- جۇغلانما
- 376
UID38585
تىزىملاتقان2014-3-23
ئاخىرقى قېتىم2014-9-9
توردا104 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 376
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مەن بۈگۈن سىلەرگە شاۋمى تېلفۇنلارنىڭ mtzھالەتتىكى خەت نۇسخىسىنى ئالغاچ كەلدىم، بۇخەت نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى : تېلفۇنىڭىزغا ئۇيغۇرچەخەت نۇسخىسى قاچىلايدۇ (ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بولغان بولسىڭىز خەت شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ) ھەم شۇنىڭدەك بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە خەت شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتىش ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيسىز . خەنزۇچە_ئېنگىلىزچە خەت شەكلىmyuppy خەت شەكلىگە ئۆزگىرەيدۇ . (ئەسكەرتىش : بۇرۇن ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئېلىپ بارغان تېلفۇنلاردا توربەت خەت شەكلى بۇرۇن سىز تونۇتقان خەت شەكلىدە چىقىۋالىدۇ ، شۇڭا بۇرۇن قاچىلىغان فونىتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش دىگەننى بىسىپ يۇيىۋەتسىڭىز ئۇنداق چىقمايدۇ).
بۇ خىل mtz خەت نۇسخىسىنى قېرىندىشىمىز salam211520 مۇ يوللىغان (/forum.php?mod=vi ... &extra=page%3D1)، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىلا قوللۇنىلغان بولغاچ تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە خېتىلا ئۆزگۈرۈپ خەنزۇچە خېتى ئۈستى پۇچۇق چىقىپ قالدىكەن ، بۇئۇسۇلنى ئۆرنەك قىپ تۇرۇپ خەنزۇچە خەت شەكلىمۇ قىتلغان ئۇيغۇرچە خەت شەكلى بولسا شۇنى ئالماشتۇرساق خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئۈستى پۇچۇق چىقىۋالمايدىكەن . توردىن ئېزدەپ يۇرۇپ ئاخىرى myuppyخەت شەكلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئەسلىيە خەت نۇسخىسىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدىم ھەم ئالماشتۇرۇش ئارقىلق بۇ ئۇسلۇپ خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقتىم .
قاچىلاش ئۇسۇلى : بۇ خەت نۇسقىلىرىنى چۇشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن sd ساقلىغۇچ كارتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى MIUI دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئىچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى Themeنىڭ ئىچىگە كۆچۇرۇڭ، ئاندىن باش ئىكرانغا قايتىپ ئۇسلۇپ 主题风格 نى ئاچىسڭىز ئۆزلەشتۇرمىڭەن ئۇسلۇپ بار دەيدۇ .سىز ئۆزلەشتۇرۋەتسڭىز بولىدۇ .ئاندىن ئۇسلۇپ ئىچىدىكى分类دىن 混搭نى ئىچىپ خەت نۇسقىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قاراپ بىقىڭ .قانداق خەت نۇسقىلىرى قوشىلىپتىمۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
链接:http://pan.baidu.com/s/1qWM27pE مەخپى نۇمۇر: 1e6v
قېرىداشلارغا تەكلىپىم : ttf ھالاتتىكى خەت نۇسخىسىنى ياساشنى بىلدىغانلار ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسغا خەنزۇچە ھەم ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئېنگىلىزچە خەت نۇسخىسىنى قىتىپ خەت نۇسخىسى ياسىساق ، مۇشۇنداق خەت نۇسخىلىرى كۆپەيسە ئاندىن ئەپ ياساشنى بىلدىغانلار爱字体 ,字体管家غا ئوخشاش خەت شەكلى ئۆزگەر تىدىغان ئانا تىلىمىزدىكى ئەپلەنى ھۇجۇتقا چىقارسا، خەت نۇسخىلىرىنى ھالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئېشلىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيتۇق ، پەقەت ttfخەت نۇسخىلىرى بولسىلى شاۋمىنىڭ mtzھالەتتىكى خەت نۇسخىسىنى ياساش ئاسان ياكى 爱字体دىلا قاچىلىساقمۇttfنى بىۋاستە mtzغا ئايلاندۇرۇپ قاچىلايدۇ. شۇنداق بولسا تېلفۇنلارغا مەلۇم بىر خەت شەكلىنى تونۇتىدىغان ئۇيغۇر فونىت دىگەندەك ئەپلەردىن بىر نەچچىنى ئېلىپ يۇرمەيتۇق.
يۇقارقى خەت نۇسخىسىنى ttfھالەتتىكىسىنى ئېشلىتىپ 爱字体ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تونۇتمىغان تېفۇنلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولدى.
چۈشۈرۈش ئادېرىسى: 链接:http://pan.baidu.com/s/1eQf38w6 مەخپى نۇمۇر: 1fns
مەن ھازىر 汉仪仿宋简.ttfبىلەن ukijkesme-b.ttf(كەسمە خەت نۇسخىسى) نى بىرلەشتۈرۈپ خەت نۇسخىسى ياساۋاتىمەن ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ياساش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن .
قېرىنداشلار مۇشۇنىڭغا ھەممىمىز بىر كۈچ چىقارساق . ئەپ ياسىيالايدىغانلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ، تۇنجى قىتىم تېما يوللىشىم بولغاچ گەپلەر كۆپ بوپ قالدى ئەپۇ قىلغايسىلەر
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-27 12:32):
شاۋمى تېلفۇنلارغا ئۇسلۇپ(主题) ئالماشتۇرغاندا 不应有字体دىگەننى تاللاڭ، بولمىسا خەت نۇسخىسى ئۆزگۈرۈپ كىتىدۇ |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|