ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 31

ھەر قايسى ئۇستازلارغا مۇراجەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ مۇنبىرىدىكى ئۇستازلار - قىرىنداشلار ھازىرقى ۋاختىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭلىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن
نەخ گەپكە كەلسەك قىرىنداشلىرىم بىزدە ھازىر ئۇگۇنۇش شارائىتى دىگەن ئىشىپ- تىشىپ تۇرۇپتۇ مەسىلەن ھازىر بىر ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇرۇپ كومپىيوتېر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە نۇرغۇن خەۋەر-ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز ، ھازىر جەمىيىتىمىز ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ، بىز ئەمدى ئۇگەنمىسەك ئۆز-ئارا ئۇگەتمىسەك جەمىيەتتىن شاللىنىپ قالىمىز قىرىنداشلىرىم ، بىزنىڭ ئۇيغۇر تور دۇنيارىمىزدا كۆزگە كورۇنگەن مىللىتىم دەپ ئۆزىنىڭ ئەجرىنى بىزگە ھەقسىز تەغدىم قىلغان نۇرغۇن ئۇستازلىرىمز بار ، مۇختەر روزى ئەپەندىممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ، مۇختەر روزى ئەپەندىم ھازىرغىچە Vb,photoshop,flash,asp,html css قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەپسىلى چۇشەندۇرلىشى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى بىرگە چۇشىنىشلىك قىلىپ ھەقسىز تەمىنلىدى.
بىز خەنچە تورلارنى ئارلايدىغان بولسا دەرىسلىك دىگەنگە كۆمۇلۇپ كىتىمىز شۇنداق تەپسىلى شۇنداق چۇشۇنۇشلۇك  يەنە كىلىپ ھەقسىز نىمە ئۇچۇن ھەقسىز بولىدۇ؟
چۇنكى بىر دەرىسلىكنى شۇلار ھەقسىز تارقاتقان بولسا ئۇنى شۇ خەنچە بىلىدىغان نۇرغۇن ئادەم ئۇگىنىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇزىنىڭ مىللىتىنى ساپاسىنى بىلىمنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ
بىزدە نىمە ئۇچۇن بۇنداق شارائىتلار يوق ؟  بىزنىڭ مىللەتتىنمۇ شۇنداق تالانىتلىقلار كۆپقۇ؟
مانا بۇ ئالىپ مۇنبىرى ھازىر ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئاندىروئىد جەمگاھى بولدى دىيىشكە بولىدۇ. مۇنبەردە نۇرغۇنلىغان ئۇستازلار بار مومكىن بولسا مۇشۇ پىكىرلىرىمنى ئويلۇنۇپ ئورتاقلىشىپ باقساق دىگەن ئۇمۇتتە مەن.
بولدىلا ئۆزۇمچە سۆزلەپ قالدىم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر مومكىن بولسا ھەرقايسى ئۇستازلارنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىنى سورايمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-2 13:33:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ تەييارلاپ بەرگەن شۇ بىر دەرىسلىكىڭىز بەلكىم مىڭلىغان ئونمىڭلىغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ چىقىش يولى بولۇپ قىلىشى مومكىن ، ھىچ بولمىسا تەجىربە بىلىم بولىدۇ
ۋاقتى: 2014-3-2 13:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر سەل ئاز بولۇپ قالدى شۇنداقمۇ؟
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-3-2 13:47:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق …
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-2 13:48:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاككىر05 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 13:37
سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر سەل ئاز ...

شۇنداق  بەلكىم ئۇستازلار ئالدىراشچىلىقتا بۇ ئىشلارغا يىتىشىپ بولالمىغاندۇ
مومكىن بولسا مۇنبەرگە مەخسۇس دەرىسلىكلەر دەپ سەيىپىدىن بىر قۇرۇلسا بىلگەنلىرىمىزنى دەرىسلىك قىلىپ شۇ سەھىپىگە يوللىساق نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز پايدىلانغان بولاتى
مەن داۋاملىق كۆرۇپ كىلىۋاتقان بەتلەردىن   
http://www.51zxw.net/
http://www.xuexi111.com/jiaocheng/shipin/26275.html
يەنە نۇرغۇن تور بىكەتلەر بارئىدى ساقلىۋالماپتىمەن بۇ بەتلەردە دەرىسلىكلەر ئىنتايىن كۆپ يەنە كىلىپ ھەقسىز مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىنى ئويلايلى ئازراق بولسىمۇ كۇچ قوشايلى دىمەكچى خالاس
ۋاقتى: 2014-3-2 13:59:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت تىما بوپتۇ ھەممىمىز مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنىشىمىز كىرەك.
ۋاقتى: 2014-3-2 14:03:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
راستىمنى دىسەم نىمە دىمەكچىلىكىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم.
ئەگەر ئۈگۈنۈش ئويى بار ئادەم كەسىپدە پىشقان ئەمەلىي نەتىجىسى بارلاردىن ئۈگۈنۈش كىرەك.پەقەت دەرىستلىك سىزگە بىرەلەيدىغىنى چەكلىك نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى بىلىشكە يەنىلا يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈپ ئۈگەنگە يەتمەيدۇ.
ئەگەر ئۈگۈنۈش ئويى بارلار ئاۋۋال دەرستلىكنى ئوبدان كۆرۈڭ كۆپ مەشىق قىلىڭ ئاندىن مىخسۇس كۇرۇسلارغا بىرىڭ  مانا بۇ ئەڭ ئۈنۈنلۈك ئۇسۇل
ۋاقتى: 2014-3-2 14:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2014-3-2 15:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلەن بىللە س شارىپ ئۈگۈنىدىغانلار بارمۇ؟
گەرچە تازا پىششىق بولمىساممۇ كىچىك بولسىمۇ يۇمشاق دىتاللارنى يىزىپ چىقالايمەن!
قىززىققانلار بولسا بىللە ئۈگۈنەتتۇق،  
ياكى بىزگە كىم ئۇستاز بولۇشنى خالايدۇ؟
ۋاقتى: 2014-3-2 15:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 15:07
مەن بىلەن بىللە س شارىپ ئۈگۈنىدىغانلار بارمۇ؟
گەرچە تا ...

مەن بىللە ئۈگىنەي، مىنى قېتىۋېلىڭ، QQ 714586556
ۋاقتى: 2014-3-2 16:37:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتارلار ئاز، تەرجىمى دىتالغا كەلسەك مۇنداق تەرجىمە دىتالدىن 10مۇنبەرنى ئاختۇرسا بىرەر ئىككىسى چىقىدۇ تولىسىنىڭ يىڭى نەشىرى چىقىپۇلغان دىتاللار تېخى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-2 16:39:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 14:03
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
راستىمنى دىسەم نىمە دىمەكچىلىكىڭىز ...

مەسىلەن مۇختەر روزى ئەپەندىمنىڭ دەرىسلىكىنى كۆرگەن بولسىڭىز شۇ دەرىسلىك بويىچە ئۇگۇنۇش ئىلىپ بارسىڭىز بولدى شۇ دىتاللارنى ئىشلىتىپ كىتەلىشىڭىزدا گەپ يوق (قىززىقىشىڭىزغا باغلىق ئەمدى ، قىززىقمىسىڭىز كىنو كۆرگەندەكلا) مەخسەت پەقەت بولمىغاندىمۇ مانداق دىتالدا مانداق ئىش قىلىدۇ ، مۇنۇ دىتال مۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىكەن دىگەننى بىلىۋالسىمۇ ھىساپ شۇمۇ بىر بىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ قىرىندىشىم. مەسىلەن نۇرغۇن قىرىنداشغلىرىمىز بار كىنولاردا كۆرىۋاتقان كۆرنۇشلەرنى كومپىيوتېردا ئىشلەپتۇ يالغان دەپ يۇرىدۇ لىكىن شۇ كومپىيوتېردا قايسى دىتال ئارقىلىق قىلدى قايسى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مۇشۇ ئۇنۇمنى قاتقىلى بولىدۇ دىسە بىلمەيدۇ . ھىچ بولمىسا مۇشۇنى بولسىمۇ بىلىۋالسا دىگەندەكچۇ ئىشقىلىپ زىيىنى يوق قالغىنى توغرا قاراشتا بولغان ئۇستازلار ياخشى دەرىسلىكلەرنى ئىشلەپ تارقىتا ئىشلىگۇسى كەلمىگەنلەرنى زورلىغىلى بولمايدۇ  ‹‹ ئىللەت تۇزەلمىگىچە ، مىللەت تۇزەلمەس››
ۋاقتى: 2014-3-2 16:41:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھەممە دىتاللارنى ئۆزىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقساق كەلگۈسىمىز بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن تىخىمۇ پارلاق،  مەنمۇ ھەر قايسى دىتاللارنى ئۇيغۇرچىىغا تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللۇغۇم بار، ئەپسۇس تەرجىمە قىلىدىغان دىتاللار مەندە كەمچىل. بىلىدىغان قىرىنداشلار تور ئادىېسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار، يەنە بىر گەپ قايسىڭلاردا سسىتىما ياساش دىتالى بار؟ يەنى(ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن دىتاللارنى بىرلەشتۈرۈپ، exe. ھالەتتە ساقلايدىغان سسىتىما ) بەك لازىم ئىدى، بولسا يوللاپ بەرسەڭلار، شۇ سسىتىما ئارقىلىق ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان دىتاللىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ exeھالەتتە ساقلاپ مۇشۇ تور بەتلەرگە يوللاپ تۇرغان بولاتتىم....چچچىرىم:1505377337  2544415115
ۋاقتى: 2014-3-2 16:51:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ.كۆڭۈلدىكى  گەپلەرنى قىپسىز.رەخمەت.
ۋاقتى: 2014-3-2 17:05:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز لىكىن بۇ بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ نىمىشقا دىگەندە يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس دىگەندەك بىر ئىش ھازىرقى ۋەزىيەيتە ھەممە ئادەم پۇل تېپىشقا قۇساق بېقىشقا ئالدىراۋاتىدۇ لىكىن ئارىمىزدىكى بىر نەچچە مىللەت سۇيەر قىرىنداشلىرىمىزمۇ بۇ ئشنىڭ تۇلۇق ھودىسىدىن چىقىپ بۇلالمايدۇ ، چۇنكى ئۇلارمۇ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىمۇ ئوزى بىلەن بىللە لىكىن قىلالايدىغانلارمۇ بار بىلمىدىم ئۇلار نىمەئىش بىلەن ئالدىراشكىن ، بۇنداق قىلالايدىغانلار يەنىلا ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار مەسىلەن ھەقسىز ئەمگەك كۇچىدىن پايدىلىنىش ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە كومپىيوتۇر كەسىپلىرى بار نۇرغۇن ئۇقۇغۇچى بار مۇشۇ ئۇقۇغۇچىلار ھەقسىز ئەمگەك كۇچى بىرەر ئۇغۇچى مۇشۇ ئۇقۇغۇچىلارنى تەشكىنلەپ دەرەستىن سىرىتقى تەرجىمە گۇرۇپىسى قۇرۇپ دىتال تەرجىمە قىلىش دەرىسلىك ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ باسا تامامەن بۇلدۇ بۇئارقىلىق شۇئۇقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئوستۇرگىلى جەمىيەتكە توھپە قوشقىلى مىلەتكە توھپە قوشقىلى جۇملىدىن ئۇيغۇر كۇمپىيوتۇر چىلىقىنىڭ يەنى بىر دەرۋازىسىنى ئاشقىلى بۇلىدۇ بۇنداق ياخشى ئىشقا ئوقۇغۇچىلار مۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ شۇنىڭ بىلەن سىز دىگەن ھەقسىز دەرىسلىك ھەقسىز دىتاللارمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش