ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 51

خاتىرەمدىن(6):كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە!

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش تالىشىۋالغان قەۋەتلەر مەزكۇر تېما قەۋەت تالىشىش تېمىسى، جەمئىي جۇغلانما سانى 40دىن چوڭ بولسا قەۋەت تالىشالايدۇ.   ئاياغلىشىدىغان قەۋەت:120  مۇكاپاتلىنىدىغان قەۋەتلەر: *10 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 13:43  

مۇكاپاتلىق تىما!(مۇلاھىزە تىمىسى)
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
QQ截图20140426131911.png

           ئالدىنقى خاتىرلىرىمىزدە پىروگىرامما تىللىرى ھەققىدە ئۇدا توختالغاندىن كىيىن  ،  يۇقىرلاپ ئىزدىنىش ھارپىسىدا يەنە بىر نەرسىنىڭ كەم قالغانلىقىنى بايقىدىم. يەنى سىز شۇ تاپتا تەلەتىگە قاراپ ئولتۇرغان بۇ ئوتى يامان كاساپەت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىشىمىز توىلمۇ زۆرۆر ئىكەن ، ۋەھالەنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ تۆمۈر ھەققدە (ئىشلىتىشنى بىلسىلا بولدى) دىگەن تونۇشقا ئىگە بولىشى مۇقەررەر. ياق! مەن ئۇنداق قارىمايمەن ،مۇھەببەت بەرمىسەم ئۇنى ئۆگىنەلمەيمەن ،مۇھەببتىمنى بەرگەنىكەنمەن ئۇنىڭ نەسەب شەجەرىسىنى ، تارىخىنى ھەربىر ئارخىبلىرىنى ياخشى بىلىشىم لازىم. بۈگۈن مەن دەل شۇ مەقسەددتە چالا-پۇچۇق بولغان تونۇشۇمغا ، بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىمگە قارىماي يەنىلا بۇ مۇھىم نۇقتىنى سىزلەرگە بىلىشىمچە تونۇشتۇرۇپ چىقىشىنى تاللىدىم.

                 كومپىيۇتېر دىگەن زادى نىمە؟ ئۇ قاچان ؟ نىمىشقا؟ نىمە سەۋەبتىن ، كىملەر تەرپىدىن ؟ قەيەردە ؟ قانداق بارلىققا كەلگەن؟
18546-Maine-Coon-kitten-playing-with-a-laptop-computer-white-background.jpg
        يۇقارقى سۇئاللاردىن كىيىن بىلسەم - بىلمىسەم سىز ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالدىنقى ئەسىرنى ئويلىدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇنداق ئىش  :   مەلۇمكى ھەربىر دەۋىردە شۇ دەۋىرنىڭ ئىھتىياجىغا شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ ئىلىم - پەنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ، ۋە باشقا نۇرغۇن ئامىللارغا ئاساسەن شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئەقىللىرىنىڭ تۈرىتكىسىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىنى قولايلاشتۇردىغان مەلۇم سايمان - ئۈسكۈنە بارلىققا كەلدى. مەسلەن ئىپتىدائىي ۋاقىتالاردا كىشىلەر قوي -كالىللىرىنىڭ سانىنى تاياقچىلەرنى بەلگە قىلىپ قوشۇپ - ئېلىش ئارقىلىق بەلگىلىگەن.
5574367_174802980000_2.jpg

     《چوت》 نى بىلەمسىز ؟ چوت سوقاش دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ سىزگە چوتمۇ بىر ئىپتىدائىي كومپىيۇتېر دەيمەن. ئىشىنەمسىز؟! ئىشىنىشڭىز كېرەك! ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېر دىگەن ئاتالغۇغا مانا جەھەتتىنلا ئەمەس مەنتىقە ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئېنىقلىما بەرسەك …    ئىنسانلارنىڭ ھىسابات (ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا) ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېز ھەم ئاددىلاشتۇرۇش يولىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىجادىيەت مىۋىسىدۇر!

          17- ۋە 18- ئەسىرلەردە ئەدەبىيات سەنئەت گۈللىنىشى دەمدۇق ئىشقىلىپ نۇرغۇن بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان سەۋەبلەردىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى مىسىلسىز دەرىجىدە تېزلىشىپ كەتتى ، سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن بولسا ئىپتىدائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىگە خاتىمە بەرگەن  بىر يېڭىچە تەرەققىيات ھالىتى بارلىققا كەلدى ، قورال-ياراق ۋە كېمىسازلىقنىڭ تەرەقىياتى ياۋروپادىكى زىچ نوپۇسلارنى كېمە بىلەن سەپەرگە چىقىش ۋە قورال بىلەن مۇستەملىكە قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىپ قويدى. ئەنە شۇ دەۋىرلەردە سۇغا غەرىق بولغان ، خادا تاشلارغا سوقۇلغان … چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەرنىڭ سانىنى بىلمەك تەس ، شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلىمىسى سۈپىتىدە  《دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون》 قاتارلىق ئەسەرلەرنى تىتانىك ۋەقەسىنى ئەسلەش مۇمكىن ، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ۋەقەلەر شۇنچە كۆپ چىقىملار كىلىپ چىقىدۇ؟ ، توغرا دېڭىز بورىنىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئۇ بولسىمۇ بىپايان دېڭىزدىكى ئارلىق ، مۇساپە ، ۋە تەرەپ پەرىقى قاتارلىقلاردۇر ، ئەمدىكى دېڭىز سەپرىدە  ئىلگىركى شىمالنىلا كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كومپاسقا تاينىپ جاننى دوغا تىكسە بولمايتتى ، يەنى خەرىتىگە قاراپ ئارلىقنى ياخشى ھىسابلىمىسا ، تەرەپلەر پەرىقىگە ئاساسەن ئۆز ئورنىنى بىكىتمىسە ،….. ئىشقىلىپ بۇ يەردە نۇرغۇن ھىسابلاش يەنە كىلىپ بىر قاتار ناھايىتى زور ھەجىملىك بىر قاتار   ھىسابلاشلار مەيدانغا كەلدى … ئەنە شۇنداق زۆريەت ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى بىر ماشىنىڭ بارلىققا كىلىشنى تەقەززا قىلىۋاتاتتى ... دەل مۇشۇ ۋاقىتتى يەنى 19- ئەسىردە ياۋرۇپادا چارلىز بەبىج  ئىسىملىك بىر ئىزدەنگۈچىنىڭ تەتتقىقات مىۋىسى ئەڭ ئىپتىدائى كومپىيۇتېر بارلىققا كەلگەن بولۇپ ھور ماشىنىسى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى. كۈلگىڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ ياق كۈلمەي تۇرۇڭ! ھازىر چۈشۈنۈپ قالىسىز.  سىزنىڭ بۇ كومپىيۇتېرنى ھازىر سىز قاراپ ئولتۇرغا مۇنۇ ساھىبجامال كومپىيۇتېرغا ئوخشاش ئويلاپ قالماسىلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مىنىڭ دەۋاتقىنىم كۆرسېتىش ئىكرانى يوق ، پەقەت مەلۇم مىقداردىكى سانلارنى ئادەمدىن نەچچە ھەسسە تېز سۈرئەتتە ھەسابلاپ نەتىجىسىنى چىقىرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ناھايىتى ئاددى ۋە بىرلا خىل قېلىپ شەكلىدىكى بۇيرۇقلارنى  ئىجرا قىلىش مەزكۇر كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئىدى.

تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرسەك : بىر دانە تەكشى تاختا بار ، تاختا ئۈستىگە قانۇنيەتلىك ھالدا بىرقانچىلىغان تۈشۈكلەر تىشىلگەن ، سىز تاختىنى كومپىيۇتېرنىڭ بەلگىلەنگەن يېرىگە قويىسىز .... سىز بەرگەن ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىدىن كىيىن كومپىيۇتېرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى : ئەگەر تۆشۈك سانى مانچە ، ئورنى مۇنداق ، مۇنداق بولۇپ قالسا پالانى بۇيرۇقنى ئىجرا قىل ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا پۇستانى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى  دىن ئىبارەت  (دىققەت : مەن ئۇ كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ باقمىغان ، بۇلارنى بىر قېرىندىشىمندىن ئاڭلىۋالغان بىلىملەرگە ئاساسەن يىزىۋاتىمەن ، تەخمىنەن مۇشۇنداق دىمەكچى) ... دىمەك بىىزنىڭ بۇ گۈزەل كومپىيۇېترمىزنىڭ بوۋىسى ئەنە شۇنداق فىزىكىلىق ماشىنلارنىڭ كۈچىشى ئارقىلىق مەلۇم بىر قېلىپ شەكلىدىلا ، مەلۇم بىرخىللا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان. مىخانىكىلىق كومپىيۇتېردۇر.

ئۇنىڭدىن بىرەر ئەسىر ئۆتمەيلا كەينى-كەينى كەينىدىن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى ... بولۇپمۇ ئىككىنجى دۇن ئۇرۇشى تولىمۇ دەھشەتلىك بولدى. ئەنە شۇ ھىكايىلەردە قولىغا قورال ئېلىپ ئەمەلى جەڭگە قاتناشمىغانلىقى ، بىرەر بومباردىمانغا قاتناشمىغانلىقى سەۋەبىدىن 2- دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر شەخىس بار ، ئىسمى ئالەن تۇرىن ، كەسپىي ماتىماتىك ، ... ئەنگىليە خان جەمەتى تەرپىدىن ئۇرۇش قەھرىمانى دىگەن شەرەپ ئۈنۋانى بېرىلگەن ، ئەمما بىر پاي ئوق ئاتمىغان بىر ئادەم ... ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ  10 – 20 يىل بۇرۇن ئاخىرلىشىشغا سەۋەب بولدى دەپ قارىلدىغان بۇ ئادەم سىزچە زادى قانداق مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەندۇ؟ جاسۇس ، ئالاھدە خادىم؟ گىتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ؟ ... ياق !  بۇ دەل يېڭى تىپتىكى مىخانىكىلىق كومپىيۇتېرنى ۋە تېخمۇ ئىلغار بولغان ھىسابلاش ئالگورنىزىمىنى كەشىپ قىلغۇچىدۇر.
old-computers-3.jpg

بۇنىڭ ئۇرۇشتا نىمە مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ كومپىيۇتېر بىلەن دۈشمەن ئاتقىلى بولامدۇ؟

  شۇنداق بىر مۇتلەقلىق باركى ، ئۇرۇشتا قارىقۇيۇق بومباردىماندىن كۆرە ، نىشانلىق خاتالىق  پەرىقى تۆۋەن بولغان بومباردىمان ... ھۇجۇم . نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە شىددەتلىكرەك بولىدۇ. خەرىتە ، كوردىناتقا ئاساسەن ، مېردىئان ۋە پارالىل سىزىقلارنىڭ ياردىمىدە دۈشمەن ئورنىنى خاتالىق پەرىقى ئاساسەن يوق ھالەتتە بېكىتىش مۇمكىن ، دەل مۇشۇ يەردە يەنى بومبىنىڭ چۈشۈش ئورنىنى ، دۈشمەننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بىكىتىش ئۈچۈن غايەت-سانلىق مەلۇماتنى ھىسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنە زۆرۆرىيەتنى قامدىغان بۇ كومپىيۇتېر ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسىدىنمۇ  مۇھىم رول ئوينىغان  ئېنىقكى دەڭسەپ ، ھىسابلاپ تۇرۇپ دەل جايىغا ئېتىلغان بىرتال بومبا قالايمىقان ، قارا- قۇيۇق ئېتىلغان ئونلىغان بومبىلاردىن بەكرەك ئۈنۈلۈك ئىدى .....

كومپىيۇتېرنىڭ بىز  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەنە بىر زور  رولى بولسا ئۇچۇر ئاخبارات ئىشلىرى ، بولسا كېرەك! چۈنكى ھەرقايسى ئارمىيەلەر ئۆز ئالدىغا سىگنالنى مەخپىيلەشتۈرۈش كودى بۇلۇپ ھاۋاغا تارقالغان رادىئو سىگنالىنى يىغۋالغان دىن كىيىن مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بۇيرۇق كودلىرىنى يىشىشكە ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە خاتالىق پەرقى ئاز شۇنداقلار سۈرئىتى تېز بولغان ھىسابلاش ئالگورنىزىمى لازىم ئىدى.

   ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كومپىيتېرنىڭ رولى پەقەت بۇلارلا ئەمەس ، بۇيەردە ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس .. قالىغىنىنى قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق  ئىزدىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇردۇم.

بۇقېتىملىق خاتىرىمىزدە مۇلاھىزىمىز مۇشۇ يەردە يەنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا كىلىپ توختىسۇن!  ئاللاھ خالىسا خاتىرىمىزنىڭ داۋامىدا  مەزكۇر قىسسەيىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ، ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى يەنىلا شۇ كومپىيۇتېر.

  ئاخرىدا سۆزلىرىىمىزگە بىر ئېنىقلىما بەرسەك! ئەگەر كومپىيۇتېرنى ھىسابلاشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان دەپلا چۈشەنسەك  ئومۇمى جەھەتتىن قەدىمدىن تارتىپلا بار بولۇپ ھەر بىر دەۋىردە ئۆزىگە خاس تەرەققىيارلارغا ئېرىشىپ كەلگەن.   ....

  ئەسكەرتىش :  بۇ قىسىمدا سۆزلىگەنلىرىمىز كومپىيۇتېر ساھەسىدىن باشقا يەنە تارىخ باشقا پەنلەردىن بىر قىسىم مەزمۇنلانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا ... خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى ئېنىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىلمەيدىغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان تېخمۇ مۇھىم ھەم قىممەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ بولۇشىمۇ مۇقەررەر  شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر تېمىنى ئوقۇغان ھەربىر قېرىندىشىمنىڭ پىكىر – قاتناشتۇرۇشىنى زۆرۆر دەپ قارىدىم ۋە بۇ تېمىنى مۇكاپاتلىق تېما قىلىپ قويدۇم ... باشتىكى 100 ئىنكاستىن ھەر 10 دا بىرسىگە 40 تىن  ئاز بولسىمۇ جۇغلانما تەقسىملەپ بېرىلىدۇ ....

1 - قەۋەتتىن باشلىنىپ ھەر 10  قەۋەتكە 40 تىن تەقسىملەندى (ئەگەر خاتا قىلمىغانلا بولسام! ) ئەگەر  خاتا قىلغان بولسام ئالىپكا سىز بىرياردەم قىلسىڭىز!  

                                          2014.4.26
                                                     -ئۈرۈمچى
                                                               -رەھمەت
                                                                        داۋامى بار!

         

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 يىغىش سەۋەبى
ehsan8 + 3 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-26 13:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنىڭ يولىغا قاراپ ئولتاغان قاچان كىلەكى دەپ   يەنە بىر بىلمىم كۆپيىيدىغان بولدى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 13:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 13:50
تىمىڭىزنىڭ يولىغا قاراپ ئولتاغان قاچان كىلەكى دەپ    ...

سەپەردىن كەلگەندە ... ئەجەب ھاردۇقنى چىقاردىڭىز!
جۇلا ئەپ بازىرى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 13:57:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا كومپىيۇتىر تارىخىدىنمۇ بۇ قىسسەنىڭ تارىخى ئۇزۇندەك ھىس كىلۋاتىمەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز  غا   رەھمەت  قېرىندىشىم  جاپا  چىكىپ  سىز  خىلى  بىلىم  لىك  بۇلۇپ  قالدىمرەھمەت  سىز  گە،           قېرىنداشلا ماڭاjavaنى ئاپتۇماتىك تەڭشەيدىغان  دىتال  لازىمدى  ئادىرىسنى   ياكى  خەنچىسىنى  يېزىپ  قالدۇرساڭلا  مۇنبەردىن  چۇشۇرەلمىدىم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتىر چۇشەنچىسى ئۇچۇن سىز (چوت)مىسالغا ئاپسىز ،مىنىڭچە بۇ ناھايىتى جانلىق بىر مىسال بوپتۇ ،مەن شۇنداق ئويلايمەن (چوت)تا ھىساپلاش ئىلىپ بىرىش قانۇنىتى بىلەن كومپىيوتىرنىڭ ھىساپلاش قانۇنىيتى زىچ باغلىنىشلىق .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:09:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبدان يېزىپسىز ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر نەرسىنىڭ ماھىيتىنى  ئېنىق بىلىشىمىز تولىمۇ مۇھىم.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:11:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  قىرىندىشىم . كومپىيوتىر توغرىسدىكى بىلىملىرىم بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ بىرۋاتىدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:12:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akax178 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-26 14:02:44
تىمىڭىز  غا   رەھمەت  قېرىندىشىم  جاپا  چىكىپ  سىز  خىلى  

