ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1987|ئىنكاس: 27
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىنتىل 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

194

يازما

648

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
1760
ئاقچا
6
ئالاھىدە خۇشخەۋەر: ئىنتىل مەكتىپى پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز ئوقۇتماقچى.
1. قۇبۇل قىلىدىغان كەسپ خەنزۇ تىلى.
2. ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2014- يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە.
3. دەرس باشلىنىش ۋاقتى 2014- يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە.
4. ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى 0991-2888344 گە ياكى 13999163031 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت 
سوراپ ئاندىن كەلسە بولىدۇ.
مەكتىپىمىز 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈندۈزلۈك يىللىق سىنىپلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتكەن ئىدى. بۇ 1 يىلنىڭ ئىچىدە مەكتىپىمىز ئېنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر كەسپلىرى بويىچە 
187 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 1 يىل مۇنتىزىم ھەقسىز تەربىيىلەپ چىقتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاپقۇسى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 
مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھەمدە ئۈرۈمچى داۋەن رايونىدىكى ئىنتىل ۋاكۇم ئالاھىدە ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل 
قىلىدۇ. كەڭ دوستلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەپسىلىي ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1 . ئوقۇش مۇددىتى 1 يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى كەسپى بويىچە 1 يىل تەربىيىلىنىدۇ، 7000 يۈەن (يەتتە مىڭ يۈەن)  ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز.
2 . ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تىل دەرسلىرىدىن سىرت ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، ئېگىلىك تىكلەش دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 
ھەپتە ئاخىرىدا تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ھەر خىل لېكسىيە قاتارلىق ئىككىنجى دەرسخانا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇتۇش رايونى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ كۈندە مۇنتىزىم 6 سائەتتىن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4 . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىللىي كارخانىلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خىزمەتكە تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار، بىراق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر.
2. مەكتىپىمىزدە چوقۇم 8 سائەتتىن 1 يىل مۇنتىزىم ئوقۇيالايدىغانلار.
3. يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئىزاھات:
(1) تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئىنتىل مەكتىپىمىز بەرگەن مۇشۇنداق ئالتۇندەك ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىيەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ئېگە، غايىلىك، ئۈمىدۋار ياشلاردىن بولۇشى كېرەك.
(2) ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزگە كەلگەندە يوتقان - كۆرپە ۋە لازىمەتلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
(3) ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقىلى كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىنتىل مەكتىپىمىزگە چىقىرىپ بەرگەن قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزغا بۇ خۇشخەۋەرنى تېزدىن يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەت قوينىغا باشلاش ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ 
دوستلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى بىر ئوقۇش ئارزۇسى بار قېرىندىشىمىزغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭىز مىللىي مائارىپىمىزغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقىنىڭىز!
مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!
ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى: ئابلەت ئابدۇللا (ئىنتىل)
2014- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى

شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
0991-2888344
13999163031
www.xjintil.com
WeChat: xjintil
جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

61

يازما

95

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
286
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 13:15:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ خەنزۇچە سەۋيەم بەك تۇۋەن بولمىسا ئۇقۇيتۇم

باھا سۆز

سىزنىڭ سەۋيىڭز بەك يۇقرى بولسا ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق  ۋاقتى: 2014-4-19 21:26

1

تېما

236

يازما

463

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2237
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-4-19 13:40:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇش ئارزۇسى بارلارغا خوش خەۋەركەن  
جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

80

يازما

321

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1230
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 13:43:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرىلىك ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ....قېرىنداشلار....

14

تېما

188

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1112
ئاقچا
75
ۋاقتى: 2014-4-19 13:58:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارائىتىم يار بەرگەن بولسا مەن ئوقۇيتۇم

0

تېما

147

يازما

92

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-4-19 14:22:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنىي كەڭ كۇلەمدە تارقىتپ قۇيساق بۇلغىدەك ياخشي ئىشكەن

4

تېما

216

يازما

69

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
712
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 14:41:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا  بەك ياخشى ئىشكەن بۇ . لىكىن مەن ئۇقيالمىغۇدەكمەن بەك ئۇقۇغۇم باتى بولمىسا چۈنكى مەن ئىشلەپ تۇرمۇشۇمنى قامدىمسام بولمايدۇ ھەي
ھە راس تىما ئېگىسى سىز ساھدىيار سوفىت تورنىڭ قورغۇچىسى ئالىمجان شۇما؟

0

تېما

11

يازما

90

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
234
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-4-19 15:07:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك   بەك خۇرسەن بولدۇم

6

تېما

493

يازما

285

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2139
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-4-19 15:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلىپ بولغانلار تىزىملاتسا بولامدۇ

0

تېما

16

يازما

415

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1301
ئاقچا
2
ۋاقتى: 2014-4-19 15:51:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رىھمەت قلغاي ئنتل ئەپەندىم

3

تېما

182

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1221
ئاقچا
34
ۋاقتى: 2014-4-19 16:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرى ساھاۋەت ئورنىدىن يەنە بىرسى قۇرۇلۇپتۇ دە

0

تېما

126

يازما

155

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 17:58:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى پۇرسەتكەن

0

تېما

86

يازما

148

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
688
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 18:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك خۇش بولدۇم،مەن تىزىملىتىمەن.

0

تېما

7

يازما

24

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
76
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 18:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ قىرىنداشلاش ، بۇنداقلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تىخىمۇ ئاسان ،يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلغاي!

0

تېما

86

يازما

148

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
688
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-4-19 18:36:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق تىزىملىتىمىز؟ تېلفۇن ئۇرامدۇق ياكى ئىنتىل تورىغا كىرىپ توردا تىزىملىتىش دېگەن جايدىن تىزىملاتساق بولامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش