ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 28

كىتاب مودىغا ئايلانسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 18:46  

      
20113815582442177801.jpg
   

دوستىمىزنىڭ ئايالى يەڭگىگەن ئىدى، يوقلايلى دەپ ئالتە پارچە كىتاب ئالدۇق. مېۋە-چېۋە ئالساقمۇ، بوۋاققا كىيىم-كېچەك ئالساقمۇ بولاتتى، لېكىن يەنىلا كىتاب ئالدۇق، ئاتا-ئانا دېگەن بىز قىلمىساقمۇ بالىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشىسىنى كىيگۈزۈپ يىگۈزىدۇ. كىتاب-ئۇ بىلىم كانى، بىر كىتاب بىر ئالەمدۇركى كىتاب ئوقۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتۇر، داھىيلارمۇ ئوقۇڭلار ئۆگىنىڭلار دەپ ئېيتقان. ئۈمىدىمىز شۇكى كىتاب ئوقۇش، كىتاب سۆيۈش، كىتاب سوۋغا قىلىش شۇنداق بىر ئادەتكە ئايلانغان، ھەممىمىزنىڭ تەشەببۇسى ۋە سوۋغا قىلىشمىز بىلەن يۇرت يۇرتلاردا شۇنداق بىر مەنزىرە شەكىللەنسۇنكى توي تۆكۈندە ئانىلار داستىخانلاردا تۇز، قەنت، ناۋات ئورنىغا كىتاب سېلىپ قويىدىغان، قىز يىگىتلەر توي مۇراسىملىرىدا ئىسراپ ۋە قەدىرسىز قىلىپ، دوپپا ياغلىق ئورنىغا كىتاب تارقىتىدىغان،خانىم-قىزلار چايلاردا دوستلىرىغا خىرۇستال، قاچا-قۇچا سوۋغا قىلغاننىڭ ئورنىغا كىتاب سوۋغا قىلىدىغان، كېسەلنى مىۋە، پۇل بىلەن ئەمەس، بىلىم-كىتاب بىلەن يوقلايدىغان، باللىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدا مېھمانلارغا لۆڭگە ئورنىغا كىتاب ژورنال سوۋغا قىلىدىغان...
    مەن كىتاب ساتقۇچى ئەمەس، لېكىن بىز قىزغىن ئۇيغۇر ئوقۇرمىنى، بۇ بىر تەكلىپ، زورلاش يوق، خالىسىڭىز قوللاپ قۇۋەتلەپ بۇ ئىشنىڭ بىر ئادەتكە ئايلىنىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇڭ. بۇ تېمىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى ھەركەتلىرىنى تېما قىلىپ قىزغىنلىق بىلەن تارقىتىڭ. بىلمىگەنلەر بىلسۇن، كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن. پايدىسى ئۆزىمىزگىدۇر!
    نىسىپ بولسا پات ئارىدا شەھرى بۆرتالادا پىقىرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ خىلدىكى توي، چاي، كېسەل يوقلاش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلگۈسى...
   ئۈمىدىم شۇكى، كىتاب ئوقۇش، كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتابنى قەدىرلىۋېلىش مودىغا ئايلانسۇن!

    يازغۇچى: wapadarim912
    شەھرى بۆرتالا
    20014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى

      مەنبە : http://bbs.izdinix.com/thread-57912-1-1.html

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-18 11:19):
ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز مىنىڭ ھەدىيەرىمنى قوبۇل قىلىۋىلىڭ!  (ھازىرچە پەقەت بىرلا ‹ياكى ئىككى› جۇمۇ)!
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-17 19:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  ياخشى گەپلەر ، مەن بەكلا ياخشى كۆرىدىغان گەپلەر‹مەن كىتاب ساتقۇچى ئەمەس، لېكىن بىز قىزغىن ئۇيغۇر ئوقۇرمىنى، بۇ بىر تەكلىپ، زورلاش يوق، خالىسىڭىز قوللاپ قۇۋەتلەپ بۇ ئىشنىڭ بىر ئادەتكە ئايلىنىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇڭ. بۇ تېمىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى ھەركەتلىرىنى تېما قىلىپ قىزغىنلىق بىلەن تارقىتىڭ. بىلمىگەنلەر بىلسۇن، كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن. پايدىسى ئۆزىمىزگىدۇر!›
ۋاقتى: 2014-4-17 19:32:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب مودىغا ئايلانسۇن ، ياخشى گەپ   
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-17 19:33:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز! بولسا مودىغا ئايلانسا بولاتتى! ئاللاھ رازى بولسۇن!!!
ۋاقتى: 2014-4-17 19:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن   .  ئۇيغۇر دۇنياسىدا مۇشۇنداق ئادەت  داۋاملاشسا كاتتا ئۆزگىرىش بولار ئىدى .  ئۆزىمىزدىن باشلايلى   .
مەن بۇلتۇر بىر دوستتىمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىدە كىتاپ سوۋغا قىلغان ئىدىم   .  

باھا سۆز

تۇغۇلغان كۇننى ئۆتكۇزۇش ئسلام دىندا خاتا قىرىندىشىم  ۋاقتى: 2014-4-17 21:45
ۋاقتى: 2014-4-17 19:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى دەرس سۆزلەشنى توختىتىپ كىتاب ئوقۇشقا چۈشتىمۇ نېمە؟
ۋاقتى: 2014-4-17 20:38:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  باشقا  مودا  بۇلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئورنىغا  كىتاب ئۇقۇش مودا بولغان  بولسا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-17 20:56:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 19:42
پادىچى دەرس سۆزلەشنى توختىتىپ كىتاب ئوقۇشقا چۈشتىمۇ ن ...

