ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1011|ئىنكاس: 35

پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن(1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن      تەرمىلەر
          قەلەم ئېگىسى : پادىچى
         باشلانغان ۋاقتى : 2014.1.24
                            مەن ئۇچىرغان مەسىلىلەر (پىروگىراممىدا)

  
Blue_Binary_Code_Jigsaw_Puzzle.jpg


              مۇقەددىمە :  مەسىلىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن پىشىپ يىتىلىمىز. ئەمما بىرىمىز ئۇچۇرىغان كونا مەسىلىگە يەنە بىرىمىز تەكرار ئۇچراپ ، ئوخشاش ۋاقىت سەرىپ قىلساق … بۇ نىمىدىگەن چوڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. شۇ ۋەجىدىن مەن ئۆزۈم  بۇ كەسىپتە ئۇچىرغان مەسىلىلەرنى ئازدۇر - كۆپتۈر خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي دىدىم. بەلكىم سىزمۇ ئۇچىرارسىز ، بەلكىم ئۇچىرماسسىز ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى مەسىلىلەر قانچە كۆپ بولسا ئىقتىدارلىقلار شۇنچە كۆپ يىتىشىپ چىقىدۇ،بىراق سىز مەن ئۇچىرغان مەسىلىنى مىنىڭ خاتىرەمدىنلا كۆرۈۋېلىڭ! يەنى سىزمۇ باشقا ، تېخىمۇ يېڭى مەسىلىلەرگە ئۇچراڭ ۋە ھەل قىلىڭ! ھەر گىزمۇ بىر كونا مەسىلىنى ھەممىمىز تەكرارلا ۋەرمەيلى!

  -3.   سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئەمەلىيەتتە بىز كومپىيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈۋاتقان ھەربىر دانە ھەرىپ ، ھەر بىر رەڭ ،  ھەر بىر بوشلۇق ۋە باشقا ھەرقانداق بىر كۆرۈنمە شەكىل  كومپىيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچىدا ئىككىلىك سىېستىما بويىچە يەنى 0 بىلەن 1 ھالىتىدە ساقلىنىدۇ  ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن قىزقارلىق بىر جەريان … پەقەت سىز تەتقىق قىلىشنى … تېخىمۇ ئوچۇقىراقى ئويناشنى خالىسىڭىزلا! ___ سىزنىڭ خالىشىڭىز بىلەن بۇ شەرەپلىك ۋە  قىزقارلىق ئويۇن دەررۇ باشلىنىدۇ.

    -2.   كود يېزىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا شۇنداق بىر  نەرسىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ!  بۇ بولسا كومپىيۇتېر دۇنياسى ،  سىز بۇ يەردە پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئىش قىلىسىز.  :  توغرا يا خاتا  ، يا نۆل يا بىر ، يا توغرا يولدا مېڭىپ قۇتۇلسىز يا خاتا يولغا مېڭىپ تۇتۇلىسىز…  يەنى يا سىرلىق ئوردا لاھىيەلەيسىز!  يا سىرلىق ئوردا ئويۇنىنى ئوينايسىز. سىز پەقەت مۇشۇنداقلا چۈشىنىڭ!  سىز بۇ ئويۇننى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئەگەر ياخشى كۆرسىڭىز بۇ ناھايىتى ئاددى …   بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى پەقەت ئىككىلا  :  بىرى  قەتئىي تېرىكمەسلىك ، قايتا - قايتا سىناپ كۆرۈش .   يەنە بىرى   سىرلىق ئوردىدا نۇرغۇن يوللار بولىدۇ  ئەمما سىز بىر قېتىمدا  پەقەت بىرلا يولغا ماڭالايسىز.    پەقەت مۇشۇ ئىككى قائىدىنى ئىسىڭىزدە تۇتسىڭىزلا سىز بۇ ئويۇننى ناھايىتى كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرالايسىز!  

-1.    كومپىيۇتېر دۇنياسىدىكى پىكسىل ئۇقۇمىنى تەھلىل قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى چوڭقۇر چۈشنەمسىز  ؟  ئەگەر ھەقىقى ماھىيىتىدىن چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز ، كىلىڭ بىللە تەھلىل قىلايلى! چۈنكى مەنمۇ ئەمدىلا ھەقىقىي چۈشىنىۋاتىمەن.
سىز  كۇچا نانلىرىنى ياكى قەشقەرنىڭ گىژدىللىرىنى كۆرەپ باققانما؟ دىققەت قىلسىڭىز ئۈستىدە يىڭنە سانجىغاندەك نۇرغۇن چىكىتلەر بار …. ئەگەر سۆزۈمنى ھىس قىلالىغان بولسىڭىز ، يارايسىز! ئەنە شۇ پىكسىل!  سىز ئاپىڭىز ياكى بىرەر ھەمشىرىڭىزنىڭ قولياغلىق تىكۋاتقىنىنى كۆرگەنمۇ ؟ دىققەت قىلسىڭىز شۇ قولياغلىق ئۈستىدىكى نەقىشلەرنى بىر - بىرلەپ يىڭنە ئۆتكىزىش ئارقىلىق چىقىرىدۇ.  ئەگەر سۆزۈمنى ھىس قىلالىغان بولسىڭىز ، ئىسىل! ئەنە شۇ پىكسىل!  يەنە سىز سېرىق ھەرىنىڭ كۆنىكىنى كۆرەپ باققانمۇ ؟ ، ياكى ئاپتاپپەرەسنىڭ يۈزىنى كۆرەپ باققانمۇ ؟ دىققەت قىلسىڭىز چىرايلىق شەكىلدىكى بىر ھەرە ئۇۋىسى ئەمەليەتتە نۇرغۇنلىغان كىچىك ھەرە ئۇۋىللىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان ، شۇنىڭدەك ناھايىتى گۈزەل بىر ئاپتاپپەرەسنىڭ چىرايى ئەمەليەتتە نۇرغۇنلىغان ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن تەركىپ تاپقان  ئەگەر سۆزۈمنى راستىنلا ھىس قىلالىغان بولسىڭىز ، راس ئەقىللىق ئىكەنسىز !  ….  ئەمدىغۇ پىكسىلنىڭ نىمىلىكنى ياخشى چۈشەنگەنسىز؟  يەنى  كومپىيۇتېر ئېكرانىنى ئاپىڭىز (ياكى سىز) كەشتىلەۋاتقان  بىر قولياغلىق دەپ پەرەز قىلساق ، بىز  پىكسىل دەپ شۇنچە مۇرەككەپ ھىس قىلىۋالغان نەرسە دەل قولياغلىق يۈزىدىكى ھەر بىر يىڭنە ئىزلىرىدۇر …. !
luigi42_pixel-wario.jpg

      0.  پىروگىرامما _   يۇقىردىن - تۆۋەنگە تەرتىپ بىلەن ئىجرا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز يازغان 100،00 قۇر كود قاتتىق دىسكىدا ئىككىلىك سېستىما بويىچە ناھايىتى ئۇزۇن ۋە قالايمىقان بىرلا قۇر بولۇپ ساقلىنىدۇ. چۈنكى ئىچكى ساقلىغۇچتا قۇر ئۇقۇمى يوق ، دىمەك سىز يازغان ئۇ كودلار يەنى ئىچكى ساقىلىغۇچتىكى ئۇزۇن بىر قۇرنىڭ باشتىن ئاياق ئوقۇلىشى بولۇپ …  تەھرىرلىگۈچى قوراللارغا كەلگەندە قۇرلار شەككىللىنىدۇ ،ئەمما كودلار يەنىلا ئۆز نۆۋىتى بويىچە قۇرمۇ - قۇر تەرتىپ بويىچە ئىجرا بولىدۇ خالاس!   سىز بۇ قانۇنىيەتنى بىلىۋالسىڭىز  پىروگىرامما دۇنياسىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان بولىسىز.
binary_code_Wallpaper_nq5va.jpg

    قىستۇرما :    پىروگىرامما تۈزۈش ئۈچۈن سىز چۇقۇم ، كوپىيۇتېرنىڭ مەشغۇلات تەرتىۋى ، قانۇنيىتىنى پىششىق بىلىشىڭىز لازىم.! مەسلەن : بىز بارماقچى بولغان يەرنىڭ ئادىرسىنى شوپۇرغا (ئۈرۈمچى شەھىرى ، تىيەنشەن رايونى، دۆڭكۆۋرۈك سودا سارىيى ئالدىدىكى ئاھالىلەر بىناسى …. ) دەيمىز … , كومپىيتېر دۇنياسىدىمۇ ئوخشاش ، يەنى User/Esedullah/Desktop/sw.jpg  بۇ بولسا كومپىيۇترىمدكى بىر پارچە رەسىمنىڭ تەپسىلىي ئادىرسى ، بۇ ئادرىستىن بىلدىمكى ،  sw.jpg  ناملىق رەسىم ، كومپىيۇتېرىمنىڭ ئۈستەل يۈزىدە ئىكەن.


. غايەت - زور سانلىق مەلۇماتلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك! ئۇنداقتا سىز تەھلىل قىلغاندا يەنى پىروگىراممىنى تەھلىل قىلغاندا قانداق تەھلىل قىلىسز؟  بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە خىل نۇقتىلىق ئۇسۇلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى! 1. ۋاقىت ئۇقۇمى ھەر بىر ماكاندا ھەر بىر شەيئىيگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى يەرشارىنى 4 مىليارد ياش دەپ پەرەز قىلساق … دىمەك بىزنىڭ بىر يىلىمىز يەر  شارىغا نىسبەتەن بىر كۈن ، بىر سائەت ، بىر مىنۇت  ھەتتا بىر سىكونىتتىن ئىبارەت. يەنە بىر نورمال چىۋىن بىر كۈنلا ياشىيالايدۇ دەپ پەرەز قىلساق … بىزنىڭ بىر كۈنىمىز ئۇلارغا نىسبەتەن 60~80 يىلدىن ئىبارەت. يەنى مەن بۇئارقىلىق شۇ نەرسىنى دىمەكچى سىز كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىنى تەھلىل قىلغاندا كومپىيۇتېر ۋاقىت تونىلىدا تۇرۇپ ئەمەس ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمىغا تاينىپ تەھلىل قىلىڭ! ، كومپىيۇتېرنىڭ بىرقانچە مىليارد  سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقىنىنى ئەمەس ، ئۆزىڭىزنىىڭ ئۇنىڭغا بىر ئاددى مىسالنى ئىشلىتىۋاتقىنىڭىزنىلا ئويلاڭ!  مەن بۇ يەردە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى. مۇتلەق كۆپ قىسىم يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ، پىروگىراممىرلىقتىن ئىبارەت بۇ سۈيۈمكلۈك ۋە شەرەپلىك كەسىپنى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە چىېچىلاڭغۇ ئويلىۋالىدۇ،(لىللا گەپنى قىلغاندا مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق ئويلىۋالاتتىم) شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىلغار دۇنياغا كىرىش تۈگۈل قاراپ بېقىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كومپىيۇتېر پىروگىراممىرلىق دۇنياسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كۆڭۈللۈك ۋە ناھايىتى ئىلغار بىر دۇنيا ئىدى، بەلكى غەرىپ تەسەۋۋۇرىدىكى تاشقى پىلانىتا مۇشۇ بولسا كېرەك(Just Kidding)     !
binary-code-9004-1920x1080.jpg

              مەزكۇر يازما  كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى ، ھوقۇقى  توغرا نىيەتتىكى ھەربىر قېرىندىشىمغا تەۋە. مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز يۆتكىسىڭىز ياكى (توغرا يولدا) خالىغانچە پايدىلانسىڭىز تامامەن   بولىدۇ.

                                                                                 2014.4.19
                   - ئۈرۈمچى
                           - رەھمەت
                                   -داۋامى بار .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-19 18:16):
مەن تۈزىتىشكە تىگىشلىك نۇقتىلار ياكى باشقا ھەرقانداق ئىش بولسا .. .. ئېلخەت : esedulla@sina.com

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-19 19:53):
خالىساڭلا نادىرلاپ قويۇڭلا! مەزكۇرتىما باش بەتتىن چۈشۈپ كەتسە داۋامى يېڭى تىما،بولمىسا مۇشۇنىڭ داۋامغا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +320 يىغىش سەۋەبى
amirdinov + 100 مەن قوللايمەن
jari + 10
sardar000 + 10
alip + 200

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-19 18:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلىي سۆزلەپسىز! قىرىندىشىم! قوللىرڭىزغا دەت كەلمىسۇن!
ۋاقتى: 2014-4-19 18:18:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قوللايمەن ئورتاقلاشساق ئۇنۇمى ياخش
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-19 18:21:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللاپ قوياي، مەنمۇ java دىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان ئىدىم.
ۋاقتى: 2014-4-19 18:22:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە بۇ كومپىيۇتېر پىروگىراممىرلىق دۇنياسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كۆڭۈللۈك ۋە ناھايىتى ئىلغار بىر دۇنيا ئىدى، بەلكى غەرىپ تەسەۋۋۇرىدىكى تاشقى پىلانىتا مۇشۇ بولسا كېرەك(Just Kidding)
ما گەپنى قوللايمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 18:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tormahiri يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 18:22
ئەمەلىيەتتە بۇ كومپىيۇتېر پىروگىراممىرلىق دۇنياسى پۈ ...

رىقابەت ئارقىلىق تەرەققىيات ، قوللاش ئارقىلىق يۈكسىلىش ،  ھەمكارلىق ئارقىلىق يىمىرىلمەس گەۋدە  ھاسىل بولىدۇ ، قېرىنداشلارنىڭ قوللىغىنىغا تەشەككۈر .
ۋاقتى: 2014-4-19 18:30:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ پانا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 18:33:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشكەل يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 18:30
ياۋ پانا

نىمە بولدى قېرىنداش؟ مەسىلە بارمۇ ؟
ۋاقتى: 2014-4-19 19:10:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلسە پروگرامما ئىنتايىن تەرتىپلىك بىر جەريان
ۋاقتى: 2014-4-19 19:29:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭزنى تەپسىلى كۆرۋاتىمەن،رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-4-19 19:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ بىر ئشتىياق چۈشتى جۇمۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 19:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 19:53  
marxal يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 19:29
تېمىلىرىڭزنى تەپسىلى كۆرۋاتىمەن،رەھمەت .


مېنى ئىلھاملاندۇردىڭىز قېرىندىشىم ، كۆپ رەھمەت!
ۋاقتى: 2014-4-19 20:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر تىلى ئۆگىنىپ خاتىرە قالدۇرمىغان مەنلا بار ئوخشايمەن.
java ، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 20:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 20:11
كومپيۇتېر تىلى ئۆگىنىپ خاتىرە قالدۇرمىغان مەنلا بار ئ ...

  سىزمۇ جاۋاچىمۇ ؟  .... خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز  ،   يۇقرى سەۋيەلىك بولمىساممۇ ئاللاھ خالىسا سىزگە پىكىرداش بولالايمەن...

ئېلخەت تىمىنىڭ ئاخىردا قالدۇرۇلدى.
ۋاقتى: 2014-4-19 20:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Padichi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 20:23
سىزمۇ جاۋاچىمۇ ؟  .... خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلەشس ...

IO نى ئۆگىنىپ بولغان، ئاخىرىنى ھېچ داۋاملاشتۇرالمايۋاتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش