ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1321|ئىنكاس: 40

360 قا نېمىشقا پارول قوشۇلۇپ قالدى؟؟؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyal810 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 01:13  

چۈنكى بۇ 4-ئاي، ھەر يىلى 4-ئايدا تەۋەيىمىزدە قۇم بوران چىقىپ توپ يېغىشقا باشلايدۇ، تورداشلارنىڭمۇ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇنداق 4-ئايدىن ئالىپمۇ نەچچە قېتىملىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى  
  4-ئاينىڭ 16-كۈنى Qvod شىركىتى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆزىنى پاكلاش شوئارىنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، مۇلازىمىتېرىنىڭ چۈشۈرۈش ۋە توردا كۆرۈش مۇلازىمەتلىرىنى توختىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرى زور تۈركۈمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ فىلىم سېتىۋېلىپ ياكى مىكرو فىلىملەرنى ئىجاد قىلىدىغانلىقىغا قەسەملەر ئىچىشكەن بولسىمۇ يەنىلا توپا يېغىۋەردى...
131523p9lz9z7e2lnn72v8[1].jpg 131511qiwhqwqhubzeczbe[1].jpg
ئەجىبا ئۇلار قەسەمنى كېچىكىپ ئىچىپ قالغانمىدۇ؟توپا يېغىش بۇنىڭلىق بىلەن توختايغاندەك قىلمايتتى
شۇنداق قىلىپ سۆيۈملۈك سىنانىڭمۇ كېنىشكىسىنى توپا باستى...
131734oa1of13dhbrozthh[1].jpg

  مەزكۇر تېمىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندەك كۆپچىلىكمۇ 360 غا نېمە بولغانلىقىنى، بەيدۇنىڭ نېمىشقا ئالدى-كەينىگە دەسسەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ بولدىغۇ دەيمەن، توغرا ياغقان توپىغا تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ئىشىكنى مەھكەم تاقاشقا توغرا كېلەتتى... ئەمما توپا دېگەن نى-نى يوچۇقلاردىن كىرىپ كېتىدىغان نەرسە، شۇڭا ئىشىك تاقىغانلارنىڭمۇ كۆڭلى جايىدا ئەمەس...
  مۇشۇنداق سەت ھاۋارايى ھەر يىلى كۆرۈلۈپ، ھەر 4-ئايدا توپا يېغىۋىرەمدۇ؟ ئامال يوق... چۈنكى تەۋەيىمىز بايرامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان، شەكىل ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بايرامنى چوقۇم كۈتۈۋېلىشقا توغرا كەلگەچكە ھەريىلى مۇشۇ ئايدا ھاۋارايىدا قاتتىق ئۆزگىرىش بولۇپ، توپا ياغىدىغان ئادەتنى تېپىۋالغان...
  شۇڭا كۆپچىلىك سوغاققانراق بولايلى، مانچە ئاقچىغا مىڭ بىر جاپادا سېتىۋالسام پارول قوشۇلۇپ قاپتۇ، ئاق ئېتەي، كۆك ئېتەي دېگەندەك گەپلەرنى سەل-پەل ئويلىنىۋېلىپ تۇرۇپ دەيلى، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ھازىرچە خەق پارول قوشۇپ تۇرۇپ بولسىمۇ يەنىلا ھەرقايسىمىزغا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، كىم بىلىدۇ بىر كېچىدىلا سائەت-سائەتلەپ چىقار فىلىملەر كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، گېزى كەلگەندە ھېچقايسىمىز ھېچنېمىگە ئارا تۇرالمايمىز، ئۆزىمىزگىمۇ ئاز، خەقنىڭ بەرگەن بوشلۇقى جىقكەن، سۈرئىتى تېزكەن دەپ ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي، چۈشۈرۈش سۈرئىتىدىن قاقشاپ، ئۇ يەرگە بۇ يەرگە ئۈسۈپ يۈرۈپ تۇرۇپ ھېلى يۇيۇۋاتسا ھېلى چىقىرىپ كۆنۈپ قالغاندىكىن... ئەمدى ھەممىسى نۆلگە چۆرۈلۈپ كەتسىمۇ كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپلا قالىمىز خالاس... ئۇف
  
ھاۋامۇ ئېچىلىپ قالار، قۇم بورانلىق 4-ئايمۇ چىقىپ كېتەي دېدى، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئىشلىرىڭىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-29 23:01:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 15:51
بۇ سىز يازغان تېمىمۇ ياكى ئاق بۈركۈتتىكى دىلمۇرات ياز ...

مەنبەسى ئاق بۈركۈتتىن كەلگەن
ۋاقتى: 2014-4-27 01:55:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز   ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسلىكەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-27 02:00:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە بارىكاللا قېرىندىشىم،راس گەپ قىپسىز.ھەممە نەرسە ئۆزىمىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ،شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىلىرىنى قوللاپ قويايلى قېرىنداشلار
ۋاقتى: 2014-4-27 02:50:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خـــورازدىكى  خــــــــو  !
ۋاقتى: 2014-4-27 08:08:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازراق ساقلىغانغا ئادەم كىچكلەپ قالمايدۇ. سەۋىر قىلايلى.
ۋاقتى: 2014-4-27 08:08:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزىمىزنىڭ قايسى ت
ۋاقتى: 2014-4-27 08:28:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزمىزنىڭ قايسى تور دىسكىللىرى بار بىلدىغانلار ئادرىسنى قالدۇرمامسىلەر
ۋاقتى: 2014-4-27 08:52:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋا رايىنى ئارلاشتۇرىپسىزغۇ بۇ ئىشقا ياكى بۇ چاخچاقمۇ
ۋاقتى: 2014-4-27 09:28:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز ھاۋارايىنى  سۆزلىسە سىز  ساۋارايىدىن  سوراپسىزغۇ ..
ۋاقتى: 2014-4-27 10:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
360 شىركىتى نىمە بولغاندۇ؟؟
ۋاقتى: 2014-4-27 10:36:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەرسە چۈشەنگەندەك قىلمىدىم. تاققا تۇققۇ گەپ قىلدىغان  ئەبەي تاققا تۇققۇ سىز شۇممۇ يا?
ۋاقتى: 2014-4-27 10:47:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۈشەنمىدىغۇ ……
ۋاقتى: 2014-4-27 11:17:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
murxad يوللىغان ۋاقتى  2014-04-27 08:52:12
ساۋا رايىنى ئارلاشتۇرىپسىزغۇ بۇ ئىشقا ياكى بۇ چاخچاقم

ئاشۇ گەپنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمىگەن بولسىڭىز،باشلانغۇچنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن،ئالىپتىن ئەزالىق سالاھىيتىڭىزنى بېجىرسىڭىز بولغۇدەك
ۋاقتى: 2014-4-27 11:18:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
360قا ھېچنىمە بولماپتىغۇ ، مەن ھازىر سىناپ باقتىم بۇرۇنقىغا ئوخشاش
ۋاقتى: 2014-4-27 11:19:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20130706 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-27 10:47:47
مەنمۇ چۈشەنمىدىغۇ ……

سىزنىڭمۇ باشلانغۇچنى قايتىدىن ئوقۇغىڭىز بارمۇ قانداق؟…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش