ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 769|ئىنكاس: 30

خاتىرەمدىن(7) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە(2)!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                    
               
QQ截图20140427122613.png

   ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!  ئاۋال ئېلىكىتابىنى چۈشۈرىۋېلىڭ : http://yunpan.cn/QNbJBicsHZFqF (访问密码:db81)
    خاتىرىمىز ۋاراقلىنىۋاتىدۇ ...ھىكايىمىز داۋاملاشماقتا سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەنتۇق؟
The_New_York_Times_alt.png

ھە راس 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندى. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غايەت-نەتىجىلەرنىڭ بىرى ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خاتىمە تامغىسى ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەقىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولغان كومپىيۇتېرنىڭ يېڭى ھاياتى ، تېخىمۇ قىززىق سەرگۈزەشتىللىرى مانا ئەمدى باشلىندۇ.
ئىلگىرى ئۇنچە قەدرى بىلىنمىگەن بۇ قەھرىماننىڭ قەدرى  شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىكى ئاجايىب (جەڭ ماھارىتى)  ئارقىلىق رەسمى كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى،ئىلگىركى   قورال ياراغ ياساش ، جەڭ پاراخوتى ياساش ، خېمىيىلىك بومبا – يادرو تەتقىقاتىغا قىرغۇچى ئايروپىلانلارغا سېلىنغا غايەت-زور مەبلەغلەر گەرچە قىلچىلىك تۆۋەنلىمىگەن بولسىمۇ ، دۆلەتلەر يەنە شۇنىمۇ ھىس قىلىتىكى ئەمدىكى ئۈرۈش چەيدو-پىچاق شىلتىشىپ ، ياكى چالما ئېتىشقاندەك قالايمىقان بومبا ئېتىش بىلەن ئەمەس ئىشخانىدا __ ئايلانما ئورۇندۇقتا ئاخسا ئولتۇرۇۋېلىپ كونۇپكا يەنى بارماق بىلەنلا قىلىندىغان ئۇرۇش ئىدى. ئۇلار ئەمدى  يارىيا ھارۋىدەك كېلەڭسىز تانكىلار-زەمبىرەكلەر ، ئىككى تۆتتال بومبىغا تاينىپ جاھاندارچىلىق قىلغىلى  بولمايدىغانلىقىنى  ھىس قىلىشقان ئىدى.
hd-military-wallpapers-63.jpg
ئەنە شۇ ھىس قىلىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشنى ، رەقەملىك ئۇرۇشنى مەيدانغا كەلتۈردى. شۇنداق كۆپىنچە تەرەققىياتلار ئەڭ ئاۋال ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقتىن ، ئاندىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئىھتىياجىدىن ، ئۇندىن قالسا سەھىيە ، مائارىپ .... قاتارلىقلار ئۈچۈن بارلىققا كېلىدىكەن. كومپىيۇتېرمۇ ئەڭ دەسلەپ دەل مۇشۇ ئېتىياج تۈپەيلى بىر ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى يەنى ئۇرۇش.
War1.jpg

   ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا باشلانغان تەرەددۇت بىلەن ئامېركا ئارمىيەسى بۇ ئىشقا يەنى كومپىيۇتېر تەتقىقاتىغا ئەڭ دەسلەپ كۈچىگەن ئارمىيە بولۇپ قالدى.
war.jpg

چۈنكى ئۇلاردا باشقا دۆلەتلەردىن ئوكيان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرۇشتەك بىر قەدەر خاتىرجەم تەتقىقات مۇھىتى ، شەرىق تەرەپتە يەرشارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يەنە بىر دۆلەت سابىق سېۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ، تىنىچ ئوكيان ئارقىلىق پىئورىل-خاربور ۋەقەسىنىڭ ئاپتورى ياپونيە بىلەن چىگىرداش بولۇشتەك (پايدىلىق) جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئەڭ مۇھىمى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەھىمىسىدە پاناھ ئىزدەپ يەرشارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىللىرى ، ئالىملار ، تەتقىقاتچىلار بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1946-يىلى يىل بىشىدا  دۇنيادىكى تۇنجى كومپىيۇتېر دەپ ئاتالغا ئىلىكتىر زەررىتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىندىغان ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى دەرىقىدىن تاشقىرى ھىسابلاش ماشىنىسى  ئامېركا پىنسلۋانىيە  ئۇنۋىرستىتىدا بارلىققا كەلگەن. مىنىڭچە بۇ ھەقتە ئالدىنقى يازمامغا يوللانغان مونۇ قىممەتلىك ئىنكاسنى نەقىل  شەكلىدە ئالايلى!

نەقىلى: ئەڭ دەسلەپكى كومپىيۇتېر ENIAC(ئىسمىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Electronic Numerical Integrator and Calculator )
1946-يىل 2-ئاينىڭ14-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ تەلىپىگە  ئاساسەن پىنسلۋانىيە ئۇنېۋېرسىتىتىدىكى( mauchly )دوكتۇر ھەم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى( eckert)تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن ،بۇنىڭغا18800دانە ۋاكۇئۇم لامپا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 ئىنگىلىزچىسى،كەڭلىكى 30 ئىنگىلىزچىسى، ئىگىلىگەن ئورنى 1500 كىۋادرات فوت (تەخمىنەن بىر سىنىپتىن چوڭراق يۇقارقى بىرلىكلەرنى تىلىمىزدا قانداق ئاتايدىغىننى بىلمىدىم)،ئېغىرلىقى 30 توننا بولۇپ، سېكۇنتىغا 5000قېتىم قوشۇش ھىسابلاش مەشغۇلاتى قىلالايدىكەن. ئىيتشلارچە بۇ كومپىيۇتېرنىڭ توك سەرپىياتى بەك يۇقىرى بولغاچقا ھەرقتىم قوزغالسا فىلادېلفىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى بارلىق ئېلىكتىر چىراغلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاكۇئۇملۇق لامپىنىڭ خورىشى بەك يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن ھەر 15 مىنۇتتا بىر ۋاكۇئۇملۇق لامپا كۆيۈپ كېتىش ئىھتىمالى بولغاچقا مەشغۇلاتچى خادىملار ھەر15 مىنۇتتا كۆيۈپ كەتكەن لامپىنى تېپىپ بىرتەرەپ قىلىدىكەن.دىمەك ئىشلىتىش ناھايىتى قولايسىز،ئاۋارىچىلىقكەن.شۇنىڭدىن 50 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 1994-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا intelشىركىتى دۇنيا بويىچە ھىسابلاش سۈرئىتى ئالاھىدە تىز كومپىيۇتىرنى ياساپ چىققان بولۇپ ئۇنىڭ ھەر سېكۇنتلۇق قوشۇش ھىسابلاش مەشغۇلات سۈرئىتى 3280000000000 قېتىم،ئەسلىدىكى كومپىيۇتېرغا قارىغاندا 66000000 ھەسسە تېز بولۇپ ئۇنىڭ سېكۇنتتا قىلغان مەشغۇلاتىنى ئادەم تاماملاش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز توختىماي ھىسابلىسا ئونمىڭ يىلدىن كۆپ ۋاقىت كىتىدىكەن.1996-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيادا كومپىيۇتېر بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى( Albert Gore, Jr.) ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ كومپىيۇتېرنى ئۆز قولى بىلەن بىرقېتىم قوزغىتىپ بۇ كۈننى خاتىرلىگەن.
fulllengths-vision-1.jpg

ئاۋال يۇقارقى ئىنكاسنىڭ يازغان بارخان قېرىندىشىمغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە  ئىنكاستا دىيىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە تارىخى ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا كاپالەت بېرىمەن.

   شۇنىڭدىن كىيىنكى بىرقانچە يىلدا ، يەنى  كومپىيۇتېرغا ئاتاپ ياسالغان يېڭى سايمانلارنىڭ كەينى كەينىدىن بارلىققا كېلىشى بىلەن تەرەققىياتى ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە تېزلىشىپ كەتتى ...  راستىنى ئېيتسام كومپىيۇتېرنىڭ قانداق قىلىپ تەخمىنەن 1000 كىۋادىرات مىتىر  چوڭلۇق ، 30  توننا ئېغىرلىقتىن بىراقلا بىر ئىشكاپچىلىك ھالەتكە كەلگەنلىكىگىچە بولغا ئارلىقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلمىدىم. ئاندىن مۇنداق پەرەز قىلدىم ، ئىنتىل شىركىتى ئۆزەك ياساش تېخنىكىنى ئىزچىل ياخشىلىغان ۋە ئۆزەكنىڭ ھەجىمىنى داۋاملىق كىچىكلەتكەن شۇنداقلا IBM  قاتارلىق  شىركەتلەر بۇ ساھەگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ كومپىيۇتېر تەتقىقاتىغا كىرىشكەنلىكى ئۈچۈن كومپىيۇتېرمنىڭ ئومى ھەجىمۇ سايمانلىرىنىڭ كىچىكلىشى نەتجىسىدە تەبئىي ھالدا كىچىكلەپ بارغان بولۇشى ئىھتىمال.
computerscience.jpg

قىسسەيىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرساق ... يېڭى دەۋىر كومپىيۇتېرنىڭ ئاۋانگارت تەتقىقاتچىللىرىدىن  بىلگيتىس ۋە سىتىۋىن جوبىس قاتارلىقلارنى ئۇچۇرتالايمىز ... ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى قۇرۇلغان ۋاقتى 1976- يىلى بولسا مەزكۇر يېڭى كومپىيۇتېرلارنىڭ تەتقىقاتى تەخمىنەن 70- يىللار ئالدى – كەينىدە باشلان بولۇشى مۇمكىن.ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە كومپىيۇتېر كەسپىنىڭ ماشنسازلىق ، كېمىسازلىق ... ۋە باشقا كەسىپلەردىن ئېشىپ دۇنيادىك  ھۆكۈمران كەسىپ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ، ئىدارە ئورگانلاردىن ھالقىپ ھەربىر ئائىلىلەرگىچە كىرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.مىنىچە ئاخىرنى داۋاملىق ئىچكىرلەپ سۆزلىمىگىنمىزدىمۇ قېرىنداشلار جوبىس بىلەن بىلگايتىسنىڭ رىقابىتىنى ، ۋىندوۋىسنىڭ مۇۋەپىققيەت ۋە يېڭىلىقلىرىنى ، ۋە كىيىنچە مەيدانغا كەلگەن ۋىندوۋىس ئىمپىريىسىنى .... ئاخىردا بولسا بۇ ساھەدە كەينى – كەينىدىن  ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان  چوڭ كىچىك خانلىق ۋە بەگلىكلەرنى بىلىدىغۇ دەيمەن.
Apple-Android-iOS-colmillos-malvada-manzana.jpg

Apple-VS-Android-HD-For-Desktop-Wallpaper1.jpg

خوش ئۇنداقتا بۇ قىسسەيىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى! خاتىرىمىزنىڭ بىرىنجى بابىنى مۇشۇ 7 قىسىملىق ھىكايىمىز بىلەن مۇشۇ يەردە يېپىپ قۇيۇپ تۇرايلى! باشقا ھەر قانداق تەنقىد - پىكىر بولسا ئېلخىتىمگە خەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ : esedulla@sina.com

كەلگۈسى بىر ھەپتىلىك غۇلجا سەپرى ، ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلۇشۇپلا كېلدىغان  جىددىچىلىكلەر  تۈپەيلى  خاتىرمىزنىڭ كىيىنكى قىسىمىنى ھازىرچە ئاچمايمىز، بەلكى بۇ ئەھۋال خېلى بىر مەزگىل داۋاملىشىشمۇ مۇمكىن ، ئەمما كەلگۈسىدە ۋاقىت – شارائىت يار بەرسىلا  مۇۋاپىق پەيىتتە ئىككىنجى قىسىمىنى باشلاش ئويۇم بار. ۋاقىپ ۋە ئامان بولغايسىلەر!
notebook.jpg

                               2014.4.27
                                        -ئۈرۈمچى
                                                 – رەھمەت
                                                             – تامام!


book_address_bookmark_notebook-512.png
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-27 14:31:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-4-27 14:52:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم .خېلىكۆپ بىلىمگەئىگەبولدۇم . ئەمدى ئاخرغا قاراپقالدىم.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-27 15:07:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت قېرىندىشىم،ئامان بولغايسىز.
ۋاقتى: 2014-4-27 15:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپىرىڭىزگە ئاق يول بولسۇن، داۋامىغا تەشنامىز...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 16:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$BashbugH$ يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 15:43
سەپىرىڭىزگە ئاق يول بولسۇن، داۋامىغا تەشنامىز...


تەشەككۈر قېرىندىشىم ، داۋامى ؟   .... يۇقىردا چۈشەنچە بەرگىنىمدەك كىيىنكى قىسىم خاتىرە بىر مەزگىلدىن كىيىن ئېچىلىدۇ...   

        http://teshna.me/2014/04/27/2797/
ۋاقتى: 2014-4-27 18:01:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر ھەجمىنىڭ 30 توننا ئېغىرلىقتىن كىچىكلەپ ھازىرقى ھالغا كېلىشى،كرېمنىي ۋە گېرمانىي ماتېرىيالىدىن پايدىلانغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ۋاكۇئۇملۇق ئېلىكترون لامپىنىڭ مەنپىي قۇتۇپ(كاتود)تىن مۇسبەت قۇتۇپ(ئانود)قا ئېتىلىپ چىقىدىغان ئېلىكتروننىڭ مىقدارى تور قۇتۇپقا بېرىلگەن مەنپىي توك بېسىمى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ.مۇشۇ خۇسۇسىيىتى ئۇنى ئېلىكترون سىگناللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان.لېكىن مەنپىي قۇتۇپ(كاتود)قا ئېتىلىدىغان ئېلىكترون زەرەتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بۇ خىل ۋاكۇئۇملۇق لامپىدا بىر قىزدۇرغۇچى لامپا قىلى سەپلەنگەن،ئەگەر مەنپىي قۇتۇپ(كاتود)قىزىمىسا ئاساسەن ئېلىكترون دەستىسى چىقىرالمايدۇ.مانا بۇ بۇ خىل لامپىنىڭ قۇۋۋەت سەرپىياتىنىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇشنىڭ سەۋەبى....
كرىمنىيلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ سەرپىياتى ئېلىكترون لامپىدىن كۆپ تۆۋەن ھەم ئىقتىدارى تۇراقلىق بولغاچقا،بۇ ئېلىكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەجمى كىچىك،سەرپىياتى تۆۋەن،ئىقتىدارىنىڭ بارغانچە يۇقىرىلىشىغا سەۋەب بولغان....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
Padichi + 50 يۇقرى سەۋيە!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 18:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 18:28  
elpida يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 18:01
كومپيۇتېر ھەجمىنىڭ 30 توننا ئېغىرلىقتىن كىچىكلەپ ھازىر ...


يۇقرى سەۋيەلىك ئىنكاس ! ... كۆپ  رەھمەت ، بۇ پۈتۈن تىمىغا تىگىل بولدى!

  بىراق  4 نەرسە :  كېرىمىنى ، گرېرمانى ،  كاتود  ۋە ئادود ...

بۇلارنى سەل تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ !؟
ۋاقتى: 2014-4-27 19:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرۇپ خېلە كۆپ بىلىملىك  بولۇپ  قالىدىغان بولدۇمدە ،  سېلىنىڭ  سەۋەبىڭلىدىن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 19:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرشاد يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 19:44
ئۆيدە ئولتۇرۇپ خېلە كۆپ بىلىملىك  بولۇپ  قالىدىغان بول ...

قىلىڭە سېسىق گەپنى !  ئاداش ما مۇنبەردە بولسىمۇ ئادەمنى ئېچىتمىسىڭىز بولمامدۇ دەيمە!   
ۋاقتى: 2014-4-27 20:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددداش   نەدە   ئېچىتتىم   دېمىسىمۇ  راسقۇ
ۋاقتى: 2014-4-27 21:46:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Padichi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 18:26
يۇقرى سەۋيەلىك ئىنكاس ! ... كۆپ  رەھمەت ، بۇ پۈتۈن تىمىغ ...

كاتود ،ئانود دىگەنلەنى قوشتىرناققا ئىلىپ ئىزاھات بىرىپتىغۇ مەنپى ،مۇسبەت قۇتۇپ دەپ
قالغان ئىككىسى ئىلمىنىت كالىتىسى ،تۆمۈر ،مىس دىگەنلەرگە ئوخشاش
ۋاقتى: 2014-4-27 22:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسسىلە  بۇرادەر ...!!!

سەپىرىڭىلىنىڭ  ئۇڭۇشلۇق  ۋە  ئۇتۇقلۇق  بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا  قىلىمەن...
مىنىمۇ  دۇيىڭلاردا   ياد  ئىتىپ  قۇيارسىلە...ھە  قاچان ئىسمىمنى ئۇنۇتمىدىڭلار

ئاللاھقا  تاپشۇردۇم !!!!  دوستۇم  
ۋاقتى: 2014-4-28 00:51:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلكىتاپ  ماڭا قالماي تۇگەپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-28 07:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 22:49
يارايسسىلە  بۇرادەر ...!!!

سەپىرىڭىلىنىڭ  ئۇڭۇشلۇق  ۋە  ئ ...

رەھمەت  ئاداش . ئۇنتۇمىغانسىلە دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ ....  ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنچە ئاسان ئۇنتۇپ كەتمەسمە!؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش