ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 4808|ئىنكاس: 148
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇردا خاككىر بارمۇ ياكى يوقمۇ ؟

6

تېما

309

يازما

534

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2207
ئاقچا
1
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرقۇت ئەھلى :
مۇنۇ تىمىنى ئەسلى يوللاشنىڭ ئورنى يوق ئىدى ،ئەمما بۈگۈن بىر توردىشىمىز يوللىغان ئۇيغۇرلاردىكى 16 بوش بىكەت دىگەن تىمىنى كۆرۈپ تىما باشلىنار باشلانماستىلا خاككىر توغرىسدا مەزمۇن يوق دىگەن خېتىنى كۆرۈپ راس گەپ قىلسام ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى ! ئاشۇنداق تورچىلىقىمىزدىكى بوشلۇقنى بايقىغان ئادەمنىڭ خاككىر توغرىسىدكى چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر نادانلىقى مىنى ئەپسۇسلاندۇردى ! ئەمدى سىز ھەم سىلەر تۆۋەندىكى تىمىنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىغا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ قويۇڭلار ،چۈشۈنۈپ قويۇڭلار !
ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىۋىتەي :      توردىكى تەخەللۇسۇم  نامسىز   نۇرقۇتتا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر كارول
2008 يىلىدىكى ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،مىنى تۇنۇيدىغانلار تۇنۇيدۇ ! تۇنۇمايدىغانلارغا ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق !  
ئەمدى تۆۋەندىكى مەن 2011 يىلىنىڭ ئاخىرى يازغان خاككىر دىگەن نىمە ؟ ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىغا قانداق قارايسىز ؟ دىگەن ماۋزۇلاردا يوللانغان تىمىنى ئەسلى مەزمۇنى بويىچە كۆرۈپ بېقىڭلار !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك پېقىر نامسىزدىن سىلەرگە سالام ..  شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسى مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر بىر يېرىم يىل ئىتىلىپ قېلىپ يېقىندا قايتا ئۆزگەرتىلىپ قايتا قۇرۇلۇپ سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى .نۇرغۇن تورداشلار مەندىن نىمشقا خاككىر مۇنبىرى قۇرىسىز ؟سىزچە خاككىر دىگەن ياخشى نەرسىمۇ ؟ سىزگە قانچىلىك پايىدىسى بار توربىكىتىڭىزنىڭ ؟ سىز قەيەردىن خاككىرلىق ئۆگەنگەن دىگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ كەتتى ،ھەتتا تور ساھەسىدە خېلى يۈرگەن داڭلىق بىكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ بەزىدە مىنى ئەيىپلەپ كەتتى ،ھەتتا توربىكىتىنىڭ مەلۇم يىرىدىن چاتاق چىقسا ئۇدۇل كىلىپ مىنى تىللىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى ،ئەمما ئۇنىڭ توربىكىتىگە مەن چېقىلىپمۇ سالمىغان ،مەندىمۇ نىمە ئامال دەيسلەر خاككىر دىگەن شۇ نامنى ئېلىپ سالغان ،ئۇيغۇرۇمدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر خاككىر تورى ئاچقان گۇناھ مەندە تۇرسا مەن نىمە دىيەلەيتتىم ؟!
ئويلاپ قالدىم ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە باشقا ئادەتتىكى تورداشلارغۇ خاككىر بىلەن كىراككىرنىڭ پەرقىنى بىلەلمىسۇن ئۇنى چۈشىنەيلى ،ئەمما بىر توربىكەتنى ماڭدۇرىۋاتقان ئادەمنىڭ بىلەلمىگەنلىكى مىنى ئەجەبلەندۈردى !
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاككىر ۋە كىراككىر ھەمدە  ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزەمنىڭ قىسقىغىنە تەھلىلى بىلەن تۆۋەندىكىچە سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم ! ئەمىسە مەن باشلاي :
hacker   دىگەن نىمە ؟ hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئەسلى ئىنلگىز تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ،بۇ ئۇقۇم ئەينى ۋاقىتتا ئامىركا كومپىيوتىر ساھەسىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئۇقۇم ئىدى .كىيىنچە بۇ ئۇقۇم مەتبۇئاتلاردا software cracker دەپ ئاتالدى .hacker دىگەن بۇ سۆز ئەسلى كومپىيوتىرنى قىزغىن سۆيىدىغان ،كومپىيوتىر تېخنىكىسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەملەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئۇقۇم باشقىلار كاللىسىدا مەخسۇس تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر دىگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالدى ،ئەمدى  كىشىلەر ئۇلارنى cracker دەپ ئاتىدى .مانا بۇ ئىككىسنىڭ ئەڭ ئاددى پەرقى .
hacker لار تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى .ئەمما نىمە ئۈچۈن hacker ھازىر ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى ؟
hacker لارنىڭ پەيدا بولىشى تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى ۋە تولۇقلىدى ئۇنى مۇكەممەل قىلدى . خاككىرلارنىڭ قىلمىشى بۇزغۇنچىلىق ئەمەس ،ئۇلار بىر توپ تور دۇنياسىدىكى قەھرىمانلار . ئۇلار ھەر قاچان تەڭ بەھىرلىنىشنى ،ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسز تىرىشىپ كەلدى .
خاككىرلار نىمىشقا پەيدا بولدى ؟ چۈنكى كومپىيوتىر سىستىمىىسى مۇكەممەل ئەمەس بولغانلىق سەۋەبى خاككىرلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى .يەنە بىر خىل مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كومپىيوتىر سىستىمىىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەل بولىشى يەنە نۇرغۇنلىغان خاككىرلارغا مۇھتاج. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن خاككىرلار تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .بۇلارنى ئەسلى مەنسىدىن ئېلىپ ئېيتساق بۇلار cracker دەپ ئاتىلىدۇ .دەل مۇشۇ cracker لار سەۋەبى hacker لارنىڭ نامى بۇلغۇنىپ ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا بۇزغۇنچىغا ئايلىنىپ قالدى .
خاككىرلار دۇنياسىدا hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئومومىي ئاتىلىش ،چۈنكى خاككىرلار بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ .مەسىلەن system hacker بۇ سىستىما لاھىيلەش ۋە قوغداشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،password hacker ئەستايىدىللىق بىلەن مەخپىي نۇمۇر تېپىشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،يەنە computer hacker كومپىيوتىرنى پىششىق بىلىدىغان خاككىر قاتارلىقلار ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي كود پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى Eric Raymond بۇ خاككىر دىگەن سۆزگە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن :
hacker ۋە cracker ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيا چۈنكى hacker ياساشنى ،قوغداشنى ،مۇكەممەل بىخەتەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ .cracker بولسا بۇزۇشنى مەخسۇس مەقسەت قىلىدۇ .
ئەمدى ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزغا نەزەر سالايلى : كومپىيوتىر دىگەن بۇ ئۇقۇم دىيارىمىزدا پەيدا بولغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ يىڭى نەرسىگە قارىتا ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ ئۇنى دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە توختاۋسىز تىرىشىپ كەلدى ....  
ئۇيغۇر تورچىلىقمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق 94 -يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكى بىخ ھالەتتىن مايسا ھالەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى .. 96-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا مەيىن شامال يەنى سابىق سەلكىن تورى ،دىيارىم ،شەبنەم قاتارلىق باشلامچى توربەتلەرنىڭ تۈتكىسىدە ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ كىچىك ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى توربەت تور قامال قىلىنىشتىن ئىلگىرى 20 نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ..  
شۇنىڭغا ماس ھالدى 2003-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا بىر قىسىم خاككىرلىرىمىزمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى ..
ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىمىزدىن زەھەر (毒药)، قارا روھ (黑灵)،مۈشۈك ئاتامان (猫老大) ، نىشان..................،قاتارلىق بىر تۈركۈم دەسلەپكى خاككىر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىغا خاككىرلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئارقىسىدا ئۇيغۇر خاككىرلىمىز توختاۋسىز تەرەققىي قىلىدى ..   
تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە باشقا پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن دىلناۋا،گېپسون، گېپسون -2 ، نامسىز بەگزادە ،软硬 ،alfa  ،..... قاتارلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىز مەيدانغا كەلدى .پېقىر نامسىزمۇ ئاشۇ لار بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان . شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر خاككىرچىلىقى تەرەققىي قىلىپ 2008-يىللىرى ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ..ئۇيغۇر خاككىر توربىكەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلدى .ئالايلۇق : سابىق ئۇيغۇر خاككىر بازىسى (www.uyhackerbase.cn )،سابىق ئۇيغۇر تور تەتقىقات ئىشخانىسى (www.uymuma.com) . شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسى (ھازىرقى  شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر تورى  www.uyhacb.com)، نىشان مۇنبىرى ، قارا روھ مۇنبىرى ، .........قاتارلىق بىر تۈركۈم توربەتلەر بارلىققا كىلىپ ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىنى تەربىيلەش يولىدا مىننەتسىز ئىزدەندى ......2009-يىلىدىن كىيىن بۇ توربىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى توختاپ قالغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ توختاپ قېلىشى ھەرگىزمۇ باشقا بىرىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ،ياكى مەقسەتلىك ئىتىشى ،ۋە ياكى شۇ توربەتنىڭ بوشلۇقىنىڭ ياكى ئىسمىنىڭ توختاپ قالغانلىقى سەۋەپ ئەمەس ،تۈپ سەۋەبى ھەممىمىزگە ئايان .... نىمىشقا ئەمدى ئارىدىن 2 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى بۇرۇنقىدەك گۈللەنمەيدۇ ؟ ئۇيغۇر تور بىكەت باشلىقلىرى بىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ ؟ تۈپ سەۋەبى ئۇلار hacker بىلەن cracker نىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ .....  
خاككىر دىگەن بۇ ئۇقۇم ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مەخسۇس توربەت يۇچقىدىن پايدىلىنىپ توربەت بۇزىدىغان ،مۇلازىمىتىردىن يۇشۇرۇش ھۇقۇق تەلەپ قىلىپ مۇلازىمىتىرنى باشقۇرۋالىدىغان ،QQ ئۇغۇرلايدىغان ۋە ھاكازىلار دەپلا بىلىدۇ ...
ئۇلار hacker نى توغرا چۈشەنمەيدۇ ،چۈشەنمەسلىكىگە بىر قىسىم cracker لار سەۋەپ بولغان ..چۈنكى باشتا دەپ ئۆتتۈم cracker لار hacker نىڭ نامىنى بولغاپ بولغان ..ئەڭ مۇھىمى بەزى كىشىلىرىمىز خاككىر بىلەن كىراككىرنى تېخىچە پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ ..
ئەمدى توربەت باشلىقلىرىغا كىلەيلى : ھازىر ئانچە مۇنچە  كىچىك كومپىيوتىر تېخنىكىسى بىلىدىغانلارمۇ توربەت ئېچىپ كەتتى ،خەقنىڭ بېتىنى پۇلغا ئالىدۇ پالانى بىكەت ،پۇستانى بىكەت دەپلا ئۈستىگە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىكى ئانداقچى چوڭ بىكەت مۇنداقچى چوڭ بىكەت دەپ  يوغان سەللىنى كىرگۈزۈپ قويىۋاتىدۇ ،ئەمما شۇلار بىكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قىلچىلىك قوغدىيالمايدۇ ! چۈنكى بىلمەيدۇ ! نىمىشقا بىلمەيدۇ ؟ چۈنكى بىزدە بۇ توغرىسىدىكى سىستىمىلىق توربىكەت يوق دىيەرلىك !   
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مۇنبەردىن بىرەرسى ئۇنىڭ توربىكىتىنى تەكشۈرۈپ ماۋۇ يەردە يۇچۇق باركەن دىسە ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ ؟ ساڭا پوق بارمىتى بىكىتىمنى تەكشۈرۈپ دەپ ئۇنى گەپ قىلىپ سالغانغا تويغۇزىدۇ ،يەنە بەزىلىرىنىڭ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ياساتقان بېتىنى باشقىلار ئۇنىڭ يۇچىقىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۋىلىپ تارقىتىدۇ ،بىكەت باشلىقى بولسا قولىنى چىشلەپ قالىدۇ ،كاشكى ئاشۇ بىكەت باشلىقلىرى ئۇ بەتكە نەچچە قۇر كودنى قوشۇپ قويسا خاككىرلارنىڭ يۇچۇق ئىزدىشنىڭ تەسلىكىنى بىلسىدى ،...ئۆزى قوغدىيالماي يەنە نىمىشقا بىزنى تىللايدۇ ؟ئۇيغۇر خاككىر تورىمىز قۇرۇلغىلى ئۇنى بۇنى دەپ مانا ساق 10 ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ ! ئەزاسى ئاران 2200 ئەتراپىدا(ھازىر ساندان بۇزۇلۇپ قايتا ئېچىپ تېخى ئەزا 1000 گە بارمىدى!) ،نىمىشقا ؟ توربىكەتچىلەر بىزنى خاتا چۈشىنىش سەۋەبلىك ئۇلىنىشقا قوشمايدۇ ،ھەمكارلىق ئېلانى قويغۇزمايدۇ !
مۇشۇ يىلى 7-ئايدىكى ۋىيتنام بىلەن جوڭگۇ خاككىرلىرىنىڭ تور جېڭى باشلانغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ خاككىرغا بولغان چۈشەنچىسە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى ،چۈنكى ۋىيتنام خاككىرلىرى دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئورگان توربىكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆز بايرىقىنى ئېسىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن دۆلىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر خاككىرلار دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۆلىتىمىز بايرىقىنى ئۇلارنىڭ توربىكەتلىرىگە ئېسىپ دىياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ ئەزەلدىن جوڭگۇنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ قويدۇق !مانا بۇ ھەقىقىي خاككىرلىق ! شۇ كۈنكى جەڭگە خەنزۇ خاككىرلاردىن 600 دەك كىشى قاتناشقان بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇر خاككىرلاردىن پەقەت تۆتىمىزلا قاتناشتۇق ! نىمىشقا بىزدە بۇنداق خاككىرلار ئاز !؟ئۇيغۇرلار قاچان بىزنى توغرا چۈشىنەر ؟ !
ئاددىسى باللا نۇرغۇن دىسكاز بېتىگە 2.0  نىڭ 0day  يۇچىقىنى يوللاپ قويدۇم ،ئىسىت دەپ قالدىم يوللاپ بولۇپ ئاشۇنى يوللىغان قولۇمغا !چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ بەزىدە تاس قالدىم ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى !
مۇشۇ دىسكازنى ئىشلىتىپ مۇشۇنىڭ يۇچىقىنى بىلمىسە ،يۇچىقىنى تەييار يوللاپ بەرسە تېخى چۈشەنمىسە ..ئۇيغۇردا خاككىر بار مۇ ؟  ئەلۋەتتە بار چۈنكى مەن ھەم مۇنبىرىمدىكى مەخسۇس رايۇن باشقۇرغۇچىلىرى مەن خاككىر دەپ مەيدىمىزگە مۇشلىيالايمىز ! ئەگەر قايىل بولمايدىغانلار بولسا ھەر ۋاقىت سىنىشىشقا مەن تەييار ! ئۇچۇق ئاشكارا سىنىشىمەن !

ئەمدى توربەت باشلىقلىرى سىلەر بىزنى قانچىلىك قوللاپ بەردىڭلار ؟ ئېلان ئورنى سورىساق يوق دەيسىلەر .مەيلى ! لوگو ئورنى سورىساق خاككىر بېتىكەن دەپ قاچىسىلە ! بېتىڭلار بۇزۇلسا كىلىپ بىزنى تىللايسىلە !  بەت سىستىمىسى لازىم بولسا چوڭ دادا دىمەيدۇ ئىشقىپ بەزىلەر قالغان گەپلەرنىڭ ھەممىنى دەيدۇ !

ئەسلى مەنبە  http://www.nurqut.net/ud/thread-9666-1-1.html
توربەت ئادىرسى :http://www.uyhacb.com/

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +6 يىغىش سەۋەبى
MATRIX007 + 6 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

1

تېما

406

يازما

579

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3133
ئاقچا
0
QQ
royharry ۋاقتى: 2014-3-20 17:44:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يوق

9

تېما

191

يازما

199

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1004
ئاقچا
0
abdullah83883 ۋاقتى: 2014-3-20 17:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9

تېما

191

يازما

199

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1004
ئاقچا
0
abdullah83883 ۋاقتى: 2014-3-20 17:48:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-3-20 18:05:42 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خاككېرلىق  تورىنىڭ يانفۇن نوسخىسى بامۇ  . با  بولسا  چۇشۇرۇش ئادىرىسىنى  يوللاپ  بەگەن  بولساڭلا. رەخمەت.来自: Android客户端

1

تېما

137

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1144
ئاقچا
0
hijran1 ۋاقتى: 2014-3-20 18:07:33 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ www.uyhacb.com تور بېتىگە پەقەت تىزىملىتالمىدىم دەلىللەش سۇئالى دىگەن يەردە سۇئال يوقكەن توشقۇزماي بۇيرۇق بەرسەم دەلىللەش سۇئالىنى توشقۇزۇڭ دەيدۇ مەن تېلفۇندا تىزىملاتماقچى ئىدىم ياكى تېلفۇندا تىزىملاتقىلى بولمامدۇ来自: Android客户端

2

تېما

90

يازما

81

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
351
ئاقچا
0
507625464 ۋاقتى: 2014-3-20 18:14:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمەن ، خاككىر دىگەن ئۇقۇم مىنىڭ كاللامدا خۇددى بىر ئوقۇتقۇچىغىلا ئوخشاش. مەنمۇ شۇنداق قىززىقىمەن ، ئەگەر ئۇلار راسلا بۇزغۇنچى بولغان بولسا بەزى تور بەتلەرنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئىشتان ئىغىنى پوق قىلىۋەتكەن بولاتتى.... ياشاڭلار جۇڭگوغا ئەمەس دۇنياغا تونولغۇدەك ، ياشاڭلار باشقىلارنىڭ ئەمەس ئوزوڭلارنىڭ كۆزىدە كۆرۈپ ياشاڭلار، ئۆز مىللىتىمىز سۆيۈنگىدەك ياشاڭلار.

10

تېما

348

يازما

410

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1825
ئاقچا
0
simsimtamqa ۋاقتى: 2014-3-20 18:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   simsimtamqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 18:16  

مەن ئۇيغۇرلاردا  خېلى كۆپhacker نىڭ  بارلىقىغا ئىشىنىمەن، مەنمۇ دەلىللەش نۇمرى دېگەن يەرنى تولدۇرالمىدىم.

0

تېما

128

يازما

316

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2080
ئاقچا
0
smile ۋاقتى: 2014-3-20 18:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم.
زامان زورنىڭ، تاماششا كورنىڭ.

4

تېما

94

يازما

45

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
293
ئاقچا
0
alma911 ۋاقتى: 2014-3-20 18:32:47 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە خاككىرلىقنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ مەسىلەن: يامىنى ھەربىلەرنىڭ باشقۇرىلدىغان بومبىسىنى ئىسكىلاتتىن ئەپچىقىپ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان نىشانغا قويۇپ بىرەلەيدۇ...
ئاجىزراقى چ چ ئوغۇرلىيالايدۇ
  بۇ پەقەت مىنىڭ چۈشەنچەم

1

تېما

61

يازما

40

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
194
ئاقچا
0
riwayet ۋاقتى: 2014-3-20 18:37:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار ياخشى تۇرۇپسىلەرمۇ  بۈگۈن چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ بەيدۇ شىركىتى، بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنىڭ ئاندروئد نەشىرىنىڭ  ئۇيغۇرچە تىرە ھۆجىتى يەنى بىز دائىم چۈشۈرۈدىغان(ئۇيغۇچە كۇنۇپكا تاختىسىنى) ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ، ئاشۇ كېڭەيتىلگەن نامى.........bds  ھۆججەت قايسىڭلاردا بار بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار.باشقىلارمۇ پايدىلانسا مەن پەقەت تاپالمىدىم. يانفۇنىڭىزنىڭ ساقلاش بوشلۇقىدىكى baidu\imei\skns\ دىگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە 490kb  لىق بىر كېڭەيتىلگەن نامى bds ھۆججەت دەل ئۇيغۇرچە تىرە ھۆججىتى شۇ.

0

تېما

28

يازما

24

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
93
ئاقچا
0
nimabu ۋاقتى: 2014-3-20 18:43:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمەقىلغىنى ئۇ بۇلارنىڭ  ئۆچۈرۋەتكىلى يابىز بۇخەقنىڭ ئۇۋىسىغا سۇقۇيمىساق   خەپ   ئەبلەخلە  ئىشلەتمەيلا قويلى ئۇنەرسىنى  بىزنىڭ كىرگۈزگۈچلەر ئاز بولمىغاندىكىن来自: Android客户端

0

تېما

21

يازما

30

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
146
ئاقچا
10
muzliganyurak7 ۋاقتى: 2014-3-20 18:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىزگە  ھەقىقى خاككىرلارنى تونۇتۇپ قويدۇڭىز . سىلەرگە ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن . ياشا ئۇيغۇر خاككىرلىرى !
دۆلىتىمىز ھەم ئۇيغۇر خاككىرلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇڭلار !

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-3-20 18:45:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alma911 يوللىغان ۋاقتى  2014-03-20 18:32:47
مىنىڭچە خاككىرلىقنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ مەسىلەن: يامىنى

كىيۇ  كىيۇ ئۇغىرلىغاننى خاككېر دېمەيمىز .ئۇلانى  بىر  چۇپرەندە  دەيمىز. كىيۇ كىيۇ ئۇغرىسىنى يەنجىۋەتكىم كېلىدۇ مېنىڭ كىيۇ كىيۇرىمغا قەتتىي ئارام بەمەيدۇ  بۇ  چۇپرەندىلەر.来自: Android客户端

4

تېما

94

يازما

45

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
293
ئاقچا
0
alma911 ۋاقتى: 2014-3-20 18:51:14 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭكىدە بارغۇ ئەمىسە؟ ئۇيغۇرچە تاختا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش