ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 27

پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 13:31  

                   پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن      تەرمىلەر
          قەلەم ئېگىسى : پادىچى
         باشلانغان ۋاقتى : 2014.1.24
                            مەن ئۇچىرغان مەسىلىلەر (پىروگىراممىدا)
         
web-development.png

   ئالدىنقى يازمىللىرىمدا بەزى قېرىنداشلار ، پايدىلىنىش قىممىتى بولغۇدەك تەجىربە ھاسىلاتىدىن بىرنى يىزىش تەكۋلىۋىنى بەرگەن ئىدى.  شۇ كۆرسەتمىلەرگە بىنائەن  مەزكۇر ماقالىنى يەنى بىر قېتىملىق تۈر پىلانىنى سىزلەر  بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.   بۇ  بەلكىم  سىلەرگە ئىلگىركى ماقاللىرىمدىن بەكرەك  ئىلھام بېرەلىشى ۋە پايدىلىق  بولۇشى مۇمكىن.  ئاللاھ خالىسا  كەلگۈسىدە  بۇ توغىرلىق تېخىمۇ قىزقارلىق ھىكايىللىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

. تور بەت لاھىيەلەش پىروگىراممىرلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسىمى ، نۆۋەتتە مەن ئۆزۈمنىڭ بىر مانۋىر تۈرۈمنىڭ تۈر پىلانىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى ، چۈنكى بۇ ھەربىر پىروگىراممىر ياكى تۈر ئىشلىگۈچىنىڭ بىشىغا كېلىدىغان مەسىلە ، شۇڭا بۇنىڭدىن پايدىلىنارسىلە!

                     

    مانۋىر تۈر  ————  ئايغاقچى خەۋەر تور بىتى


قوللىنىلدىغان پىروگىرامما تىللىرى                          HTML5 , CSS , jQuery , JS ,  ajax , Json , jsp    قاتالىقلار
لاھىيەلەشكە ئىشلىتىلدىغان قوراللار                                                     Keynote,   ps ,  pages
تۈر ۋاقتى  :                                         10  كۈن                    2014-يىلى 1- -ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن                  2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ  31 - كۈنىگىچە  
تۈر مەسئۇلى   :                                           ئەسەددۇللا ئەخمەد (Padichi)



خەتەر  ئانالىزى                                              دەخلى قىلىشقا ئۇچرىشىم مۇمكىن ——— دىققىتىمنى چىچىشىم مۇمكىن ——— ۋاقىت سوزۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن ——— تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە كۆپرەك  يۇلۇقۇشۇم مۇمكىن  


ھەل قىلىش چارىللىرى            

1 .     ھەر قانداق ئىش خىزمىتىمگە دەخلى قىلسا  ئەقل بىلەن قارار بېرىپ ئۆزۈمنى بىھۇدە ئ‍ىشلارغا ئاۋارە قىلماسلىق

.2 دىققىتىمنى ئارتۇق ئىشلارغا چاچماسلىق ئىشلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش     …   ئىش باشلاشتىن بۇرۇن رەت تەرتىپ تۇرغۇزىۋېلىش ۋە  ئەتراپلىق    پىلان تۈزۈش

.3 ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم لازىم …. چۈنكى ئەگەر بۇ مانۋرنىڭ ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتسە    2 - ئايدىن باشلىنىدىغان رەسمىي تۈرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ  … شۇڭا  پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە  ياساپ پۈتتۈرىۋىتىش ياسىغاندىمۇ  زور تەجىربە بولغۇدەك ئەستايىدىل ياساش لازىم ….   ئەڭ مۇھىمى شۇكى  ئىشنى پىلان تۈزىۋېلىپ تەرتىپ بويىچە باشلاش ۋە  پىلاننى كۈنمۇ - كۈن تاماملاپ مېڭىش يەنى  ھەر گىز كەينىگە سۈرمەسلىك  

.4تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغاندا زىيادە ئۇرۇنۇپ ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش        دەرھال  سوراش ۋە تېز سۈرئەتتە  بىرتەرەپ قىلىش
   

تۈر مەقسىدى          مانۋېر ۋە  تەجىربە  


   دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر     :         
                      .1 بەتنىڭ ئانا رىڭى  ۋە قوشۇمچە رېڭى ئېنىق بولۇش     شۇ رەڭنى ئاساس قىلىش  (يەنى بەتنى رەڭگارەڭ قىلىۋەتمەسلىك)
                      2.بەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارلىرى ئېنىق بولۇش ،  شۇ ئىقتىدار ۋە قۇرۇلمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك
                      3.بەتنىڭ خەت فونىتى ۋە باشقا بارلىق تەرەپلىرى ئامال بار بىردەك بولۇش
                      4. بەت لاھىيەسىدە ئامال بار رەڭنى ئاساس قىلىش ، يەنى ئىمكانىيەتنىڭ يىتىشچە Flat   UI  غا يېقىنلىشىش ، ئامال بار رەسىم ئىشلەتمەسلىك ياكى ئاز ئىشلىتىش
                      5.ساندان قۇرۇلمىسىنى باشتىن ئاخىرى تەرتىپلىك قىلىش        (شۇڭا باشتا قۇرغاندىلا ناھايىتى ئەستايىدىل قۇرۇش لازىم)
                      6.كودنى تەرتىپلىك يىزىش ، مۇناسىۋەتلىك بولاقلارنى  رەتلىك ساقلاش ، كودقا  ئىزھاتنى چۈشنىشلىك ۋە ئەتراپلىق  يىزىش                          
                     7.ھەر بىر  باسقۇچنى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ، ئىنتىزام  بېلەن ئېلىپ بېرىش  ،  پىلاننى ھەرگىز بۇزىۋەتمەسلىك  ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك

                                                     قىسقىسى  ئىشنى كەسپىي  قىلىش




سەرىپ قىلىندىغان تەپسىلى ۋاقىت ۋە خىزمەتلەرنىڭ  ئىلگىرى -كىيىنلىك تەرتىۋى                تەپسىلى ئورۇنلاشتۇرۇش  تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ        


1. كۆرۈنمە يۈزنىڭ ئۇقۇم لاھىيەسى ئىشلىتىلدىغان ئاساسى رەڭلەرنى تاللاش ، بەتلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىيەلەش ۋە باشقا تېخنىكىلىق پىلان ئىشلىرىغا                       1 كۈن                    20چىسىلا
   كۆزدە تۇتۇلغىنى لاھىيەلەش قوراللىرى ئارقىلىق  تور بەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى چىقىرىۋېلىش  
  بەتلەرنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىللىرىنى بىر - بىرلەپ لاھىيەلەپ چىقىش ، ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەرنى ئېنىق تاللىۋېلىش  ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى كاللىدا ۋە لاھىيەدە ئېنىق قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.  



2. ساندان قۇرۇلمسىنى چىقىرىۋېلىش  ، ئانا بەتنى پۈتتۈرۈشكە ۋە سىناق ئۈچۈن ساندانغا مەزمۇن تولۇقلاش  ئىشلىرىغا                                                       3 كۈن                                 21~23چىسىلا
          بۇ دىگىنىم كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدۇ               
  كۆزدە تۇتۇلىغىنى ئالدىنقى لاھىيەلەرگە ئاساسەن بارلىق بەتلەرنىڭ ئاساسى ساندان قۇرۇلمىللىرىنى لاھىيەلەپ تەييار قىلىۋېلىش  ۋە ئانا بەتنىڭ كۆرۈنمە يۈز ۋە ئىقتىدار  ئۈنۈملىرىنى تاماملاش …  بەتكە كىرىدىغان ئابونىت تىزىملىتىش ۋە كىرىش كۆزنىكىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە…..


3.تاللانغان  خەۋەر ئېچىلىدىغان بالا بەتنى پۈتتۈرۈش ئىشلىرىغا                                                                                                               2 كۈن                         24~25چىسىلا
ئابونىت ئانا بەتتىكى ياقتۇرغان خەۋەرنى چەككەندە ئېچىلىدىغان خەۋەر مەزمۇنى بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ …

4.بارلىق ئارقا بەت ئىقتىدارلىرىنى ۋە ئۇلارنى ئالدى بەت بىلەن  باغلاش ئۈچۈن       2 كۈن        26~27چىسىلا
كۆزدە تۇتۇلغىنى باشقۇرغۇچى بىتى بولۇپ … ئالدى بەتتىكى ئۇچۇرلارنى ، ئابونىتلا تىزىملىكىنى  ۋە باشقىلارنى  ئۈچۈرۈش ، تەھرىرلەش ، قوشۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قولاي ئېلىپ بارالىشى ئۈچۈن بۇ بەت  ياسىلىدۇ.  بەت لاھىيەسى كۆركەم ۋە چۈشنىشلىك بۇلۇشى شەرىت

5.ئىزدەش ئىقتىدارى ئۈچۈن  ۋە باشقا   ئاساسلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلار ئۈچۈن   2 كۈن       28~29  چىسىلا                 بەتكە يەنە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلىدىغان بولۇپ ، ئابونىت ئۆزى خالىغان مەزمۇنلارنى ئىزدەپ دەرھاللا
كۆرەلەيدۇ.  ئىزدەش بىتىمۇ ئايرىم ياسىلىشى ۋە كۆركەم بولۇشى … ئىزدەشكە  Ajax تېخنىكىسى ئىشلىتىلىشى
   لازىم.


6.ئەڭ ئاخىرى ھەممە ئىش پۈتكەندە  سىناش ۋە تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا بارلىق ئاخىرقى خىزمەتلەر  ئۈچۈن                          1 كۈن                     30چىسىلا
   بەتنىڭ ئومۇمى ئىقتىدارلىرى ۋە مۇكەممەللىك دەرىجىسى ،  كۆرۈنمە يۈزى ۋە باشقا جەھەتلەردىن باھالىنىدۇ ۋە  نۇقسانلار دىققەت قىلىنمىغان جايلار  تۈزىتىلىدۇ.


      دىمەك  خىزمەتلەر تولىمۇ ئالدىراش ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن تېخنىكىلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچىرىشىم ئېنىق بىرتەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ياسايدىغان گەپ شۇڭا قىلچىلىك ئەزمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ . خەۋىپلىك يىرى شۇكى ئەگەر ئەزمىلىك تۈپەيلى تۈر كىچىكىپ كەتسە ئېنىقلا  2 - ئاينىڭ  1 - كۈنى باشلىنىدىغان  رەسمىي چوڭ تۈرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ … بۇنداق بولغاندا  ئىشەنچىگە تەسىر يەتكۈزۈشى ۋە چۈشكۈنلەشتۈرىۋىتىشى مۇمكىن …   شۇڭا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى  ھەرگىز بىخۇد بولماسلىق لازىم.
        


  تۈر جەرياندىكى باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلار :  ئىنگىلىزچە ئۆگىنىش  ۋە كىتاپ كۆرۈشتەك  ئەڭ مۇھىم قەتئىي تاشلاشقا بولمايدىغان ئىككى ئىش بار  شۇڭا بۇ ئىككى ئىشنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇم  


ئىنگىلىزچىنى ئۆگىنىشكە  تۆۋەندىكى  ئۈچلا ۋاقىتنى بەردىم     :       ئەتتىگەن   7:50 دىن بۇرۇن       چۈشتە   12:50 دىن  2:00 گىچە               كەچتە 11:30 دىن كىيىن  

كىتاپ  كۆرۈشكە  تۆۋەندىكى ۋاقىتلارنى بەردىم  :  كود  يېزىپ چارچىغاندا يەنى  لوگىكامنى تاپالماي قالغاندا  داۋاملىق كىرىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايمەن ،  كىتاپنى ئېچىپ بىر ئاز كىتاپ ئوقۇغاچ ئارام ئالىمەن.

  2014.1.20 ~ 2014.1.31



         
  يۇقارقىسى  مەن 2014- يىلىنىڭ بىشىدا ئىشلىگەن بىر مانۋېر تۈرنىڭ تۈر پىلانى بۇلۇپ ، مۇكەممەل دىيىشكە بولمىسىمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، كۆپچىلىك مۇشىنى ئۈلگە قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە كەسپىي بولغان تۈر پىلانىنى يىزىشى لازىم. چۈنكى بىر تۈرنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك پۈتىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق پىلانى بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈر پىلانى يىزىشمۇ ئەتراپلىق مۇلاھىزە ، بەلگىلىك كەسپىي تەجىربە ، ۋە ئاز - تولا يىزىقچىلىق ھۈنىرى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە كىلىپ تۈر پىلانى يىزىپ بولۇش تۈرنىڭ يېرىمى پۈتكەندەكلا بىر ئىش شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئازدۇر - كۆپتۇر ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

                                                         2014.4.23
                                                                    - ئۈرۈمچى
                                                                               -رەھمەت
                                                                                        داۋامى بارمىدۇ؟

            ئىزھات :  بەلكىم بۇ قېتىلىق يازما يوللاش ھەركىتىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق ئاخىرلىشىشى مۇمكىن (ئالىدىنقى قېتىملاردىكىدەك)  ، (ئەلىۋەتتە بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار!)  قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن. كىيىنكى قېتىملىق يازما يوللاش ھەركىتى باشلانغۇچە ئامان بولغايسىلەر!

گەرچە  ئۇ قېتىملىق مانۋېر تۈر ئويلىغىنىمدەك تولۇق ئورۇندالمىغان بولسىمۇ.(كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ۋە بەت ئىقتىدارىنىڭ بىر قىسىمىلا پۈتكەن)  ماڭا  زور روھى ئۇزۇق ۋە تەجىربە بولغان ئىدى. تۆۋەندە مەن تېخى تولۇق پۈتمىگەن توربەتتىن بىرقانچە كۆرۈنۈش بېرەي!

1.تىزىملىتىش ۋە كىرىىش بىتى :
login.png



2. باش بەت :
home.png


3. مەزمۇن بىتى
content.png


مەزمۇن بىتى كىچىكلىتىلگەن (ئومۇمى كۆرۈنىشى):
content-all.png


    5.  ئارقا باشقۇرۇش بىتى
   
Manage.png


     كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر !  ئەلۋەتتە تەنقىدىي پىكىر قۇبۇل قىلىنىدۇ!
content-all.png

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +19 يىغىش سەۋەبى
ehsan8 + 19 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-23 12:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ    ئەمسە  بۇنى   ئىلكىتاپ  قىلىىۋىتىپ  ئاندىن  ئۇقۇي   ھە  ........
ۋاقتى: 2014-4-23 12:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلكىتاپنى  پۈتتەردىم    كىرەك  بولغانلارغا   يوللاپ  قۇياي  ھە  ؟؟
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-23 12:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
链接:http://yun.baidu.com/s/1qWpYxDa 密码:91hk

http://yunpan.cn/QN2BiP9He4TPe  访问密码 b458

مانا   ھەممە قىسمى تۇلۇق  ...
ۋاقتى: 2014-4-23 12:20:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-23 12:14:49
ئىلكىتاپنى  پۈتتەردىم    كىرەك  بولغانلارغا   يوللاپ  قۇ

قانداق ياسايدۇ مۇشۇ ئىلىكىتابنى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-23 12:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 12:14
ئىلكىتاپنى  پۈتتەردىم    كىرەك  بولغانلارغا   يوللاپ  قۇ ...

پاھ !   پەيزى چىقىپتۇ ، سىزگە  كۆپ رەھمەت!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-23 12:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش :  بەتتىكى رەسىملەردىن باشقا  ئۇششاق چوڭ بەلگىلەر  پۇتۇنلەر فونىت  يەنى خەت ،  رەسىم ئەمەس!
ۋاقتى: 2014-4-23 12:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەتنى ئىنگلىزچە تۈزگەن گەپما؟
ئەمدى يولىڭىزغا قارايدىغان بوپتۇق دە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-23 12:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 12:27
بەتنى ئىنگلىزچە تۈزگەن گەپما؟
ئەمدى يولىڭىزغا قارايد ...

ھەئە ،  ۋاقىت سەل قىس كەپ قېلىپ ،  ئاساسى قۇرۇلما ئەڭ مۇھىم بولغاندىن كىيىن ،...


ئەمدى يولىڭىزغا قارايدىغان بوپتۇق دە

بۇنىڭ  مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم؟
ۋاقتى: 2014-4-23 12:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بۇ دەرسىڭىزنىڭ ئاخىرىغا  تەشنامىز  قېرىندىشىم ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-4-23 12:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Padichi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 12:21
پاھ !   پەيزى چىقىپتۇ ، سىزگە  كۆپ رەھمەت!

ئەرزىمەيدۇ....بۇ  قىلىشقا  تىگىشلىك ئىش   دەپ  قارايمەن
ۋاقتى: 2014-4-23 13:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 12:20
قانداق ياسايدۇ مۇشۇ ئىلىكىتابنى

ئاسانغۇ ؟؟؟   ھەممىمىزدە  توختىماي  ئىزدىنىش  روھى  بولغان  بولسا  نىمە دىگەن  ياخشى  بۇلاتتى  ھەي
ۋاقتى: 2014-4-23 13:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى سىپتا، چىرايلىق چىقىپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ...
ۋاقتى: 2014-4-23 15:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 15:16  
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 13:00
ئاسانغۇ ؟؟؟   ھەممىمىزدە  توختىماي  ئىزدىنىش  روھى  بول ...


ئۆگىنىپ بولغانلارغا ئاسان   مەنمۇ توختىماي ئىزدىنىۋاتىمەن  ، سىزدىن سوراپ ،
لىكىن سىز دەپ بەرمەيۋاتىسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-23 15:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 15:05
ئۆگىنىپ بولغانلارغا ئاسان   مەنمۇ توختىماي ئىزدىنى ...

   ۋىندوۋس ئىشلىتەمسىز ؟   ۋىندوۋىسنىڭ  ئىشخاتا يۇمشاق دىتاللىرىنى بىلىدىغانسىز ؟ ھېلقى ئېكىسئېل ، ۋورد  .... لارنى دەيمەن. ئاڭلاپ باققان بولغىدىڭىز؟  ھە!  بىلسىڭىز ياخشى ئەمدى سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ!  شۇ  ۋوردنىڭ   PDF  ھاسىللايدىغان يېرى بار (ياخشى قارىسىڭىز كۆرەلەيسىز)  شۇ يەردىن كىرىپ  تور بەتتىكى تېمىلارنى  بىر كۇنۇپكا بىلەنلا  ئېلكىتاب قىلىپ چىقىرۋىتسىز ...  ناھايىتى ئاسان ....  سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش