|
بەزى رايونلاردا چوڭ-كىچىك كەپشەر ماشنىلېرىنى ئادەتتىكى يورۇتۇش زەنجىرىگە ئۇلىۋىلىش تەسىرىدىن لامپۇچكىلار لەپ-لۈپ قىلىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار بۇلىدۇ، بىرنەچچەيلەن ماڭا مەھەللىسىدە مۇشۇنداق ئەھۋاللار تەسىرىدىن كومپىيوتىرلار ئۈچۈپ قالىدىغانلىقى، بەزىدە سېستىما يۇقاپ كەتسە بەزىدە دېسكا بۇزۇلۇپ قىلىپ ئالماشتۇرۇشقا تۇغرا كىلىدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم (ups应急电源) زاپاس توك مەنبە ئىشلەتسە ئەلەتتە ياخشى بۇلىدۇ، ئەمما يېزىلاردا بۇ نەرسىلەرنى تىپىش سەل تەس. شۇڭا شارائىتى بارلار قىسقا ۋاقىتلىق زاپاس مەنبەنىڭ رولىنى ئالالايدىغان كوندىساتور ئىشلىتىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، كومپىئوتىر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمى كوندىساتورنىڭ توك ساقلاش خۇسوسىيتى بارلىقىنى شۇنداقلا ھازىرقى ھەممە ئىلىكتىر ئەسۋاپلېرىدا كوندىساتور ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئادەتتە كومپىئوتىر مەنبەسىدىكى كوندىساتورنىڭ سىغىمى بىلەن رەتلىگۈچ كۆۋرۈكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ توك ئىقىمى ماسلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ، شۇڭا بىۋاستە مەنبەدىكى كوندىساتورنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بىۋاستە يانداش ئۇلاپ قويغاندا يىڭىدىن توكقا چاتقان ۋاقىتتا كوندىساتور زەرەتلىنىپ بىسىمى ئۆلچەمگە يەتكىچە بولغان ئارلىقتا ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى ئىشىپ كىتىپ، ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ قىسقا تۇتىشىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، كومپىئوتىرنى رىمونىتخانىغا ئاپىرىشقا تۇغرا كىلىدۇ. شۇ ڭا 470-4700 مىكرو فارادالىق كوندىساتورنى ئىنىرگىيە تىجەش چىرىقىنىڭ كۆۋرۈكسىمان رەتلىگۈچىدىن ئۈتكۈزۈپ، 220 ۋولىتلىق كىرىش قىسمىغا 100 ۋات ئەتراپىدىكى لامپۇچكىدىن بىرنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ قويساق ئايرىم زەرەتلەيدىغان توك يۇلى تەييار بۇلىدۇ يەنە بىر ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن ئۈتۈپ شۇ مەنبە بىسىمى تۈۋەنلىگەن ۋاقىتتا قىسقا پەيىتلىك توك تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بۇلىدۇ.
بۇنداق بولغاندا پەيىتلىك بىسىم تۈۋەنلەپ،100 ۋولىت ياكى 40 ۋولىتقا چۈشۈپ قالغان ھالەتتىمۇ چوڭ سىغىملىق كوندىساتوردىكى ساقلانغان توك كومپىئوتىرنى نەچچە سىكونىتقىچە توك بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. توك بىسىمى ئەسلىگە كەلسە كومپىئوتىرنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىكى بىسىم تىزدىن ئەسلىگە كىلىپ تەمىنلەش ئۈزلۈپ قالمايدۇ...
بۇنى قۇراشتۇرۇشتا توكچىلىق ئىشلېرىنى ۋە دىتاللېرىنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە قىلساڭلار، بولمىسا باشقا زاپچاسلارنى كۆيدۈرۈپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار چىقىپ قالمىسۇن...
يىقىندا مەن ۋاقىت چىقىرالمايمەن، مەسلىھەت سورايدىغانلار 127954820ئۇيغۇر تېخنىكلار، 83599144 شىنجاڭ ئىلىكتىرون ھەۋەسكارلېرى چ چ توپلېرىدىن سورىساڭلار بۇلىدۇ.
|
|