|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئودغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-24 16:29
ئامال بار تېلۋىزورنى توردىن سېتىۋالمىغان ياخشى. مەنمۇ ئالدىنقى يىلى گۇاڭجۇدىن تاۋباۋدا ئۈچ قېتىم تېلۋىزور سېتىۋالغان ئىدىم. ئىككىسى 42سۇڭلۇق, بىرسى 47سۇڭلۇق . 27كۈندە ئاران قۇلۇمغا تەگدى. ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتە-ئۆتمەي بىر دانە 42سۇڭلۇق تېلۋىزورنىڭ رېڭى بۇزۇلۇپ كەتتى, رېمۇنىتچىغا كۆرسەتسەم ئېكران بۇزۇلۇپتۇ دېدى, ساتقۇچى تەرەپ بىلەن نەچچە قېتىم ئالاقىلاشقان بولساممۇ ماڭا پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى, ئامالسىز ھازىرچە رەڭسىز ھالەتتە كۆرۈۋاتىمەن. ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورنۇمدىن سېتىۋالغان بولسام ئۇلار ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ياكى ياسىتىپ بەرگەن بولاتتى. توردىن سېتىۋالغان تېلۋىزورنىڭ سۈپەت كاپالىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن, ياساتقىلى قايتۇرۇش تېخى مۈشكۈل, ئۇلار تاپشۇرۋېلىپ بىزنىڭ كاپالەت دائىرىمىزدە ئەمەسكەن, پۇل تۆلەڭ ئاندىن ياساپ بېرەيلى دېسە ئامال يوق شۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب. ياساتماي قايتۇرۋالاي دېسەڭ تېخى زىيان, رېمونت ھەققى تېخى بۇ يەردىن نەچچە ھەسسە قىممەت. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىن ماركىلىق, سۈپەتلىك تېلۋىزور تاللاپ سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن, گەرچە قىممەت بولسىمۇ. |
|