ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1520|ئىنكاس: 14

تەكرار ھۆججەت ئىزدىگۈچ (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغىلى خېلى بوپتۇ، ئەمما يوللاشقا پۇرسەت چىقماي تۇرۇپ قالغانتى. بۈگۈن ئاللاھ نىسىپ قىپتۇ.
دېتال ئىسمى: تەكرار ھۆججەت ئىزدىگۈچ (1)
چۈشەندۈرۈش: كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىنىپ قالغان ئاۋاز، فىلىم، رەسىم، ۋە باشقا تەكرار ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا قولاي بولۇپ، كومپيۇتېرىمىزنىڭ بوشلۇقىنىڭ تىجىلىشىگە ئاز – تولا پايدىسى تېگىدۇ.
تىلى: كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە ( دېتالنىڭ بەزى يۇنىكود قوللىمايدىغان جايلىرىنى ULY ئۆلچىمىدە يېزىپ قويدۇم، لېكىن چىقىدىغان ئەسكەرتىشلەر ۋە دېتالنىڭ قىسمەن جايلىرىنى تەھرىرلەشكە ئامال بولمىدى ).
نەشرى: دېتالدا ئەسكەرتىلمىگەن.
ئىجرا مۇھىتى: مەن win7 دا سىنىدىم. باشقىسىدا سىناپ باقمىدىم.
ھالىتى: مەن 64 بىتتا سىنىدىم، 32 دە سىناپ باقمىدىم.
ئىقتىدارى: كۆرسىتىپ بەرگەن مۇندەرىجىدىن ئوخشاش ئىسىمدىكى ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، تاپقان نەتىجىدىن تاللاپ تەكرارلىنىپ قالغان ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: دېتالنى ئېچىپ « مەنبە » دېگەن جايدىن تەكرارلىنىپ قالغان ھۆججەتلەرنى ئىزدەيدىغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز.


كۆرسىتىپ بولۇپ « باشلاش » دېگەننى بېسىۋەتسىڭىز ئىزدەشكە باشلايدۇ.

ئىزدەش ئاخىرلاشقاندا ئاستىدىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ.

ئىككى تەرەپكە ئەسلىي مەنبە ۋە تەكرارلىنىپ قالغان ئورۇننى ئايرىپ بېرىدۇ. شۇ ئادرېستىن ئىككى چىكىپ تاپقان ھۆججەتنى ئاچقىلى بولىدۇ. تاللاپ تۇرۇپ ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.

يەنە ئاۋۇ سۈرەتنى بېسىپ دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلغاندا كومپيۇتېرچىلىقىمىزدىكى ئىككى پىشقەدەم تور بەتنى تەشۋىق قىلىپ قويدۇم. توغرا چۈشىنىڭلار.

سىغىمى: 388 كىلوبايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://yunpan.cn/QNmS54AKJs6rC  پارول: 6ba8

دېتال ئىسمى: تەكرار ھۆججەت ئىزدىگۈچ (2)
FindDupFile
چۈشەندۈرۈش: ئاساسلىق ئىقتىدارى ئۈستىدىكى دېتالغا ئوخشاش بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
تىلى: كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە (چىقىدىغان ئەسكەرتىشلەر ۋە دېتالنىڭ قىسمەن جايلىرىنى تەھرىرلەشكە ئامال بولمىدى ).
نەشرى: 2.03 يۇنىكود نۇسخىسى.
ئىجرا مۇھىتى: بىر قىسىم دېتال چۈشۈرۈش بەتلىرىدە winxp / winme / winvista / win7 دەپتۇ. مەن win7 دا سىنىدىم. باشقىسىدا سىناپ باقمىدىم.
ھالىتى: مەن 64 بىتتا سىنىدىم، 32 دە سىناپ باقمىدىم.
ئىقتىدارى: كۆرسىتىپ بەرگەن مۇندەرىجىدىن ئوخشاش ئىسىمدىكى ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، يەنە قۇرۇق ھۆججەت قىسقۇچلارنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، تاپقان نەتىجىنى تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ، يەنە قۇرۇق ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، تاپقان نەتىجىدىن تاللاپ تەكرارلىنىپ قالغان ھۆججەتنى كۆرگىلى، ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. بىر نەچچە مۇندەرىجىنى بىللە ئىزدەشكە بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: دېتالنى ئېچىپ « يېڭى » دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ مۇندەرىجە قاتىسىز، « قوشۇش » دېگەننى بېسىپ يەنە مۇندەرىجە قاتقىلى بولىدۇ. « ئۆچۈرۈش » دېگەننى بېسىپ قاتقان مۇندەرىجىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. « قۇرۇق ھۆججەت » دېگەننى تاللاپ قويساق قاتقان مۇندەرىجىدىكى قۇرۇق ھۆججەتلەرنىمۇ چىقىرىپ بىرىدۇ. مۇندەرىجە تاللاپ بولۇپ « تەكرار ھۆججەت ئىزدەش » دېگەننى باسساق ئىزدەشنى باشلايدۇ. ئىزدەش ئاخىرلاشقاندا ئەسكەرتىش چىقىدۇ.



ئەمدى ئاۋۇ « قۇرۇق قىسقۇچلار » دېگەننىڭ كەينىدىكى « ئىزدەش » دېگەننى باسساق تاللىغان مۇندەرىجىدىكى قۇرۇق ھۆججەت قىسقۇچلارنى تېپىپ بىرىدۇ. تېپىلغان ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى قوش چېكىپ بىۋاستە كۆرگىلى، يەنە تاللاپ ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. « چىقىرىۋېلىش » دېگەننى بېسىپ ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار شۇ جايغا چىققان نەتىجىنى بىر تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە چىقىرىپ بىرىدۇ. ( يەنى ئەسلىي ھۆججەت ساقلانغان ئورۇن ۋە تەكرارلىنىپ قالغان ئورۇننى ئىككى تەرەپكە ئايرىپ چىقىرىپ بىرىدۇ ) .


ئەمدى ئاۋۇ لوپا ئەينەكنىڭ سۈرىتىنى چەكسەڭلار دېتالنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلغاندا كومپيۇتېرچىلىقىمىزدىكى ئىككى پىشقەدەم تور بەتنى تەشۋىق قىلىپ قويدۇم. توغرا چۈشىنىڭلار.
سىغىمى: 332 كىلوبايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://yunpan.cn/QNmStr7ItMkcP    پارول: 374c
چۈشەنمىگەن جايلار بولسا تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يازساڭلار بولىدۇ.
تەرجىمە جەريانىدا خاتالىق بولسا ياكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە ئۇستازلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +100 يىغىش سەۋەبى
alip + 100 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-15 23:57:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەن لازىملىق دىتالكەن، چۈشۈرۋالاي.
ۋاقتى: 2014-4-16 09:53:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن لازىملىق دىتالكەن چۇشۇرۋالدىم رەھمەت
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-16 11:04:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قىپسىز قېرىندىشىم.     ساقلىۋالدىم
ۋاقتى: 2014-4-16 11:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows7  دە خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى ، مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ قويسىڭىز
未标题-1.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-16 12:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xatyurak يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 11:34
Windows7  دە خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى ، مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ  ...

ئۇ سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان خەت نۇسخىسىنىڭ مەسىلىسى.
ukij tuz tom خەت نۇسخىسىنى قاچىلاڭ.
ۋاقتى: 2014-4-16 13:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي. رەھمەت
ۋاقتى: 2014-4-16 16:05:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-16 16:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★我爱你_alla★ يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 16:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىل ...

باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرىمەن دەپ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ سالمىغانسىز ھە.
ۋاقتى: 2014-4-16 18:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ھارمىغايسىز....
ۋاقتى: 2014-4-17 07:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن win8 سىناپ باقتىم نۇرمال ئشلەيدىكەن
ۋاقتى: 2014-4-19 16:03:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەن ھازىر كومپىيۇتىرىمدىكى تەكرار ھۆججەتلەرنى ئىزداۋاتىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-20 11:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم !
ۋاقتى: 2014-4-24 18:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2014-5-30 19:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرەلمىدىم ياردەم قىلىڭلا      مەخپى نۇمۇر سېلىڭ دەپ چىقىۋالدى ئۇيەر گەقانداق مەخپى نۇمۇر سالىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش