ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاندرويدچىلارغا تەكلىپ ۋە ياردەم

18

تېما

93

يازما

630

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
1438
ئاقچا
50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇنداق ئىش: مەن ھازىرغىچە سىمبىيان سىستېمىلىق تېلېفۇن ئىشلىتىۋاتقان. يېقىندا قولۇمغا ئاندرويد سىستېمىلىق تېلېفۇندىن بىرى كىرىپ قالدى (HTC Desire HD A9191). مىنىڭ بۇرۇنقى سىمبىيان تېلېفۇنىمغا ئۇيغۇرچە فونت قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەت ياكى ئې-كىتابلارنى كۆرگىلى بۇلىدىغان ھالەتكە ئەكەلگەن. (ە، ې ھەرىپى بەزىدە ئۇلانمايدۇ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ). ماۋۇ ئاندرويد تېلېفۇن قولۇمغا كىرگەندىن كېيىن، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بۇنى ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان ھالەتكە ئەكەلگىم كەلدى. بەزى تورداشلار بىلىشى مۇمكىن، مەن PC  ئويۇنلىرى بىلەن ھەپىلىشىمەن. ئاندرويد توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيمەن (ئەلۋەتتە، كومپىيوتېرنى ئادەملەر ياسىغان. بىر ئادەمنىڭ بۇ ماشىنى تولۇق بىلىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنى بىلسە ئۇنى بىلمەيدۇ). شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئالپ تورىغا يۈگۈردۇم، تېمىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كۆڭلۈمدە ھېچبىر نىشان ياكى قىلماقچى بولغان جەرياننى ھاسىل قىلالمىدىم (ياكى مەن دۆتمۇ). شۇنىڭ بىلەن يەنە خەن تورلىرىنى ئارىلىماي بولمىدى.

تەكلىپ: ئالپ تورىدا ھازىر ئەڭ قىزىۋاتقىنى تېلېفۇن ھەققىدىكى مەزمۇنلار. لىكىن مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ تېمىلار سەل چېچىلاڭغۇ، مەلۇم تېلېفۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچە قوللاش قوللىماسلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار. مۇنتىزىم، ئەتىراپىق، تەپسىلى، چۈشەنچىلىك ھەمدە ئەمەلىي مەشغۇلاتچان تېمىلار يوق. (ھەرقايسى تېما ئىگىلىرى، سىلەرنىڭ تېمىلىرىڭلارنى ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس. سىلەرنىڭ مۇشۇنچىلىك ئەجىر قىلغىنىڭلارغىمۇ تەشەككۈر!) شۇڭا سىلەرگە بىرىدىغان تەكلىپىم (ئورۇنلۇق بولسا قوبۇل قىلىڭ، بولمىسا چالما-كېسەك قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ): ئالپ تورىدا ئاندرويد تېلېفۇنىنى ئۇيغۇرچە قوللاتقۇزۇش ھەمدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا ئەتراپلىق دەرس (ھەممىنى نۆلدىن باشلاش) بولۇشى كېرەك. (بۇ دەرسلىك ئاندرويد توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بولمىغان ئادەمگىمۇ بەلگىلىك ئاساستا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك). مەسىلەن، ئادرويىد دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى قانداق؟ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن جەرياننى بېسىش كېرەك؟ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈنچۇ؟ ...... مانا مۇشۇنداق ئاۋال نەزەرىۋى چۈشەنچە ياكى جەريان بولۇشى كېرەك، ئاندىن ئەمەلىي مەشغۇلات (ياكى مىسال)، رەسىملىك بولسا تېخىمۇ ياخشى (خەنچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، ئۇلاردا مەزمۇنلار ناھايىتى مول ۋە ئەتراپلىق، ئاشۇ تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ ئەكىرسەكمۇ بولىدۇ، يوقتىن ياخشى). ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنى بىر قېلىپتىلا قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشىدا، يۇمشاق دېتالغا، قاتتىق دېتالغا ۋە ياكى ئىجرائىي مۇھىتقا قارىتا ھەرخىل مەسىلىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قانداق بولسۇن، ئاۋال ماڭىدىغان قەدەم-جەريانلار كاللىدا ھاسىل بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئىشلار شۇ نىشان بويىچە بولىدۇ(مەيلى ئۇيغۇرچە، خەنچە، ئىنگىلىزچە ياكى باشقا تىللاردىكى دەرسلىكلەردىن پايدىلىنىش بولسۇن). بۇ نىشان بولمىسا، ھەرقانچە دەرسلىك ياكى گەپ-سۆزلەر بولسىمۇ، قايسى تەرەپكە مېڭىش، قانداق مېڭىش توغرىسىدا تېڭىرقاپ قالىدىغان ئىش مەۋجۇت. ئەگەر قىلغان تەقدىردىمۇ قارىسىغا، دوگما ھالەتتە بولىدۇ (مەن بىر ئىش قىلسام شۇ ئىشنىڭ تۈپ نىگىزىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەم). مۇشۇنداق تېمىلار، دەرسلىكلەر كۆپەيسە، مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىرادىسى بار، لىكىن قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغانلارغىمۇ كۆپ پايدىسى بار، ئۇلارمۇ بۇ سەپكە ئاسانلا قوشۇلىدۇ.  بىز بۇ ھازىرقى سەۋىيىمىز بىلەن تۇرۇپ قالساق بولمايدۇ، داۋاملىق ئىلگىرلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىزنىڭ سالمىقى خەنلەرنىڭكىدىنمۇ كۆپ. (بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانلار چۈشىنىدۇ).

ياردەم: گەرچە مەن ئاۋۇ تېلېفۇندا ئانا تىلىمنى نۇرمال كۆرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە تور بەتلەرنى ئارىلاشقا قۇربۇم يەتسىمۇ، بىراق ۋاقتىم يەتمىدى (بۇ تېلېفۇن بۇرۇنقى سىمبىيان تېلېفۇنۇمدىنمۇ بەتتەررەك ئىكەن، ئۇيغۇرچە توربەتلەردە بىرمۇنچە كاتەكچە، ھېچقانداق ھەرپلەر ئۇلانمايدۇ، نەشىرى 2.2). شۇڭا تەجرىبىلىك بۇرادەرلەردىن بۇ تېلېفۇننى ئانا تىلىمنى قوللايدىغان ھالەتكە ئەكەلگىلى بۇلامدۇ يوق؟ ئەگەر بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا ياردەم سۇرىشىم. (ئەگەر پەقەت بولمىسا بۇ تېلېفۇننى قولدىن چىقىرىۋىتىمەن، ئۆزىمۇ تازا بىر كېلەڭسىز، چوڭ تېلېفۇن ئىكەن).

كىچىككىنە ئىشنى ئىپادىلەيمەن دەپ جىق سۆزلەپ قويدۇم، قوبۇل قىلغۇچىلار، ھەمدە قۇربى ۋە ۋاقتى يەتكۈچىلەر بولسا ئەھمىيەتلىك، ئىشلىتىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى كۆپرەك يوللىشىڭلارنى، شۇ ئارقىلىق بىزدىكى «ئاناتىلىم» تورلىرىدىكى بىلىم بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تۆھپە قۇشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئەگەر قارشى پىكىر ياكى مىنىڭ تەكلىپىم ئورۇنسىز بولۇپ قالغان بولسا، ھەرقانداق ئېغىر گەپ-سۆزلىرىڭىزنىمۇ قوبۇل قىلىمەن، ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇڭ!)

27

تېما

838

يازما

984

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4114
ئاقچا
6

تۆھپە ئوردېنى

xaydayi ۋاقتى: 2012-1-30 17:29:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولۇپتۇ ... بەلكىم شۇنداق چېچىلاڭغىدۇ ،بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب :
1- ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن تۇنۇتىدىغان تېخنىكا تېخى تولۇق ئاشكارلانغىنى يوق .
2- كۆپىنچە تورداشلار مۇشۇ ئۈستىدە ئىزدىنىپ تېلىفۇنىنى بۇزۇپ قۇيۇش ياكى كېسەك ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولغاچقا ،كۆپىنچە تورداشلار مۇشۇنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا سۇئاللارنى كۆپ سوراۋاتىدۇ ،شۇڭا تېمىلار چېچىلاڭغۇ .
3- ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي نۇرمال تونۇتۇش ،ئېلىكتاب ۋە تور بېكەتلەرنى نۇرمال كۆرۈش ھەققىدە گەرچە بىر قىسىم تېمىلار يوللانغان بولسىمۇ ،لېكىن تورداشلار بۇ تېمىلارنى كۆرمىدىمۇ ياكى مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى بىلمەمدۇ تېمىلارنى تەكرار يوللاۋاتقان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ .
4- ئالىپ تورىدا بىر قانچە تېلىفۇننىڭ ئۇيغۇرچە رومى تارقىتلغاندىن كېيىن تورداشلار مېنىڭ تېلىفۇنۇمنىڭ رومىنى قاچان تارقىتىسىلەر دەپ مۇشۇ بىرگەپكە ئېسىلىۋېلىپ ئۆزى ئىزدەنمەي ،مۇنبەردە ئوخشاش تېمىلار تولا ۋە رەتسىز بولاپ قالدى .
5 -ئالىپ ئەپەندى ۋە uyghurapp ئەپەندى خېلى ياخشى دېتال ۋە ئۇيغۇرچە روملارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بۇ روملارنى قانداق قاچىلاشنىمۇ بىلمەيدىغان تورداشلار بولغاچقا مۇنبەردىكى مۇشۇنىڭغا ئائىت قالايىمىقان سۇئاللار جىق ،لېكىن رەتلىك ۋە سىسىتىمىلىك بولغان دەرسلىك ئاز بولاپ قېلىۋاتىدۇ .

ئاندرويد ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ۋە دېتال ئەپلەر توغىرىسىدا بىرەر گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ ھەپتىسىگە ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ مۇشۇ توغرىسىدا تېما يوللىغان بولسا مېنىڭچە يۇقىرقى ئەھۋاللار ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولاتتى دەپ قارايمەن ...

0

تېما

18

يازما

71

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
231
ئاقچا
1
bilga ۋاقتى: 2012-1-30 17:31:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىرويىد 4.0.3 رومى تورلاردا بولسا ئىزدەپ تېپىپ، شۇنى قاچىلىسىڭىزلا ئۇيغۇرچىنى ياخشى تونۇيتى.ھازىر يانفۇندا تورغا چىقىۋاتقاچقا ئىزدىيەلمىدىم.كەچتە ئۆيگە قايىتقاندا ئىزدەپ خەۋىرىنى بېرەي، سىزمۇ ئىزدەپ بېقىڭ.

5

تېما

53

يازما

123

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
500
ئاقچا
1
gittar ۋاقتى: 2012-1-30 17:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى تېما بۇ...مەنمۇ سېپىڭلارغا قۇشۇلسام دەيمەن،بولسا باشقۇرغۇچىلار تېمامنى تېستىقلاپ قويسا،رەھمەت!

4

تېما

205

يازما

709

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2080
ئاقچا
0
QQ
weli ۋاقتى: 2012-1-30 19:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، مىنىڭچە ئالپ تورىدىكى ئۇستىلار قورسقىدىكى بىلىملەرنى تازا چىقارمايۋاتىدۇ. ياكى تېما يوللاشقا ئېرىنىۋاتىدۇ

باھا سۆز

پۇزىتسيەگە دىققەت قىلىڭ.مۇشۇ مەزمۇندىكى ئىنكاسنى بەك كۆپ يوللاپ كەتتىڭىز  ۋاقتى: 2012-1-30 20:41

301

تېما

2358

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
250875
ئاقچا
4408

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2012-1-30 20:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راتنا ئەپەندى پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق. شەيدايى ئەپەندىمۇ ناھايتى ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ.
گەپنى قىسقارتقاندا يانفوننى ئۇيغۇرچە قوللىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونتىنى قاچىلىسا ۋە بىر تال so ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۋەتسىلا بولىدۇ. ئەمما قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال مۇھىتى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنداق ھۆججەت ئالماشتۇرۋەتسە بەزى يانفونلار ئۇيغۇرچىنى قوللاش تۈگۈل، قەتئى قوزغالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالپ توردىكى ياردەم تېمىلىرى كۆپىيىپ كەتتى.
Android 4 تە فونىت قاچىلىسىلا بولىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇندىن كېيىن بۇ ئاۋارچىلىقلاردىنمۇ قۇتۇلارمىز.
سىزنىڭ خەنزۇچە تور بەتلەردىكى ياخشى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاش ھەققىدىكى پىكىرىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق. مەن بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ تەكلىپ بەرگەن. شۇنداق تورداشلار بولسا ھېلىھەممۇ قارشى ئالىمىز. ياخشى ماقالىلەرنى قەرەللىك تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغانلار بولسا يوللىغان ماقالىسى ئاقچا بىلەن مۇكاپاتلىندۇ. (ئەلۋەتتە بۇ ئاقچىنى بىۋاستە نەقپۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ)

باھا سۆز

خەنزۇچە مۇنبەرلەردىكى نادىر تېمىلارنى تەييارلاۋاتىمەن ...  ۋاقتى: 2012-1-31 12:33
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

18

يازما

71

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
231
ئاقچا
1
bilga ۋاقتى: 2012-1-30 21:07:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندى بۇ گېپىڭىز راسىتمۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى تەتىل قويىۋەتكەننىڭزى بىكار بولۇپ قالغان ئىدىم.ئەمسە ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ تۇرۇپ، تىما تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا تېرىشاي!

301

تېما

2358

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
250875
ئاقچا
4408

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2012-1-30 21:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilga يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 21:07
ئالىپ ئەپەندى بۇ گېپىڭىز راسىتمۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى تەتىل ...


ئەلۋەتتە راست. كومپىيۇتېر، يانفون ساھەسىدىكى يېڭى، ئېسىل ماقالىلەر بولسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

18

يازما

71

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
231
ئاقچا
1
bilga ۋاقتى: 2012-1-31 00:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ratna ئەپەندى، روم قاچىلاشنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلسىڭىز بۇ ئادرىستىكى http://www.fengbao.com/android_rom/htc_dhd_rom/rom_116109.htmlرومنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ئاندىن بۇ ئادرىستىكى/thread-2718-1-1.html فونىت ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە فونىتنى قاچىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
ياكى بولمىسا ماۋۇ ئۇيغۇرچە رومنى قاچىلاڭ./thread-1433-1-1.html

0

تېما

18

يازما

71

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
231
ئاقچا
1
bilga ۋاقتى: 2012-1-31 00:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر روم قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز، ماۋۇ ئادرىستا /thread-1433-1-1.html UyghurWeb ئەپەندى قولىڭىزدىكى يانفۇنغا روم قاچىلاش توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپتۇ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 00:25  

3

تېما

99

يازما

576

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1670
ئاقچا
0
QQ
Firdaws ۋاقتى: 2012-1-31 01:57:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ  ئالىپ ئەپەندىگە بىر تەكلىپىم. ھازىر ئاندىرويىد يانفۇنلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭايلىشىپ كەتتى. ھەم ھازىر قايسى خىلدىكى يانفۇننىڭ ئۇيغۇرچىنى نېگىزىدىن قوللايدىغانلىقى قايسىسىنىڭ قوللىمايدىغانلىقىمۇ ئاساسەن ئېنىقلاندى. ھەم كۆپىنچە يانفۇنلار 4.0 رومنى قاچىلىغاچقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئىشلىرىمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالدى دەپ ئويلايمەن. ئەمسدى كۆپىنچە دىتاللار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىۋاتىدۇ.  ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئاندىرويىد دىتاللىرى ئۈچۈن ئايرىم بىر سەھىپە تەسىسى ئئ قىلىنسا دىگەن پىكىرىم بار. ھازىر ئاندىرويىد توغرىسىدىكى تېمىلار بىلەن ئاندىرويىد دىتاللىرى يوللانغان تېمىلار ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. مەخسۇس ئاندىرويىد دىتاللىرى ئۈچۈن ئايرىم سەھىپە ئاجرىتىلسا دىگەن ئۈمىدتە مەن.

15

تېما

160

يازما

832

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1994
ئاقچا
1
elbilge ۋاقتى: 2012-1-31 03:01:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل پىكىر،سىن ئەمەس،ئېلكىتاپ شەكلىدە تارقىتىلسا ئوبدان بولىدۇ

4

تېما

141

يازما

186

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
639
ئاقچا
1
sansiz7703 ۋاقتى: 2012-2-5 16:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەر كەن ...  بەك ياخشى ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش