ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 20

win7 سېستىمىسىنىڭ ئىگەللىگەن بوشلۇقىنى كىچىكلىتىشتىن ياردەم سوراي.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iradam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-14 03:22  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى، بۇرۇندىن ئىشلىتىۋاتقان win7 سېستمامنى ئاستىكەن دەپ تاۋباۋدىن ئاچقۇچ نۇمىرى سېتىۋېلىپ قايتا ھەقىقى نەشىردىكى سېستىما قاچىلىغان ئىدىم. سېستىما دەسلەپتە قاچىلىغاندا 26G بوشلۇقنى ئىگىلىگەن ئىدى، ماڭا بەك چوڭ بىلىنىپ چ چ نىڭ 安全管家 دىتالى بىلەن ئەخلەت تازلايدىغان يىرىگە كىرىپ ھەممە تۈرگە بەلگە قۇيۇپ تازلاشنى باسسام تەخمىنەن 11G ئەتراپىدا ئەخلەت تاپتى. ئەمدى سېستىما ئورۇقلايدىغان بولدى دەپ خۇشال بۇلۇپ تازلاشقا بۇيرۇق بەرسەم C دىسكىدىكى ئەسلى سېستىمىغا قۇشۇلۇپ ئۇمۇمىسى 36G غا يەتتى. ئامال يوق بىر قانچە ئەخلەت تازلاش دىتالى بىلەن ھەپىلىشىپ 2G يەرنى ئۇرۇقلىتالىدىم. قاچىلىغان نەرسىلەر پەقەت چ چ، ۋە بىر قانچە كىچىك سېستىمىلار. سېستىما بىلەن ئۇ كىچىك دىتاللارنىڭ ئۇنچە كۆپ بوشلۇقنى ئىگەللەپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس. قانداق ئۇسۇلدا يىڭى قاچىلىغان win7 سېستىمىسىنىڭ ئىگىلىگەن بوشلۇقىدىن باشقا بۇرۇنقى كونا win7 سېستىمىسىنى ۋە ئارتۇق ئىگەللىۋالغان بوشلۇقنى قايتۇرۋالالايمەن. مۇشۇ ھەقتە ئۇستازلاردىن ياردەم سورايمەن.
يەنە كومپىيوتېرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بەكلا ئاستىلاپ كەتتى. بۇرۇنقى سېستىمىدا تەخمىنەن 25~30 سىكونتتا قوزغىلاتتى. XP سېستىما ئىشلەتكەندىمۇ 20~25 سىكونتتا قوزغىلاتتى. ھازىر تىز بولغاندا 50~55 سىكونت، ھەتتا 1 مىنۇتتىنمۇ ئارتۇقراق ۋاقىت كىتىۋاتىدۇ. زادى تىگىگە يىتەلمىدىم. ئەمما بۇ سېستىمىنىڭ ئىشلىشىدە گەپ يوق، شۇنداق يەڭگىل ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇستازلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن: ئىرادەم...
1.png
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-14 10:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسا  مۇشۇ  سېستىمىنى  يوللاپ  قويسڭىز بىزمۇ  سىناپ  باقساق
ۋاقتى: 2014-4-14 10:31:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتېدىن سېستىما قاچېلاپ بىقېڭ
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-14 10:39:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىندوۋس 8
ۋاقتى: 2014-4-14 10:52:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
س دېسكىغا ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىسىز ، 属性دىن 磁盘清理 نى باسىسىز ، بىردەم ساقلاپ تۇرسىڭىز كۆرۈنگەن كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئاستىدا 清理系统文件 دىگەن تاللاش بار ! شۇنى باسسىڭىز كونا سېستىمىنى ئۆچۈرىۋىتىدىغان يەر چىقىدۇ
ۋاقتى: 2014-4-14 11:07:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-14 11:11  

قاچىلىغاندا س رايۇننى فورماتلىۋېتىپ قاچىلاڭ. بولمىسا بۇرۇنقى سېستىمىنىمۇ ساقلىۋالىدۇ. سېستىمىنى نۇر دىسكىغا ياكى بارماق دىسكىغا ئويۇپ بىئوستىن قوزغىتىپ رايۇن تاللايدىغان يەرگە كەلگەندە  س رايۇننى فورماتلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ. 12 جى ئەتراپىدا بولسا نورمال بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2014-4-14 11:13:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرندىشىم سىز win7 نىڭ مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچقا سېلىپ ، PE دىن قوزغۇتۇپ كومپيۇتېرنى ، ئاندىن win7 سىستىمىنى قاچىلىغان دىسكا رايۇنىنى فورماتلاڭ ، ئاندىن قايتا سىستىما قاچىلاڭ ، win7 نىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 11G يەرگە قاچىلىنىدۇ ، ئۇنچە كۆپ بوشلۇق كەتمەيدۇ ،
مەنمۇ win8 مەشغۇلات سىستىمىسىنى باشتا بىر قېتىم قاچىلىغان ، كىيىن قايتا قاچىلاش توغرا كىلىپ قېلىپ قايتا قاچىلىسام ، win8 مەشغۇلات سىستىمىسى قاچىلىغان دىسكىنىڭ بوشلىقى بەك ئاز قاپتۇ ، ئىلگىرى قاچىلىغاندا خېلى كۆپ يىرى بوش قالاتتى ، شۇنىڭ بىلەن win8 مەشغۇلات سىستىمىسى قاچىلىغان دىسكا رايۇنىنى فورماتلاپ قايتا قاچىلىسام نۇرماللاشتى ، سىزمۇ سىناپ بېقىڭ .
ۋاقتى: 2014-4-14 11:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىستىمىڭىز 15.7گ يەرنىلا ئىگەللەپتىغۇ ، ئۇنچىلك ئىگەللىشى نورمال ئىشقۇ دەيمە ؟؟ قوزغىلىشى ئاستا بولشى كومپىيوتىر قوزغالغاندا بىللە قوزغىلدىغان دىتاللار جىق ئوخشايدۇ ؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-4-14 11:17:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cدىسكىدا  windows oldدەيدىغان ھۆججەتدان بولسا يۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ،ئازراق بوشلوقنى چوڭايتالايسىز.
مىنىڭ win8 ئىدى،cدىسكامنىڭ سىغىمى 36G،ھازىر ئىشلىتىلمىگەن بوشلۇق 6gدىن ئازراق ئاشىدۇ،ھەم بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتىۋاتىدۇ،cدىسكىنى چوڭايتاي دەپ سىناپ باقتىم چوڭايتالمىدىم.ياردەم قىلىڭلار،cدىسكىنى چوڭايىتسام بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-4-14 11:45:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېستىما ئۆزلۈكىدىن بىخەيەرلىك يامىقى ھەم سېستىما يامىقىنى چۈشۈرۈۋەرگەچ سېستىمىنىڭ ھەجىمى شۇنداق چوڭىيىپ كېتىدۇ بۇنىڭغا ئامال شۇكى سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىش ئىقتىدارىنى تاقاپ قويسىڭىز بولىدۇ بۇنداق بولغاندا سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدۇ،مەنمۇ 2011 يىلى ۋىندوۋس 7 نىڭ ھەقىقىسىنى سېتىۋىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن  سېستىما رايونى 50 گىگابايت ئىدى توشايدەپ قالدى ئەمما سېستىمىدا قىلچە ئاستىلاش يوق ھېنىمە بولمايدۇ خاتىرجەم ئىلىتىڭ سېستىما رايونىغا چوڭراق بوشلۇق بەرسەيلڭلار بولىۋېرىدۇ
ۋاقتى: 2014-4-14 12:20:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇق 34.3G ئىكەنغۇ…   ئارانلا 15.7G بوشلۇقنى ئىشلىتىپسىز ، بۇ نۇرمالغۇ .
ۋاقتى: 2014-4-14 14:00:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى : كومپىيۇتىر قوزغالغاندا ئارقا سەپتە تەڭ قوزغىلىۋالىدىغان دىتال سەل كۆپرەك ئوخشايدۇ ، ئەگەر 360 ئىشلىتىپ قالسىڭىز 360نىڭ ئاشۇنداق تەڭ قوزغىلىۋالىدىغان دىتالنى ئىتىدىغان يىرى باركەن ، شۇ يەردىن ئىتىۋەتسىڭىز سەل پايدىسى بار ،
   سىغىمى بەك چوڭىيىپ كەتكەن بولسا ، تورداشلار دىگەندەك C دىسكىنى فورماتلىۋىتىپ باشقىدىن قاچىلاڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-14 15:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanha1502 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 12:20
ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇق 34.3G ئىكەنغۇ…   ئارانلا 15.7G  ...

ئەمدى خېلى نورماللاشتى. رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-14 16:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
64لىك سېستىمائوخشمامدۇ؟
ۋاقتى: 2014-4-14 19:37:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win8نىڭ 64بىتلىقى قانچىلىك سىغىمنى ئىگەللەيدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش