- جۇغلانما
- 852
UID32644
تىزىملاتقان2014-1-19
ئاخىرقى قېتىم2014-8-8
توردا343 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 852
- ئاقچا
- 0
|
يېقىندا پولشالىق ئايال خاككېر Joanna Rutkowska ئاخباراتلىق شەخسكە ئايلاندى. ئۇ بلوگىدا بىر پارچە يازما ئېلان قىلىپ، ئىنتېل CPU دىكى بىر بۇففېر يوچۇقنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنىڭ %85 تىن كۆپرەكىگە ئىنتېل CPU سەپلەنگەن.
ئەگەر بۇ يوچۇقتىن خاككېرلار ھۇجۇم قىلسا، ئۇنداقتا خاككېرلار كومپيۇتېردىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ھېچقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كونتروللىقىغا، چەكلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋاقىتتا ۋىرۇسخورنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ.
خۇشھاللىنارلىق يېرى شۇكى، Joanna Rutkowska بىر ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېر، ئۇ بىز بىلىدىغان يامان نىيەتلىك ((Blackhat خاككېرلارغا ئوخشىمايدۇ. ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېرلار بايقىغان يوچۇقنى ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ ياكى ئەسلى كارخانىغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېزلىكتە يوچۇقنى ئېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم Joanna Rutkowska ئىنتېل CPU نىڭ بۇففېر يوچۇقىنى مىكروسوفت شىركىتىگە تەمىنلىدى.
ئەگەر Whitehat ، Blackhat لارنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن:
Blackhat : مەن ھەممىدىن قالتىس، نېمە قىلىشنى خالىسام شۇنى قىلالايمەن. بۇ جەھەتتىن ھېچقانداق غېمىىم يوق.
Whitehat : مەن مەھسۇلاتنىڭ قۇلايلىقلىقى، مۇقىملىقى، سودا پايدىسى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىم كېرەك.
Blackhat : مەن خۇددى شىردەك ئوۋ ئۈچۈن يوشۇرۇنۇپ ياتىمەن، ماڭا بىر دەقىقە پۇرسەت بولسىلا كۇپايە.
Whitehat : مەن پادىچى ئىتىدەك ھوشيار بولۇشۇم، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك،
يامان نىيەتلىك ((Blackhat خاككېرلار كىچىككىنە يوچۇق تاپسىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھالبۇكى ياخشى نىيەتلىك ((Whitehat خاككېرلارنىڭ مۇداپىئەسى تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياخشى نىيەتلىك ۋە يامان نىيەتلىك خاككېرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئېلىشىش بىز ئويلىغاندىن بەكرەك مۇرەككەپ بولىدۇ.
شىنجاڭ IT تورىدىن پراكتىكانت دەي جۈ يازمىسى
تەرجىمان : قىسمەت
مەنبە http://uyhacb.com |
-
|