|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئودغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-12 18:05
ئورگان روملىرىدىكى ext4 ھۆججىتىنى يېشىش ۋە بولاقلاش دەرسلىكى
بۇ دەرسلىكتە ئورگان روملىرىدىكىimg ،ext4ھۆججەتلىرىنى يېشىش ۋە بولاقلاش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ .نۇرغۇن دوستلىرىمىز ئۆز يانفۇنىنىڭ ئورگان رومىنى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،ئەمما ئورگان رومىنى يەشكەندىن كېيىن روم ئىچىدىن چىققان syetem. ext4 ھۆججىتىگە قاراپلا بېشى قاتىدۇ . ext4ھۆججىتى ئادەتتە لىنۇكىس ،ئۇبۇنتۇ قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ ھۆججىتى بولغاچقا ،ۋىندوۋىس مەشغۇلات سېستىمىسىدا يېشىپ تەھرىرلەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس .مەن ئالدىنقى قېتىم يوللىغان‹‹ sonyيانفۇنلىرىنىڭ ئورگان رومىنى يېشىش ۋە بولاقلاش ئۇسۇلى ›› ناملىق تېمامدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ext2explore قۇرالىدىمۇ ، syetem. ext4ھۆججىتى تۇلۇق يېشىلمەيدۇ ،پەقەت سېستىما ئىچىدىكى app مۇندەرىجىسى يېشىلىدۇ ،خالاس . ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى دەرسلىكتە بولسۇن!
1. بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم كومپىيۇتېرىڭىزغا Ubuntu مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان بولۇشى شەرت . بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ . رايۇنىمىزدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىكىس،ئازادە ئۇيغۇر ئىكىس ،بۆرە ئىكىس قاتارلىق سېستىمىلارنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يېشىش قۇرالىنى بۇ ئادرېستىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=237468&uk=2735187226
2. يېشىش قۇرالىنى بولاقتىن يېشىپ make_ext4fs、mkuserimg.sh、simg2img, قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتكە ئېرىشىمىز . يەشمەكچى بولغان ext4 ھۆججىتى (ياكى img)ھۆججىتىنى ئۆزىمىزگە قولايلىق بولغان مۇندەرىجىگە قويىمىز.
3. تېرمىنالنى ئېچىپ su ۋە چىققان ئەسكەرتمىدىكى su پارولىنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن cd بۇيروقى ئارقىلىق قورال قويۇلغان مۇندەرىجە ۋە ext4 ھۆججىتى قويۇلغان مۇندەرىجىگە كىرىمىز. يەشمەكچى بولغان ھۆججەتنى img فورماتىغا ئۆزگەرتىمىز ( imgفورماتىدىكى ھۆججەت بولسا ئۆزگەرتمىسەكمۇ بولىدۇ.) .
./simg2img src des بۇيرۇقى ئارقىلىق system.img.ext4 فورماتىدىكى ھۆججەتنى ئۆزگەرتىمىز. تېرمىنالغا تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزىمىز:
./simg2img system.img.ext4 system.img
بىر ئازدىن كېيىن ئۆزگەرتىش تاماملىنىدۇ.يېڭىدىن بىر قىسقۇچ قۇرۇپ بۇ قىسقۇچنى img ھۆججىتىنىڭ ئىگەرلەش نوقتىسى قىلىمىز. تېرمىنالغا تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزىمىز:
sudo mkdir sysmain
يېڭىدىن sysmain ناملىق بىر قىسقۇچ قۇرۇلىدۇ . داۋاملىق تۆۋەندىكىلەرنى كىرگۈزىمىز:
mount -o loop system.img sysmain
ئىگەرلەش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، بايلىق باشقۇرغۇچ ئىچىدىن img ھۆججىتىنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىگەرلەنگەن مۇندەرىجىدىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھۆججەتنى كۆرەلەيمىز.
دىققەت: ھۆججەتنى تەھرىرلىگەندە ھۆججەتنىڭ ئەسلى ھۇقۇقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ .مۇبادا ئېھتىياتسىزلىقتىن ھۇقۇقىنى خاتا بەلگىلەپ قويسىڭىز ،رومنى يازغاندىن كېيىن يانفۇنىڭىز ئېچىلمايدۇ. ھۇقۇقىنى خاتا بەلگىلەپ قويغىنىڭىزنى بايقىغاندا ۋە ئەسلىدىكى ھوقۇقىنى بىلەلمىگەندە بىۋاستە 777 قىلىپ ئۆزگەرتىپ ، ئىشلەتكۈچىنى نامىنى root قىلىسىڭىزلا بولىدۇ.ئەلۋەتتە شۇ مۇندەرىجىدىكى باشقا ھۆججەتلەرنىڭ ھۇقۇقىغا قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ .ئادەتتە app ۋە framework ۋە باشقا مۇندەرىجىلەردىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھۇقۇقى 644 بولىدۇ ، ھۆججەت قىسقۇچنىڭ 755 بولىدۇ.
ئەگەر framework-res.apk ھۆججىتىنى framework مۇندەرىجىسىگە قويماقچى بولساق ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزىمىز:
sudo cp framework-res.apk sysmain/framework
sudo chown root.2000 sysmain/framework/framework-res.apk
sudo chmod 0644 sysmain/framework/framework-res.apk
باشقا ھۆججەتلەرگىمۇ مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. ھۆججەتلەرنى يۆتكىگەن ياكى كۆچۈرگەندە تېرمىنالغا بۇيرۇق كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
قايتىدىن بولاقلاش:
ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىگەرلەش مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ ھۆججەتنىڭ ئۇمۇمى سىغىمىغا قاراپ باقىمىز ، مەسىلەن : 768 مېگابايت بولسا ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكىلەرنى كىرگۈزىمىز :
chmod 777 ./mkuserimg.sh
./mkuserimg.sh -s sysmain systest.img.ext4 ext4 tmp 768M
بىر ئازدىن كېيىن ھۆججەت قايتىدىن بولاقلىنىپ چىقىدۇ. ئەگەر img ھالەتتە بولاقلىماقچى بولساق ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزىمىز :
chmod 777 ./make_ext4fs
./make_ext4fs -l 768M -s -a system system.img ./sysmain
بۇ يەردىكى "-a system" نىڭ مەنىسى بۇ img ھۆججىتى Android ئۈسكۈنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ،ئىگەرلەش نوقتىسى /system بولىدۇ –دىگەندىن ئىبارەت.
بۇ قىممەتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن private/android_filesystem_config.h ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ھۇقۇققا ئاساسەن ئاپتۇماتىك ھالدا بارلىق ھۆججەتلەرگە قايتىدىن ھۇقۇق بېرىلىپ بولاقلىنىدۇ. ئەگەر روم يېزىلغاندىن كېيىن ھۆججەت ھۇقۇقىنىڭ توغرا بولىمغانلىقىنى بايقىسىڭىز ، android_filesystem_config.h نى ئۆزگەرتىپ ھۇقۇق بېرىپ make_ext4fs نى قايتىدىن تەھرىرلىسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە “-a system” قىممىتىنى ئىشلەتمەي ھۆججەتنىڭ ئەسلى ھوقۇقىنى ساقلاپ قالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|