|
ھەپتە ئاۋال Meizu MX3 魅族 تىن بىرى ئۇچىراپ قالدى ؛ ساتقۇچى تېپىۋاپتىكەن بۇ تېلفۇننى .
دەسلەپتە بۇ تېلفۇندىن تازا خەۋىرىم بولمىغاچقا ، يەنە كېلىپ مەن سېتىۋالغاندا تېلفۇندا كارتا يوق ، تورسىز مۇھىت بولغاچقا نورمال ئېچىلغانكىن ئېلىۋېرىپتىمەن .
ئۆيگە كېلىپ wifi گە ئۇلىسام ئېكراندا - بۇ يانفۇننى يوقىتىپ قويدۇم ، پالانى نومۇربىلەن ئالاقىلىشىڭ ... دىگەندەك خەت چىقىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئالىپ ۋە بەيدۇدىن مۇشۇ يانفۇن ئۇچۇرىنى ئىزدىسەم flyme ئاكونتى ۋە پارولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدىم ...
يانفۇن ھازىرغىچە تورسىز مۇھىتتا .
ھەممە جايلىرى نورمال . تورغا ئۇلاشقا ياكى كارتا سېلىپ ئىشلىتىشكە پېتىنالماي ئولتادىم .
مەنچە يانفۇن ھازىر تېخى قۇلۇپلانمىدى ، قۇلۇپ سالسىمۇ مەن تورغا ئۇلىمىغاچقا قۇلۇپلاش بۇيرۇقى يانفۇنغا كىرمىدى دەپ ئويلايمەن .
ئەمدىكى مەسىلە مۇشۇ flyme ھىسابات نومۇرىنى قانداق قىلىپ يوق قىلىش ياكى قانداق قىلىپ ئېچىش ...
بۇرۇنقى ئىشلەتكۈچى يانفۇنغا flyme ھىساباتىنى ئۇلىغانمۇ ئۇلىمىغانمۇ - مۇشۇنى قانداق بىلىمىز ؟
بۇ تېلفۇننى يېڭى سېتىۋالغاندا ھىسابات چوقۇم باغلانغان بولامدۇ ياكى ئابونت كېيىن ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ھىسابات باغلامدۇ ؟
ئەگەر ئىشلەتكۈچى ھىسابات باغلىمىغان بولسا ئېكرانغا چىقىۋالغان ئۇچۇر نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟
يانفۇننىڭ ئىز قوغلاش ، ماتىرياللارنى يۇيۇۋېتىش ، يانفۇن قۇلۇپلاش ... دىگەندەك ئوغرىدىن مۇداپىئە ئىختىدارىنى قانداق قىلىپ بېكار قىلىمىز ؟ flyme ھىساباتى ئېنىقسىز بولغان ئەھۋالدىمۇ بېكار قىلغىلى بولامدۇ ؟؟؟؟
32GB MX3 ئىدى ، ھىچ بولمىسا بارماق دىسكا ئورنىدا بولسىمۇ ئىشلىتەي دىسەم ئۇمۇ مۇمكىن بولمايدىغان چېغىۋا ....
ياردەم قىلساڭلار ... |
|