- جۇغلانما
- 436
UID3559
تىزىملاتقان2011-10-23
ئاخىرقى قېتىم2014-5-23
توردا81 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 436
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ! ياردەم قىلساڭلار، ACER Aspire 3830TG تىپلىق خاتىرە كومپىيوتىر،سىتىۋالغىلى يىرىم ئايمۇ بولمىدى.ئالغان چاغدا قاتتىق دىسكىسى تەڭ ئىككى رايونغا بۆلۈگلۈك ئىكەن.شۇ سەۋەپتىن قايتىدىن تۆت رايونغا بۆلۈپ WIN7نىڭ64بىتلىق كارخانا نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم.شۇنداق نورمال،سۈرئىتىمۇ خىلىلا تىز بولۇپ قالغان .ئارىدىن ئىككى كۈندەك ئۆتتى ،كەچ ۋاقتىدا بىردەم كىنو كۆرۈپ بولۇپ نورمال ئۆچۈرۋەتكەن. ئەتىسى قوزغاتسام پەقەت قوزغالمىدى ، رەسىمگە تۇتۇپ يوللاپ بىرەي دىسەم ئامال بولمىدى.سىستىما قوزغىلىۋاتقاندا تۆت خىل رەڭدىكى نۇر چىقىپ Windowsبەلگىسىنى ھاسىل قىلىدىغان يەرگە كىلىپلا قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ .پەقەتلا ئارقىسىغا ئۆتمىدى.WINPEغا كىرىپ Ghostقايتۇراي دىسەم قاتتىق دىسكىنى تاپالمىدى دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى.我的电脑غا كىرسەم راستىنلا قاتتىق دىسكا يوق ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ،WINPE قاچىلانغان رايونلا تۇرىدۇ. Biosقا كىرسەم قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇرى بار بولمىسا .نەچچە قىتىم WINPEغاقايتا-قايتا كىرسەم بەك تەستە قاتتىق دىسكىدىكى تۆت رايون كۆرۈندى لىكىن سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا .Ghostقايتۇرغىلىمۇ بولمىدى .قايتا رايونغا بۆلىۋىتەي دىسەممۇ بولمىدى . قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈپ ئەسلىگە قايتۇرىدىغان قورال بار ئىكەن ئۇلارمۇ كارغا كەلمىدى . بېيجىڭدىن ئەكەلدۈرگەنىدىم ،ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ ئوڭشىتىپ بولغىچە ، قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرماي ئوڭشىغىلى بوپ قالسا مۇشۇ يەردە ئوڭشىتىپ باقاي دىگەن ئىدىم .شۇ باھانىدە ئوڭشىلىپ قالسا مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق ساۋاققا ئىگە بولارمەن دىگەن ئۈمىتتە كومپىيوتىر سىتىش رىمونىت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە دۇكانغا ئەكىرىپ باقتىم.ئوڭشىيالمىدى «قاتتىق دىسكىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ »دەيدۇ.ئامال يوق ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.ئۇستازلار ئاراڭلاردا مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققانلار بارمۇ ؟ يول كۆرسەتسەڭلار!!!قاتتىق دىسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قورال بولسا ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟ تەجىربىسى بارلارنىڭ يول كۆرسىتىپ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن. |
|