- جۇغلانما
- 636
UID9492
تىزىملاتقان2012-8-20
ئاخىرقى قېتىم2015-1-11
توردا255 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 636
- ئاقچا
- 9
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تىكى بارلىق تورداشلا ياخشىمۇ سىلەر .
مەن بۈگۈن سىلەرگە سەنشىڭ gt 5830i يانفۇنىغا سىستىما قاچىلاش جەريانىمنى بىرلىكتە ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يوللاۋاتىمەن...
مەن كېريە ناھىيە لەنگەر يىزىسىدا دۇككان ئاچاتتىم،بىر يۇرىددىشىم سەنشىڭ gt5830i يانفۇنىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش جەريانىدا كىسەك بوپ قاپتۇ،تىلفۇن قۇزغۇلۇپ glays samsungدىگەن قوزغۇلۇش رەسىمى چىقىپلا يەنە قايتا قوزغۇلىدىغان بوپ قاپتۇ،،،
شۇنىڭ بىلەن ئوڭشاش ئۈچۈن مىنىڭ قىشىمغا ئەكىرگەنكەن،
مەن ئالدى بىلەن تىلفۇننىڭ ئاۋازيۇقىرلىتىش+يەنە خومې كونۇپكىسى+تىلفۇن قوزغۇتۇش كونۇپكىسىنى تەڭ بىسىپ تۇرسام، تىلفۇن ئورگان تەرەپ رومى بىلەن بىللە قاچىلانغان رېكوۋىرىيغا كېردى مەن قاتتىق خوش بولۇپ كەتتىم كۆڭلۈمدە زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرسام ئوڭشىلىدىغان بولدى ئويلۇدۇم.بىراق نەتىجە ئۇنداق بولمىدى،
زاۋۇت ئەسلى تەڭشىگىگە نورمال قايىتقان بولسىمۇ يەنىلا قوزغالمىدى،شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئالپ تورىغا كىرىپ
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىدىم.ئۇ ئەھۋالغا قارىتا كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىگەندىن كېيىن، خەنزۇچە مۇنبەرلەردىن ئىزدەپ 86مىگابايىتلىق ئورگان تەرەپنىڭ .zipشەكىلدىكى رېكوۋىرىي ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولىدىغان رومنى تاپتىم، تىلفۇننى يەنە بايانىنقى ئۇسۇل ئارقىلىق رېكوۋىرىيغا ئەكىردىم.
شۇنىڭ بىلەن سىستىما مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاندى،نورمال قوزغالدى ناھايتى خۇش بولدۇم شۇڭا بۇرومنى تورداشلارغا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دىگەن نىيەتتە ئالپ تورىغا يوللۇدۇم.
ئۇستازلار بەلكىم ئودىن ئارقىلىق يازسىلا بولمىدىمۇ دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن .بۇمۇ توغرا كىسەك بولۇپ قالغان سەنشىڭ تىلفۇنلارنى ئودىن ئارقىلىق سىستىمە قاچىلاپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ .....لىكىن بۇ كاساپەتنى
ئودىن پەقەتلا تونۇ مىدى ئورگان تورىدىن شۇ تىلفۇننىڭ تىپىغا ماس بولغان قوزغاتقۇچنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم يەنىلا تونىمىدى ئاخىرى ئامال بولماي يۇقارقى ئۇسۇلدا سىستىما قاچىلاپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم.
شۇڭا مۇشۇ مەسىلىگە يۇلۇققان تورداشلار پايدىلىنارسىلەر
نەتىجىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش
شۈنلېيدىن چۈشۈرۈش
بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
مەن توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن يەرلەر بولسام ئىنكاس ئارقىلىق تەلىم بەرگەيسىلەر(رەھمەت)
كېريە ناھىيە لەنگەر يىزىسىدىن توردىشىڭلار (پەرھات تۇرسۇن) |
|