ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 2313|ئىنكاس: 19

پولشالىق ئايال خاككېر ئىنتېل CPU نىڭ بۇففېر ي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېقىندا پولشالىق ئايال خاككېر Joanna Rutkowska ئاخباراتلىق شەخسكە ئايلاندى. ئۇ بلوگىدا بىر پارچە يازما ئېلان قىلىپ، ئىنتېل CPU دىكى بىر بۇففېر يوچۇقنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنىڭ %85 تىن كۆپرەكىگە ئىنتېل CPU سەپلەنگەن.
ئەگەر بۇ يوچۇقتىن خاككېرلار ھۇجۇم قىلسا، ئۇنداقتا خاككېرلار كومپيۇتېردىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ھېچقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كونتروللىقىغا، چەكلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋاقىتتا ۋىرۇسخورنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ.
خۇشھاللىنارلىق يېرى شۇكى، Joanna Rutkowska بىر ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېر، ئۇ بىز بىلىدىغان يامان نىيەتلىك ((Blackhat خاككېرلارغا ئوخشىمايدۇ. ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېرلار بايقىغان يوچۇقنى ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ ياكى ئەسلى كارخانىغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېزلىكتە يوچۇقنى ئېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم Joanna Rutkowska ئىنتېل CPU نىڭ بۇففېر يوچۇقىنى مىكروسوفت شىركىتىگە تەمىنلىدى.
ئەگەر Whitehat ، Blackhat لارنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن:
Blackhat : مەن ھەممىدىن قالتىس، نېمە قىلىشنى خالىسام شۇنى قىلالايمەن. بۇ جەھەتتىن ھېچقانداق غېمىىم يوق.
Whitehat : مەن مەھسۇلاتنىڭ قۇلايلىقلىقى، مۇقىملىقى، سودا پايدىسى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىم كېرەك.
Blackhat : مەن خۇددى شىردەك ئوۋ ئۈچۈن يوشۇرۇنۇپ ياتىمەن، ماڭا بىر دەقىقە پۇرسەت بولسىلا كۇپايە.
Whitehat : مەن پادىچى ئىتىدەك ھوشيار بولۇشۇم، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك،
يامان نىيەتلىك ((Blackhat خاككېرلار كىچىككىنە يوچۇق تاپسىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھالبۇكى ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېرلارنىڭ مۇداپىئەسى تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياخشى نىيەتلىك ۋە يامان نىيەتلىك خاككېرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئېلىشىش بىز ئويلىغاندىن بەكرەك مۇرەككەپ بولىدۇ.

شىنجاڭ IT تورىدىن پراكتىكانت دەي جۈ يازمىسى
تەرجىمان : قىسمەت
مەنبە http://uyhacb.com
1.jpg
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-24 01:05:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن
ۋاقتى: 2014-4-24 01:31:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   ئىنساپلىق  خاككىرلاركەن  ......
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-24 07:14:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يــــــــــوۋ   ما  چوڭ بىر ئىش جـــــــۇمــا!
ۋاقتى: 2014-4-24 07:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن راحىمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-4-24 10:20:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم ،تەكرار يوللاندىمۇ ؟ياكى باشقا بىلوگلاردا كۆرگەن بولغىيمىتىم؟
ۋاقتى: 2014-4-24 10:29:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىشلارمۇ باركەندە،بۇئايال ھەقىقەتەن قالتىسكەن.
ۋاقتى: 2014-4-24 11:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشتىن بىر نى قېپتۇ بۇ ئايال..
ۋاقتى: 2014-4-24 11:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتتە خاككىر ئىككى خىل بولىدۇ !
ۋاقتى: 2014-4-24 14:12:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-24 10:20:49
بۇ تىمىنى بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم ،تەكرار يوللاندىمۇ ؟ياكى

خاككىرلار مۇنبىرىدە كۆرگەنسىز
ۋاقتى: 2014-4-24 14:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 10:20
بۇ تىمىنى بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم ،تەكرار يوللاندىمۇ ؟ياكى  ...

ھۈش! .... ئۇنداق دىمەڭ قېرىندىشىم ،  تەكرار يوللانسا ھىچقىسى يوق تېخى كۆرمىگەنلەر كۆرۈۋالسۇن ، ئەمما بۇ سەۋەبلىك قېرىندىشىڭىزغا ئازار بەرسىڭىز  بۇ بەك چوڭ بەدەل بوپ كېتىدۇ. (ئاقساقاللىقىمنى ئەپۇ قىلىڭ!)
ۋاقتى: 2014-4-24 14:14:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس خەۋەر ، بۇنداق ئۇچۇرلار ئادەتتىكدىن نەچچە ھەسە قىممەتلىك بولىدۇ،  سەۋىيە مۇشۇنداق ئاشىدۇ، يارايسىز رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2014-4-24 14:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Padichi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 14:12
ھۈش! .... ئۇنداق دىمەڭ قېرىندىشىم ،  تەكرار يوللانس ...


مىنىڭ مۇ تىما ئىگسىگە ئازار بىرىش مەخسىدىم يوق     تىما ئىگىسى كەچرۇڭ ھە،- كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن  ،سەرخىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-4-24 14:43:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خاككىرلارنى بىر خىل قاراپ كەپتىكەنمەن ، توۋا ياخشى نىيەتلىك خاككىر دەپ ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم ،
ۋاقتى: 2014-4-24 14:48:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نىمە بولغىنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش