ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 823|ئىنكاس: 6

[بىلىم، تەجرىبە] WP8.1 كېرەكسىز سېستىما ئەپلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەگەردە WindowsPhone تېلىفۇنىڭىز بولسا، تېلىفۇنغا ئالدىن قاچىلانغان بەزى ئەپلەرنى ئۆچۈرىۋېتىش خىيالىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ!
  تور يازمىلىرىدىن كۆرە، پەقەت تېلىفۇنىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋاقتىنى 100 يىل ئالدىغا، رايۇن تەۋەلىكىنى Amsterdam غا تەڭشەپ قويسىڭىزلا  زاۋۇت تەرەپتىن قاچىلانغان ھەرقانداق ئەپنى ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىكەن. ھەتتا Windows8.1 نىڭ Storage Sense قاتارلىق سېستىما ئەپلىرىنىمۇ خالىغانچە ئۆچۈرگىلى بولىدىكەن.
1. ۋاقىت ۋە رايۇن تەڭشىكىن ئېچىپ

2. ئاپتوماتىك ۋاقىت تەڭشەشنى تاقاڭ ۋە ۋاقىت، رايۇن تەڭشىكىنى قولىڭىزدا ئۆزگەرتىڭ.

3. رايۇننى Amsterdam(UTC+1:00) قىلىپ تاللاڭ

4. ۋاقىتنى 100 يىل ئالدىغا سۈرۈڭ

5. ئاندىن ئەپلەرنى خالىغانچە ئۆچۈرۈشكە باشلاڭ(قىزىقارلىقى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنىڭ يىنىدا سېتىۋىلىش ناملىق بىر كونۇپكىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، باسسىڭىز App Store غا كىرىدىغانلىقىنى كۆرىسىز)

لېكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى:
  پەقەت بەزى ئەپلەر كۆزىڭىزگە پەقەت سىغماي قالمىغان بولسىلا، سېستىما ئەپلىرىگە چىقىلماڭ. WP قالايمىقان زاۋات تەرەپ ئەپلىرىدىن Android قا قارىغاندا خالىي بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم تېلىفۇنلارغا مەجبۇرى ئالدىن قاچىلانغان QQ, UC...  ۋە باشقا كونا نەشىردىكى ئەپلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولسىڭىز يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
تاساددىپي سېستىما ئەپلىرىنى خاتا ئۆچۈرۈپ قويسىڭىز ئۈچىنچى تەرەپ قوراللىرى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ  قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ.OEM ئالدىن قاچىلانغان ئەپلىرىنى ئۆچۈرسىڭىز سېستىمىنىڭ نورمال يۈرىشىشىگە تەسىرى بولىشى مومكىن، شۇڭلاشقا يەنىلا قالايمىقان ئۆچۈرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز! خاتا ئۆچۈرۈلگەن ئەپلەرنى قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېتال: جوڭگۇ رايۇنى   | ئامرىكا رايۇنى

مەنبە: ithome.com دىن ئۆزلەشتۈرۈلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-29 14:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي،  نىمىدىگەن ياخشى،

مەن دەرھال سىناپ باقاي!

رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2014-4-29 17:48:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇل سەنشىڭ تىلفۇنلىرغىمۇ بۇلامدىغاندۇ
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-29 20:06:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش wp8نىڭ دىرىكتورى Joe Belfiore پەيشەنبە كەچ سائەت 11 دا Reddit دىگەن تور بەتتە تورداشلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىدىكەن،http://www.reddit.com/search?q=Joe+Belfiore كىرىپ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە توغۇرلۇق سۇئال سورىساق بۇلىدىكەن. شۇڭا ئىنگىلىسچە بىلدىغان تورداشلار شۇ ۋاقىتتا ئازىراق ۋاقىتنى چىقارسا سۇراپ باقساق ئۇيغۇرچە توغۇرلۇق.
يەنە چەتئەلدىكى تورداشلار tweetدا مۇشۇ Joe Belfiore دىگەننىڭ  بىتىگە كىرىپ ئانچە مۇنچە كىرىپ سوز قالدۇرۇپ بىشىنى ئاغرىتىپ تۇرساڭلار  ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ۋە تىل بولىقىنى قاچان چىقىرىدۇ بۇلار .
intil.cn
ۋاقتى: 2014-4-29 20:27:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم مۇئەللىم بىلەمدىغاندۇ. بۇ ئۇچۇرنى.
ۋاقتى: 2014-5-6 20:01:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bolmaydikan
ۋاقتى: 2014-5-7 21:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نوكىيا 525 شىياڭگاڭ نەشىرنى قاچلاپ ئىشلىتۋاتمەن بىرلەشمىنىڭ ئەپلېرىدىن قۇتۇلدۇم شۇنداق پاكىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش