچى خالىس خىزمەت قىلمىغاچقا بۇ ئىش روياپقا چىقمىدى،خەنچە،ياپون،كورىيەچىدەك نەچچە مىڭ بەلگە يىزىقلىق تىللارمۇ بۇ دىتالدا تونۇيدۇ ،بىزنىڭ يىزىقىمىز بۇ دىتال تونۇيدىغان ئەرەبچە(بۇ دىتال لۇغەتى قوللايدۇ يەنى ئاپتوماتىك تۈزۈتۈپ ماڭىدۇ)،كوردچىدىن كۆپ ئاسان بولسىمۇ نىمىشقا ئۇيغۇر يىزىقىنى قوللىمايدۇ ؟؟
ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە بىز بۇ دىتالغا بەك ئىھتىياجلىق ،نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يىزىپ كىرگۈزۈپ بولغىلى بولمىسا مۇشۇنداق دىتاللار ئارقىلىق بىردەمدە كىرگۈزگىلى بولىدۇ !!
بىر قىسىم بىلىمىلىلك دوستلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئايىماي بۇ توغرىدا خالىس بىر ئىزدىنىپ كرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-29 22:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
royharry يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 21:54
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن مۇشۇ تىمىدا ماقالە يازاي دەپ قو ...


بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىلىك تورىدا بىرەيلەن سۈنئىي نېرۋا تورى  (人工神经网络,Artificial Neural Network) دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە ocr ياساۋاتىمەن دەۋاتاتتى. كېيىن قانداق بولدى، نەتىجىسنى بىلمىدۇق.
سۈنئىي نېرۋا تورى پىروگراممىنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان بىر خىل ماتېماتكىلىق ئۇسۇلكەن. يەنى ھازىرقى پىروگراممىلار لوگىكىلىق ھېسابلاش ئارقىلىق بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئۇرۇنلايدۇ. ئەمما سۈنئىي نېرۋا تورىدا پىروگرامما ئادەمدەك ئۆگىنىش ئىقتىدارىگە ئىگە بولىدىكەن. ocr نى سۈنئىي نېرۋا تورى ئارقىلىق ياسىسا قولدا يازغان خەتنىمۇ تونۇيدىكەن. يەنى ئاۋال بىرەر مىڭ ئادەمنىڭ قوليازمىسىنى پىروگرامما تەھلىل قىلىپ ئۆگىنىدىكەن، كېيىن باشقا قوليازمىنى شۇ ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا تونۇيدىكەن.
ۋاقتى: 2014-4-29 22:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 22:13
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىلىك تورىدا بىرەيلەن سۈنئى ...

Artificial Neural Network ھىسابلاش ئۇسۇلى OCR غا قارىغاندا كۆپ ئىلغار،مۇرەككەپ ،بۇ چاققا ئاللىبۇرۇن ياساپ بولدى،لىكىن سودا خاراكتىرى ئۈچۈن ياسالغان بولسا ھەقسىز تارقاتمىغاندۇ .
ئوقۇتقۇچىمىز ئالىم ئەھەت بۇ تۈرگە قاتناشماپتىكەن ،لىكن تولۇق مۇۋاپىقىيەت قازانغىنىنى بىلىدىكەن.يىقىندا بۇ توغرىدا ئۇچۇر ئالسام ئالتە يەتتە يىلدىن بىرى توپا بىسىپ قالغان سىستىمىنىڭ سىتىلىش باھاسى 60مىڭ يۈۋەن كەن!!
لىكىن مىنىڭچە يىزىق بىر تەرەپ قىلىشتا بەكرەك ئىزدەنگەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە كومپيۇتىر ئوقۇغانلارمۇ OCRدا ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان قىلاللىشى مۇمكىن،
ۋاقتى: 2014-4-29 22:35:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەققەتەن ياخشى دىتالكەن ،
بولسا ئۇيغۇرچىنى تۇنۇغان بولسا......
بىراق باشقا تللارنى تۇنۇغان ئىكەن چۇقۇم ئۇيغۇرچنى  تۇنۇتقىلى  بۇلدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش