ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2765|ئىنكاس: 47
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېھتىيات قىلىڭ! ئالدامچىلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرى!!!

6

تېما

62

يازما

207

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
670
ئاقچا
0
QQ
مەزكۇر يازما ھەققىدە مەن بلوگ يازىمەن دەپ ئويلاپ يۈرگىلى خېلى بولغان، چۈنكى مېنىڭ ئەتراپىمدا بىر قانچە تونۇشۇم، ئىنىم قاتارلىقلار يېقىندا ئوخشاش بىر قانچە خىل ئالدامچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئەمما ۋاقىت چىقماسلىق سەۋەبىدىن زادى يېزىپ چىقالمىغان ئىدىم. بۈگۈن  مىكرو ئۇچۇر  دوستلار چەمبىرىكىدە بىر قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە ئۆزى كۆرگەن بەزى بىر ئالدامچىلىق ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشى ھەققىدە ياخشى ئۇچۇر بېرىپتۇ. (بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
تۆۋەندە مەن زامانىمىزدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئالدامچىلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە مۇشۇ ھەقتە كۈچ چىقارغۇچى يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىسىنى ھەمبەھرلىنىش ئارقىلىق، ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان ئالدامچىلىقلاردىن كەڭ قېرىنداشلارغا كۈچلۈك ئېھتىياتنامە بەرمەكچىمەن.
ئالدامچىلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرى:
بىرىنچى خىل ئالدامچىلىق شەكلى
ماشىنا ھەيديدىغانلار ياكى ئائىلىسىدە ماشىنىسى بارلار چوقۇم كۆرۈڭ، چۈنكى بۇ مەخسۇس ماشىنا بولاشتىكى يېڭى بىر خىل ئالدامچىلىق شەكلى، بۇ يۇمۇر ياكى چاقچاق ئەمەس. سىز ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، ياخشى كۆرىدىغان ماشىنىڭىزغا ئولتۇرۇپ ماشىنىنى ئەمدى ئوت ئالدۇرۇپ ئارقىغا ياندۇرغىنىڭىزدا، ماشىنىنىڭ ئارقا كۆزى (سىن ئاپپاراتى) نىڭ كۆزىگە بىر قەغەز چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقايسىزدە، ماشىنىڭىزدىن چۈشۈپ ئاشۇ قەغەزنى ئېلىۋېتىشكە ئۇرۇنىسىز. دىققەت قىلىڭكى، سىز ئوت ئالدۇرۇپ بولغان ماشىنىڭىزدىن چۈشۈپ، ئاشۇ چاپلىشىپ قالغان قەغەزنى ئەمدى ئالاي دەپ تۇرغىنىڭىزدا، ماشىنا ئوغرىلاشنى پىلانلاپ، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ بولغانلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ماشىنىڭىزغا كىرىپلا ماشىنىڭىزنى ئېلىپ قاچىدۇ. ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن رەھىمسىزلىرى بولسا بەلكىم ماشىنىنى شىددەت بىلەن ئارقىغا ياندۇرۇپ سىزنى باستۇرىۋېتىشى ياكى سوقۇپ قېچىپ كېتىشى مۇمكىن. خاتالاشمىساق، سىزنىڭ پورتمالىڭىز، كىملىك، بانكا كارتىسى، ئۆيىڭىزنىڭ ئادرېسى، يانفونىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىدا قالغانغۇ دەيمەن؟ ئەگەر بۇ خىل كېلىشمەسلىك بېشىڭىزغا كەلسە، ئۇ ھالدا سىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تېخىمۇ كۆپ ئاپەتلەر بولۇشى مۇمكىن.
ساقلىنىش ئۇسۇلى:
بۇ خىل ماشىنا ئوغرىلىقىدىن ئىبارەت يېڭى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشمەي، ئىككى يانغا قاراپ بولسىمۇ ماشىنىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقىپ، بىر ئاز يىراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. شۇڭا بۇ يازمىنى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكلەردىن سالىنىشقا ئېھتىياق قىلىشقا ئۈندىگەيسىز.+
ئىككىنچى خىل ئالدامچىلىق شەكلى
يېقىندا يېڭى بىر خىل ئالدامچىلىق شەكلى ئەۋج ئالدى ھەم بۇ خىل ئالدامچىلىققا مېنىڭ ئىنىم ۋە ئىلقۇت ئىقتىساد ۋايۋاي ئاۋازلىق قانىلىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىستىقبال يولۇققان. بۇ خىل ئالدامچىلىق شەكلى قانداق بولىدۇ دېگەندە، مەلۇم بىر كۈنى سىز بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلىسىز، تېلېفوندا سىزگە قارىشى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر ساقچىخانىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى، سىزنىڭ كىملىكىڭىز يېزىلغان پوسولكىدا بانكا كارتىسى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك بارلىقى، بانكا كارتىسىدا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن بارلىقى، شۇڭا بۇنى يەڭ ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش (دىققەت، زەھەرلىك چېكىملىك بار دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن.) ئۈچۈن، ئۇلار تەمىنلىگەن مەلۇم كارتىغا پۇل سالسىڭىز ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىشىنېمەنكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا سىزنى قورقۇنچ باسىدۇ-دە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىسىز، ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ ئەسكەرتىدۇ. ئۇلار سىزگە بۇ ئىشنى ھېچقانداق ئادەمگە تىنماسلىقىڭىزنى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە دېمەسلىكىڭىزنى، بولمىسا بۇ ئەنزە مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ ئىلقۇت ئىقتىساد ۋايۋاي ئاۋازلىق قانىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىستىقبال ئەڭ دەسلەپ بۇ خىل ئەھۋالدىن قانالدا چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتا قانالدا ئۆزىنىڭ قانچىلىك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، قانداق قىلىپ ئۇلارغا پۇل سالماقچى بولغانلىقىنى، كېيىن نېمە سەۋەبتىن بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئارىلىقتا ئۈچ ھەپتە ئۆتمەي تۇرۇپلا مېنىڭ ئىنىممۇ ئوخشاش بىر تېلېفون قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ نامىدىكى كىملىككە بېجىرىلگەن كارتىدا 400 مىڭ يۈەن بارلىقى، يەنە پوسولكىدا زەھەرلىك چېكىملىك بارلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ھەم ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى تەمىنلەنگەن. ئىنىممۇ دەسلەپ بەك قورقۇپ كەتكەن، كېيىن ئازراق سەگەكلەشكەندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى ساقچىخانا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى (چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ ئەمەسمۇ) ئېيتقىنىدا، قارىشى تەرەپ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتكەن
شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز چوقۇم قاتتىق سەگەك بولۇشىڭىزنى، بەك بولمىغاندا بۇ خىل ئەھۋاللارنى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىڭىزنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندىكىسى  مىكرو ئۇچۇر  دوستلۇق چەمبىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن مەزمۇنلار
مەن ماتېرىيالدىن ۋە ئەتراپىمدىكىلەردىن بەزى ئالدامچىلىقلارنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ئىدىم. مەنمۇ نەچچە قېتىم ئاڭلاپ باققاچقا كۆز ئالدىمدا قىلىنغان بەزى ئالدامچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدىم شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىىپ، بۇ ئۆزەم تەرجىمە قىلغان ۋە يولۇققان ئالدامچىلىقلارنى قىسقىغىنە سىلەرگە سۇندۇم.
بىرىنچى خىل ئالدامچىلىق
مەلۇم بىر شەھەردە يېڭى ئىشقا چۈشكەن بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كوچىدا بىر كىچىك قىزنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ-دە، ئىچ ئاغرىتىپ بېرىپ، ــ قىزىم ، نېمە بولدىڭىز؟ــ دەپ سوراپتۇ.: o/ S4 v" E; R' ^; b! [
ــ دادام مۇشۇ قەغەزنى بەرگەن لېكىن دادامنى تاپالمىدىم، قورقىۋاتىمەن. ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن .ــ دەپتۇ.: Y- o( V8 y* N, U1 e: m; F
ئۇ مۇئەللىم كىچىك بالىنىڭ ئوماقلىقىنى، بىچارىلىكىنى كۆرۈپ ئۇ ئادرېس بويىچە ئىزدەپ ئۆينى تېپىپتۇ، قوڭغىراقنى بېسىپتۇـ دە، نېمە بولغىنىنى بىلمەپتۇ. ئەتىسى بىر ئەسكى ئۆيدە ئانىسىدىن تۇغما پېتى ئۆزىنى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە قارا نىيەت ئونسۇرلار قوڭغىراققا توكلۇق ئەسۋاب ئورنىتىپ، ئۇنى توكتا ھوشىدىن كەتكۈزۈپ، كېچىچە نۇمۇسىغا تىگىپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن، ھېلىقى كىچىك قىزمۇ باشقىلاردىن ئىجارىگە سېتىۋالغان قىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئىككىنچى خىل ئالدامچىلىق
مەلۇم بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ، بىر قېرى ئادەمگە ئورۇن بەرگەن ۋە ئاپتۇبۇسنىڭ ئېسىلىش كالتىكىگە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئاستا قېشىغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا: «سىز راستىنلا ياخشى ئادەم ئىكەنسىز» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرسىگە بىرنى قېقىپ قويغان. ئاپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئايالنىڭ بىردەمدىلا بېشى قېيىپ، ئۇيقۇسى كېلىپ ئۆزىنى تۇتالمىغان، ئۇ ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئۇ ئادەم ماڭا خىمىيەلىك دورا بەردى. مەن بولالمىدىم مەن ئۇنى تونۇمايمەن، مېنى دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا ئاپرىڭلار.» دەپلا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇ ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بۇ شايكا تۇتۇلغان، ئەسلىدە ئۇلار ئادەمنىڭ ئەزالىرىنى ساتىدىغان شايكا بولۇپ، بىركىشىگە يېقىنلىشىپ، بىر خىل خىمىيەلىك دورا ئارقىلىق شۇ كىشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا «تۇغقىنىم» دەپ قويۇپ، ئالداپ ئاپىرىپ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتىدىكەن. بۇنداق خىميەلىك دورا DNF دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۇرسىلا قىسقا مۇددەت ئادەم ھوشىدىن كېتىدىكەن. بەزى ئونسۇرلار تېخى كىتابنىڭ ئارىسىغا بۇنى سۈركەپ، باشقىلارغا سوقۇلغان بولۇپ، باشقىلار كىتابلىرىنى تېرىشىپ بەرگەندە كىتابنى ئېچىپلا پۇرتىۋېتىدىكەن-دە رەزىل مەقسىدىگە يېتىدىكەن
ئۈچىنچى خىل ئالدامچىلىق
بىر كۈنى بىر ئادەم بىر ئاپتۇبۇس بىكەتكە كەلگەندە ئارقا ئىشكىنى توراپ ۋارقىراپ تۇرۇپ، «چۈشمەي تۇرۇڭلار، مېنىڭ تېلېفونومنى ئوغرى ئالدى، كىم ئالغىنىنى بىلمىدىم، ماڭا بىرسىىڭلار تېلېفونۇڭلارنى بېرىپ تۇرساڭلار مەن تېلېفون قىلىپ ئوغرىنى تېپىۋالسام» دېگەندە بىر نەچچە ئاقكۆڭۈل كىشى يان تېلفوننى تەڭلىگەن، ئۇ تاللاپ ئەڭ قىمىمىتىنى ئالغان ۋە تېلېفون قىلغان بولۇپ، دەرھال تېلېفوننى ئېلىپ قاچقان. ئۇلار نېمە ئىش بولغاننى بىلىپ بولغۇچە ئوغرى كۆزدىن غايىپ بولغان. مۇنداق ئالدامچىلىقلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
تۆتىنچى خىل ئالدامچىلىق
مەن بىر كۈنى بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ تيەنجىندە بىكەتتىن چىقاي دەپ تۇرغان ئىدىم، تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ قېشىمغا كېلىپ مەن بىلەن بىللە ماڭغىنىنى كۆردۈم، مەن شۇنداق ھەيران قالدىم، بۇ ئادەم ئاستا ماڭا يېقىنلاشتى-دە، ماڭا بىر ئالما تېلېفوننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بۇنى ئوغىرىلاپ كەلدىم بۇنى ئالامسە؟» دېدى. مەن قارىسام راس ئالما تېلېفونكەن. نەچچە پۇل دەپ سورىسام، «1200يۈەن»، دېدى، «مەن 150 كە بېرەمسە؟» دېدىم. ئۇ ماڭا يېقىن كېلىپ، «بوپتۇ، تېز بول ئەمىسە» دېدى. مەن پۇلنى ئالاي دەپ تۇرسام، ئۇنىڭ قولىغا دىققىتىم چۈشۈپ قالدى. ئۇ تېزلىكتە يەنە بىر تېلېفۇنغا ئالماشتۇرىۋالدى-دە، ماڭا تەڭلىدى. مەن قارىسام ئۇ بىر ئېچىلمايدىغان، شەكلى ئالما تېلېفونىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تېلېفوننى بەردى. مەن بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققاچقا، ئۇنىڭغا «مېنىڭ بۇ پۇلۇم ساختا پۇل، ساختىغا ساختىنى تىگشەمدۇق؟» دېسەم ئۇ گەپ-سۆز يوق كېتىپ قالدى.

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-4-19 12:33:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت  قىزىقارلىق ئادامچىلىقكەن  بۇ来自: Android客户端

7

تېما

428

يازما

333

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
1639
ئاقچا
0
ARKA0998 ۋاقتى: 2014-4-19 12:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

154

يازما

160

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
908
ئاقچا
0
QQ
nurdunjan1122 ۋاقتى: 2014-4-19 13:02:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىريەدە ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم دىققەت قىلساق بولغۇدەك

1

تېما

132

يازما

326

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2112
ئاقچا
0
smile ۋاقتى: 2014-4-19 13:28:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپرەك ئىھتىيات قىلساق بولغۇدەك
www.1tamche.com ۋىندوۋس، ۋىندوۋسفون، ۋورد پىرەس

5

تېما

272

يازما

218

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1137
ئاقچا
0
غەمكىن123 ۋاقتى: 2014-4-19 13:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hudhaifi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 13:32  

مەن ئۇچرىغان ئالدامچىلىق 2-خىل ئالدامچىلىققا ئوخشاپ كىتىدىكەن
15 كۈن بۇرۇن ماڭا بىر ئۇچۇر كەلدى تاۋباۋ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ نەچچە يىللىقى دىدى
ئىسىمدە يوق شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاۋباۋغا ئەزا بولغان نەچچە مىليۇن ئەزاغا بىلەت تاشلاش
ئارقىلىق مەن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن ،180 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئاندىن 13 مىڭ
قىممىتىدىكى ئالما كومپىيوتۇركەن ،يەنە تېخى ئۇلا ماڭا تىلفۇن قىلىپ شۇ توربەتكە كىرىپ
تولدۇردىغان ئادرىس بانكا كارتىلارنى تولدۇردىكەممەن ،شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئىشىنىپ
بىر ئىشەنمەي ھەتتا تاۋباۋ قۇرغۇچىسىنىڭ رەسىمى ئاندىن دۆلەتلىك بىر ئەمەلدارنىڭ رەسىم
ئارخىپلىرىدىن تارتىپ ئەۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن مەن بىر سىناپ بېقىش نىيىتىگە كىلىپ
ھەممىنى تولدۇرۇپ بولغاندا بىزگە 5000 يۈەن سېلىڭ بۇ پۇل شۇ 200 مىڭ قىممىتىدىكى
مۇكاپاتنىڭ باج رەسمىيەتلىرىگە ھىساپلايمىز دەيدۇ ،ئاندىن بۇلانىڭ قويمىچى ئىكەنلىكىنى ھىس
قىلىپ پۇل سالمىدىم،ئەتىسى ئەتىگەندە ئايالىمغا بىر تىلفۇن كەپتۇ،سىلەگە تاۋباۋدىن 200 مىڭ يۈەن
قىممىتىدىكى مۇكاپات چىقسا ئالماپسىلە تاۋباۋدىكىلە سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردىن بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ ئەرىز قىلدى سىلە يا 5000 يۈەننى تۆلەپ مۇكاپاتنى ئالىسىلە
ياكى بولمىسا يولدۇشۇڭ 5 يىلدىن 8 يىلغىچە تۈرمىدە ياتىدۇ،يەنە 150  مىڭ يۈەن تۆلەم سىلەرگە ئارتىلىدۇ دەپتىكەن ئايالىم قورقۇپ كىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى ماڭا دىگەنتى ئۇلار قويمىچىكەن
نەدە شۇنداق ئىش بار قوقما دەپ ئايالىمنىمۇ خاتىرجەم قىلدىم ئۇلا تېخى 2      3  كۈنگىچە تىلفۇن قىلدى ،بۇ ئاخىرقى پۇرسەت بولمىسا تۈرمىگە كىرسىلەر دەپ ئاندىن ئۇلار بىزدىن پۇل ئۈندىراممايدىغانلىقىنى بىلىپ شۇ پېتى يوقاپ كەتتى باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بېشىغا كەپ قالسا ئالدىراپ ئالدانماسلىقىنى ئەسكەرتىمەن

80

تېما

505

يازما

1656

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

مۇنبەر ئاقساقىلى√ BADBOY

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6099
ئاقچا
0
QQ
BADBOY0998 ۋاقتى: 2014-4-19 13:38:39 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيمۇ؟

4

تېما

153

يازما

291

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1329
ئاقچا
10
、very.幸福 ۋاقتى: 2014-4-19 13:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مېنىڭ بۇ پۇلۇم ساختا پۇل، ساختىغا ساختىنى تىگشەمدۇق؟»  


                         ماۋۇ قىززىق گەپكەن

0

تېما

158

يازما

120

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
852
ئاقچا
0
QQ
ئەلكىزە ۋاقتى: 2014-4-19 14:01:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلكىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 14:10  

تۇۋا ما ئىشلارنىي ئۇقۇغاندىن كىين مەن راسلا   ھەيران قالدىم

14

تېما

291

يازما

220

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1591
ئاقچا
0
QQ
سال ۋاقتى: 2014-4-19 14:33:08 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا خۇدايىم دۇنيادا مۇنداق ئاجايىپ ئىشلارمۇ باركەن دىسە؟ئىھتىيات قىلساق بولغىدەك

0

تېما

78

يازما

70

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
404
ئاقچا
0
x520 ۋاقتى: 2014-4-19 15:09:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت  قىزىقارلىق ئادامچىلىقكەن

14

تېما

868

يازما

136

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3545
ئاقچا
1
amat015 ۋاقتى: 2014-4-19 15:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدامچىلارمۇ تەرەققىي قىپتۇ دە.
يەكەن دىتاللار مۇنبىرى ئىچىۋىتىلدى:http://www.yakan.tk

6

تېما

490

يازما

308

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2202
ئاقچا
1
lovever ۋاقتى: 2014-4-19 16:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىككى ساۋاقدېشىممۇ ئېچىلمايدىغان تېلفۇن ئالغان ئىدى

0

تېما

115

يازما

151

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
721
ئاقچا
0
ئەلىsayyid_ ۋاقتى: 2014-4-19 17:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق ئاجايىپ ئىشلارمۇ باركەن دىسە؟ئىھتىيات قىلساق بولغىدەك

0

تېما

60

يازما

130

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
587
ئاقچا
0
hutantawakkul ۋاقتى: 2014-4-19 17:03:05 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولغۇدەك، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش