- جۇغلانما
- 653
UID27584
تىزىملاتقان2013-11-18
ئاخىرقى قېتىم2015-2-19
توردا139 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 653
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كەمىنە ئۈلپەتتىن ئوتلۇق سالام !
مەقسەتكە كەلسەك ، مۇشۇ LG ماركىسىدىكى تېلفۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولۇپ قالدى ، مەندىمۇ LGe-LGku5400 تىپلىق تېلفۇندىن بىرسى بار، ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بولالماي جىق ئاۋارىچىلىك تارتىپ كەتتىم، مۇنبەرنىڭ LG تېلفۇنلارغا ئايرىلغان قىسمىغا قارىسىڭىز ھەممىسى دېگۈدەك ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان، لېكىن چۈشكەن ئېنكاسلاردا ئەسقاتقۇدەك بىلىم يا ئۇچۇر دېگەنلەر يوق دىيەرلىك، بەزىلەر تېخى ئېلجى ئۈچۈن يېزىلغان تېمىغا خۇاۋېيدىن ياردەم سوراپ ئىنكاس يېزىۋاتقان... باشقا يانفۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچە روملىرى كۈندە دېگۈدەك ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئېلجى ماركىسىدىكى شۇنچە جىق تېلفۇن ئىچىدە Su640دىن باشقا تېلفۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچە رومى بارمۇ ؟ سىلەر تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار قانداقكىن تاڭ، ئىشقىلىپ مەن كۆرۈپ بارمىدىم . تۆۋەندە ئېلجى ماركىلىق ئەقلىفۇنلاردىكى مەسىلەلەر ھەققىدە ئىككى خىل قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي.
1. مۇكەممەل ئۇيغۇرچە تونۇتۇش :
‹ئى› ھەرىپىنىڭ ئۇلانماسلىقى بۇ ماركىدىكى يانفۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان ئورتاق مەسىلە ھساپلىنىدۇ. گەرچە بىرقىسىم تورداشلىرىمىز بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەل قىلغان بولسىمۇ لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز تېخنىكا بولمىغاچقا ھەل قىلالماي يۈرمەكتە، مۇشۇ پۇرسەتتە يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە تونوتۇش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي :
ئادەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم يانفۇنلارنىڭ خەت نۇسقىللىرى ئىچىدە DroidSansXXXنامىدىكى خەت نۇسقىللىرى بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خەت نۇسقىللىرىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ LG_Arabicقىسقۇچى ئىچىگە قاچىلاپ قويۇپ چوقۇق بېرىۋەتسىڭىزلا تېلفۇنىڭىز تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدۇ دېگەن گەپ، بىراق بۇ ئۇسۇل ئېلجىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تېلفۇنلىرىغا ئىشلىمەيدۇ، چۈنكى بۇنداق ئالماشتۇرسىڭىز تېلفۇن ئۇيغۇرچە تونويدۇ، لېكىن ئى ھەرپى ئۇلاشمايدۇ ، ( ئۇلاشمىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى تورداشلار بۇرۇن ياردەم سوراپ يازغان تېمىلاردىن كۆرۈڭ ) ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ياردەم سوراپ تېما يازىمىزمۇ ؟ ياق، ئېلجى ئەمدى ياردەم سورىمايدۇ ! نېمىشقا ؟ چۈنكى سىزگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم يوق ! ئۆزىدە يوق، ئالەمدە يوق دەپتىكەن كونىلار، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز .
ئېلجى تېلفۇنلاردا ئىشلىتىلگەن فونت ئىسىملىرى باشقا ھېچقانداق يانفۇنغا ئوخشىمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە تولۇق تونىتالايدۇ دەپ داڭلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن uyghur Fontدېتاللىرى ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ دېگەن گەپ ، ئېلجىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى LG_Arabic دېگەن فونتتا، ئورگان روملىرىدىكى ئاشۇ فونتتا مەسىلە بولغاچقىلا ئۇيغۇرچە ھەممە ھەرپ نورمال، لېكىن ئى ھەرپى باشقا ھەرىپلەرگە قوشۇلماي يالغۇز ئى شەكلىدە تۇرىۋالىدۇ دېگەن گەپ، شۇڭلاشقا ئاۋۋال ئاشۇ فونتنى نورماللاشتۇرساق ئۇيغۇرچىنى ئاندىن تولۇق تونۇيدۇ.
دوستلارنى ئىككى خىل خەت نۇسقىسى بىلەن تەمىنلەي، بۇ خەت نۇسقىللىرىنىڭ ئىسمىنى LG_Arabicقىلىپ ئۆزگەرتىپ LG_Arabic ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى شۇ ناملىق خەت نۇسقىسى بىلەن ئالماشتۇرىۋەتسىڭىزلا ئى ھەرپىنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ، ھازىرغىچە سىنىغان كۆپ قىسىم روملارنىڭ خەتلىرىنى مۇشۇ ئىككى فونتنىڭ بىرسى بولمىسا بىرسى تۈزەتتى.
LG_Arabic.zip
(128.75 KB, چۈشۈرۈش سانى: 842)
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|