- جۇغلانما
- 5432
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2014-9-1
توردا1150 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 5432
- ئاقچا
- 71


|
aziz101 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 12:33 
ئاخىرنىمۇ تەپسىلىي چۇشەندۇرۇپ قۇيۇڭە UBS تىن قۇزغىلىدى ...
ئەمەلىيەتتە چوقۇم BIOS دىن USB دىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تاللاش شەرىت ئەمەس،
ئۇنىڭ ئۈستىگە BIOS نى تەڭشەش يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە قۇلايسىز!
ئادەتتە يۇقارقى تىمىدەك سىستىمىنى ئاۋال بارماق دىسكىغا ئويۇپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىسىز!
كومپىيۇتىرىڭىز قوزغالغاندا ئەڭ ئاۋال كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئاساسى تاختىسىنىڭ ماركىسى كۆرۈنىدىغان كۆرۈنمە يۈزى ھالىتىدە يەنى كومپىيۇتىرنى قوزغاتقاندا ئىكران تۇنجى قىتىم كۆرسەتكەن كۆرۈنمە يۈز ھالىتىدە تىز كۇنۇپكىلارنى بىسىش ئارقىلىقمۇ سىستىمىنىڭ نۇر دىسكا، قاتتىق دىسكا ياكى USB ئىغىزدىن قوزغىلىشىنى تاللىغىلى بولىدۇ! ئادەتتە ئوخشىمىغان ماركىدىكى كومپىيۇتىرلاردا يۇقارقى تىز كۇنۇپكىلارمۇ ئوخشىمايدۇ!
تۆۋەندە بىر قانچە ماركىدىكى كومپىيۇتىرلارنىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىنى ئىچىش تىز كۇنۇپكىلىرى بىرىلدى!
كۆپۈنچە ASUS , LENOVO نىڭ F8
IBM نىڭ F12
تىز كۇنۇپكىلار ئوخشىمىغاچقا تۆۋەندىكىلەرنى بىر بىرلەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ!
Esc , F1, F2, F5, F9, F10, F11 قاتارلىقلار، بۇلارنى سىز بىردىن بىردىن بىسىپ قايتا قوزغىتىپ سىناپ باقسىڭىز چوقۇم كىرەلەيسىز! |
|