مەندە  بار ، لىكىن ھازىر تىلفۇندا چىققان  بولغاچ يوللاپ  بىرەلمەيمەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:15:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-26 14:06:34
كومپىيوتىر چۇشەنچىسى ئۇچۇن سىز (چوت)مىسالغا ئاپسىز ،مى

كومپىيوتىرنىڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغاندىكى مەنىسى : ھىساپلاش ماشىنىسى دىگەن مەنىدە . بەلكىم سانلىق مەلۇماتلارنى ھىساپلاش سۈرىتى تىز بولغاچ مۇشۇنداق ىالغان بولىشى مۇمكىن . ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aslima998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 14:12
مەندە  بار ، لىكىن ھازىر تىلفۇندا چىققان  بولغاچ يوللا ...

خەنچىسىنى بىلسىڭىز  دەپ  بىرىڭە  بەيدۇدىن  چۇشۇرۇۋالاي
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،رەھمەت قېرىندىشىم!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:18:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akax178 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-26 14:15:23


خەنچىسىنى بىلسىڭىز  دەپ  بىرىڭە  بەيدۇدىن  چۇشۇرۇۋالا

مەندىكىسى ىاپتىماتىك تەڭشىمەيدۇ ، سىز دىگەندەكنى مەن ىشىلتىپ باققان تەڭشىيەلمىگەنتى ، مەندىكىسنى قاچىلاپ بولۇپ ، تەڭشەكككە  كىرىپ خاتىرە دەپتەردىكى خەتلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلىسڭىزلا تەڭشىلدۇ ، مەن ھەر قىتىم تورخانىغا كىرگەندە مۇشۇنداق تەڭشەيمەن .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:38:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە سىز قىلغان ھەر بىر كىچىك مەشغۇلات،  ھەتتا ھازىر مەن كومىيۇتىرىمدا يىزىۋاتقان مۇشۇ خەتلەرمۇ يانفۇنىڭىز ۋە كومپىيۇتىرىڭىزدا كۆرۈۋاتقان مۇشۇ خەتلەرمۇ كومپىيۇتىر ۋە يانفۇننىڭ ھەتتا نەچچە مىڭ قىتىملاپ ھىساپ ئىلىپ بىرىشىدىن ئاندىن بىز ئوقۇغۇدەك بۇ چىرايىق خەتلەرگە ئايلانغان،
كومپىيۇتىرنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ

شۇڭا مەن سىرى چۈشۈپ سۈرۈلۈپ ئىسكەتى قالمىغان،  ھەر بىر ئىشىمدا ماڭا ياردەملىشىدىغان ساتاي دىسەم 300 گە ئالمايدىغان مۇشۇ ئەبجەق خاتىرە كومپىيۇتېرىمغا بەك ئامراق،  
مۇشۇ كومپىيۇتېرىمدا C# ئۈگۈنىمەن،  Visual Studio دا كومپىيۇتىرىمغا ئامراق ۋىندوۋسفون يانفۇنۇمغا پروگرامما يازىمەن، Android , Windows Phone قاتارلىقلار بىلەن قانغۇچە ئىتىشىمەن،  بەك زىرىككەندە ئانچە مۇنچە قىزىل سىگنال ئويناپ قويىمەن،
كومپىيۇتىرىمنىڭ 2.8 گىگابايىت ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ شۇنچە قىلساممۇ 1.5 گىگابايىت ئەتراپىنى ئاران ئىشلىتەلەيمەن!

شۇڭا ئويلاپ قالدىم،   بىز يانفۇن، كومپىيۇتېرلاردا سەپلىمە قوغلاشقان بىلەن ئاشۇ سەپلىمىلەرنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمىز،  
ئىشلەتسەكمۇ ئويۇن ئويناش، كىنو كۆرۈش...  قاتارلىق ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىدىكەنمىز!

ئەھمىيەتلىك، پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغان ئىنىرگىيە، كومپىيۇتىر ھىساپلىغان ھىساپلاشلار ۋاقتىمىز، زىھىمىز بەك بەكمۇ ئازكەن!

مەن كومپىيۇتېرىمغا ئامراق!!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 14:58:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ تەلىيىمنى سىناپ باقاي.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش