|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارىلىق دوسلاردىن مەندىن سالام! (ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئالدىراش ئىشىمىز بولسىمۇ، ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ سالام بېرىشنى ئۇنۇتمايلى!)
تۆۋەندە سىلەرگە تېلىفۇننىڭ wifi غا ئۇلانماسلىقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى (بېشىمدىن ئۆتكەن تەجىربە) نى سۆزلەپ ئۆتەي، بەلكىم پايدىسى تېگىپ قالار.
تېلىفۇنۇم سىمسىز تورنى ئىزدەپ تاپىدۇ، لېكىن ئۇلانماس بولۇپ قېلىپ (سىمسىز تورنىڭ مەخپى نومۇرى خاتا دەپلا چىقىۋالغان، ئەمەلىيەتتە توغرا سالغان ئىدىم، بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سىمسىز تور ئىدى، تۇيۇقسىزلا شۇنداق بولۇپ قالدى، باشقا تېلىفۇنلار نورمال ئۇلىنىدۇ ئەمما) تېلىفۇننىڭ تور تەڭشىكىنى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ، روتېرنى تەڭشەپ، تېلىفۇننىڭ كىرگۈزگۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇپ...... دېگەندەك قىلىدىغان قىلغۇلۇقنىڭ ھەمىسىنى دېگۈدەك قىلىپ بېقىپ ھېچ ئامالى بولمىغاندا ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردىمىدە ئوڭشىۋالدىم، شۇڭا سىلەرنىڭمۇ پايدىلىنىپ قېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن...
ھەل قىلىش ئۇسۇلى بەكلا ئاددىي يەنى itools قاتارلىق تېلىفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق Library/Keychains نىڭ ئىچىدىكى keychain-2.db دېگەن ھۆججەتنى يۇيىۋېتىپ (زاپاسلىۋالمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى تېلىفۇن قايتا قوزغالغاندا ئۇ ھۆججەت ئۆزى پەيدا بولىدىكەن) تېلىفۇننى قايتا قوزغاتساق، سىمسىز تورنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ!
مەن پەقەت سىمسىز تورنىڭ مەخپى نومۇرى خاتا دەپ چىقىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوڭشىۋالدىم، ئەمدى سىمسىز تورنى تارتالماسلىق ياكى تۇرۇپلا ئۈزىلىپ كېتىش، سىگنال ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كەلسەك، بۇ بەلكىم تېلىفۇنغا چاپلىغان چاپلاقنىڭ ياكى يانفۇن قېپىنىڭ مەسىلىسى، يەنى تېلىفۇنغا چاپلىغان مېتال تۈرىدىكى چاپلاق، يانفۇن قاپ (باشقا تۇردىكى بولسىمۇ) قاتارلىقلارنى ئېلىۋېتىپ سىناپ باقساڭلار ياكى مەن دېگەن يۇقارقى ئۇسۇلدا سىناپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، بەلكىم پايدىسى تېگىپ قالار...
ئەمسە شۇنداق بولسۇن، يېڭى بىلىملەر بولسا ئورتاقلىشىپ تۇرايلى!
تېمىنى كۆرۈپ بولغاندا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇشارسىلەر جۇما
سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن!
مەنبە: ئەندىزە تورى |
|