    سىز قېرىنداشلىرىم ،  نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىزلار پېقىر پادىچى شۇنى ئىزدەپ تېپىپ يەركۈزۈگۈم بار ، مەندە  نىمە بولسا شۇنى سىز ئەزىزلەرگە  تۆككۈم بار!   ئالدىنقى ۋاقىتلاردا ئەڭ يېڭى بېلىملاردىن شۇ بار  ئىدى ئىچىمگە سولاپ ياتقۇم كەلمىدى  ،   ئەمدى بولسا بۇ قىممەتلىك يازمىنى ئۇچراتتىم ئەمما قاراپلا ئۆتۈپ كەتكۈم كەلمىدى  شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرگىچە سۆرەپ ئەكەلدىم! ئاخىر -

                                                                                 
ۋاقتى: 2014-4-17 21:40:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېسىل  خىسلەت  سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنياغا سەرگەردان بوپ كەتكەن يەھۇد   لار  100مىليۇنغا يېقىن ئەرەپلەرنىڭ بىشىغا دەسسەۋەتىدۇ .
ۋاقتى: 2014-4-17 21:45:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقوش ياخشى لىكىن ياخشىسىنى تاللاپ ئوقۇش بەك مۇھىم. ياخشى كىتاپ بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار
ۋاقتى: 2014-4-17 21:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alimka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 21:59  

ئەگەر  ئۇيغۇرلادا  كىتاپ  ئوقۇش  مودا  بولغان  بولسىدى  ،  ...........  ياشاش  بۇنچە  ئەلەملىك  بولماس  ئىدى  ،   .................    ھەي                        قۇرئاندىن  مۇنداق  بىر  كەلىمىنى  ئوقۇپتىم                 «ئىنسان  بۇ دۇنيادا  يولۇققان  ئىشلىرغا  ئۆزنىڭ  قىلغان  ئىشلىرى  سەۋەپلىك  بۇلدۇ  »  دىگەن  مەزمۇندا        كىتاپ  مۇدىغا  ئايلانسۇن  دىيىلسە  كىتاپ  سوۋغا  قىلىشنى  مودا  قىلىپ  ئوقۇماي  يۇرىدۇدە  يەنە  قۇرئاندا  «ئوقۇ»  دەپ  تۇنجى  ئايەت  نازىل  قىلىندى             قىرىنداشلا  ئاللانىڭ  سۆزى  بولغان  قۇرئاننىڭ  ھۆكىمىگە  ئەمەل  قىلساق  دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە  زىيان تارتمايمىز،  
ۋاقتى: 2014-4-17 22:12:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سۆز ، ياخشى ئىلھاملار ئىكەن ، ياخشى تىمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن!   سىز گە ئامەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.....
ۋاقتى: 2014-4-17 22:36:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودىغا ئايلىنىشقا تىگىشلىك بولغىنى كىتاپنىڭ مەزمۇنى بولسا ياخشى،نەپ بەرمەي ۋاقىتنى ئوغۇرلاپ،شەيتان ۋەسۋەسە قىلىدىغان كىتاپلاردىن نېرى تۇرغان ياخشى.
ۋاقتى: 2014-4-17 22:38:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىتاپلارنىڭ مودا بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلمەن.
ۋاقتى: 2014-4-17 22:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  ئوقسىڭز  مەن ئوقسام  ئاندىن  يىقىنلارغا  تەۋسىيە  قىلساق  شۇندىلا  مودا  بولدۇ   .   مۇشۇ  ئىنكاس  يازغاندىلا  ۋاي  بەك  ياخشى تىما  يوللاپسىز،  ۋاي  مەن شۇنداق  بولشىنى  ئۇمۇد قىلمەن ، دىگەندەك  ئىنكاسلارنى  يىزىپ  قويۇپ  ئۆزىمىز  ئوقىماي  يۇرسەك  مەڭگۇ  مودا  بولماسلىقى  مۇمكىن           شۇڭا  ئاۋال   مۇشۇ  تىمىنى  قوللايدىغانلا  ئۆزمىزدىن  باشلاپ  باقايلى  ئوقۇڭلا   قۇرئان ئوقۇڭلا  ھەدەس ئوقۇڭلا ۋە ياكى باشقا تەپسىر دىننى  كىتاپلارنى  ئوقۇڭلا  ياكى  تارىخى كىتاپ بولسىمۇ ھىكايە ،رومان،پوۋسىت بولسىمۇ  ئوقۇڭلا  مۇھەممەد ئەلەيھى سالامنىڭ‹س ئە ۋ› ئۇممەتلىرگە  ئاللاھدىن تۇنجى چۇشكەن  بۇيرۇق   «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن  ئوقۇغىن»  ئاۋۋال  ئۆزمىزدىن  باشلايلى

باھا سۆز

راست دەيسىز قېرىندىشىم ،،،،، ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى...... يەنىلا ‹‹ئۆزىمىز››نىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن.....  ۋاقتى: 2014-4-19 20:42
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش