ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1460|ئىنكاس: 42

ئىسىڭىزدە بولسۇن، 21- فېۋرال ئانا تىل كۈنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
           ئىسىڭىزدە بولسۇن، 21- فېۋرال ئانا تىل كۈنى

   ئەسلى بىزلەرگە قۇربان ھېيىت، رۇزى ھېيىت ۋە جۈمە كۈنىدىن باشقا  بايرام- كۈنلەرنى قۇتلۇقلاش ۋە مۇبارەكلەش چەكلەنگەن. بىراق ئەتراپىمىزدىكى ئانا تىلىمىزغا بولغان يىتەرسىزلىكلەر، ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكلەر، ئانا تىلىمىزغا سەل قاراش، كەمسېتىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تىمىنى يوللىدىم ۋە بۇ تېما ئارقىلىق مۇنبەرداشلار بىلەن ئانا تىل توغۇرسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقچى، ئورتاقلاشماقچى ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمەن.
     نۆۋەتتە ،دۇنيادا 7000خىل تىل بار بولۇپ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ %96 نى ئىشلىتىدىغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ .
     بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ ،ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتتى ۋە بۇئارقىلىق ئانا تىلنى قوللىنىش ئاساسىدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى .
     شۇنىڭدىن بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى«مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «ئېنتېرنتتا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا .

    ئۇنداقتا مەزكۇر خەلقئارالىق خاتىرىلەش كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
   
    2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىش  بىنگاللىقلارنىڭ ئاناتىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
     1952-يىلى پاكستاننىڭ كونتروللىقىدىكى بىنگاللىقلار بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ ،نامايىش ئېلىپ بارىدۇ .2-ئاينىڭ 21-كۈنى پاكىستان ساقچىلىرى بىنگاللىق نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بەش نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .كېيىن بېنگال مۇستەقىل بولۇپ  ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ،بېنگال ھۆكىمىتى بۇ بەش نەپەر «تىل قۇربانلىرى» (语文烈士)ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە ئابىدىسى تىكلەپ ،خەلقنى ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئىتشىقا چاقىرىدۇ .
     1953-يىلىدىن باشلاپ بېنگال 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
     1956-يىلى پاكىستانمۇ ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېنگال تىلىنى  ئوردۇ تىلى بىلەن بىرگە ،ئورتاق ،باراۋەر ھالدا قوللىنىشقا بولىدىغان تىل سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئىتىراپنامىسى ئېلان قىلدى .
     1999-يىلى 11-ئايدا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن-تېخنىكا كومىتېتى قارار ماقۇللاپ ،200-يىلىدىن باشلاپ، ھەر2-ئاينىڭ21 -كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن.
   
     دۇنيا ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشى

     تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
     خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  مائارىپ، ئىلىم– پەن كومىتېتىنىڭ سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دېگۈدەك مائارىپ سىستېمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.
     بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم- پەن كومىتېتى ۋە غەيرىي ماددىي بايلىقلارباشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى سېمس مۇنداق دەيدۇ :
     « نۆۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن تىللار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ،تەخمىنەن ھەر ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا بىرخىل تىل يوقالماقتا ، ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن ،شۇ نەرسە ئىنىقكى  يەنە يۈزيىللاردىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت بىرقانچىلا تىللار ساقلىنىپ قالىدۇ. .ئەلۋەتتە ،بۇنداق تىللارنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش تامامەن مۇمكىن ،بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ھەرىكەت ،يېتەرلىك ئىقتىسادى قوللاش بولۇشى كېرەك .لېكىن  نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يەنىلا قېيىن مەسىلە .»
    سېمس يەنە مۇنداق كۆرسىتىدۇ :
    «يەنە ،ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،مەلۇم تىللارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن : ۋېلش تىلى ،كاتالۇناتىلى ۋە كانادادىكى ئىندىئان تىللىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.»
    دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئىناق دۇنيا قۇرايلى»دېگەن تېمىلاردا بىرقاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلماقتىكەن .
«دۇنيا ئاناتىل كۈنى» نى بىزقانداق ئۆتكۇزسەك بولىدۇ؟

     «دۇنيائاناتىل كۈنى»گە دائىر مەلۇماتلاردىن بايقىشىمچە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى«دۇنيا تىل كۈنى» قىلىپ جاكارلىغان .مېنىڭچە 2008-يىلى بىزنى ھاياجانغا سالغان «مەھمۇدكاشغەريىلى» بەلكىم شۇ نىڭ تەسىرىدە روياپقاچىققان بولىشى مۇمكىن .
     ئىلگىرى بىرمەزگىل توردا تارقىلىپ يۈرگەن«دۇنيادىكى 100چوڭ تىل» تېمىسى ئاستىدىكى بىرسانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرتىلى 98-ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىرتىل بىر مەدەنىيەتكە تەڭ .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلى تارىختا كۆرۈلمىگەن سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە،بىزئۈچۈن تەرەققىيات بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوخشاشلا مۇھىم.بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كىچەلمەيمىز.بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سىجىلىلىققائىگە ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بولىشى كېرەك .
بىز بۇ ھەقتە ھۆكىمەتتىن ئاناتىلمىزنىڭ مەۋجۈدلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە بۇ سۆيۈملۈك تىلنىڭ ۋارسلىرى بولغان قىرىنداشلارنى ئاناتىلنى چىن يۈرەكتىن سۆيۇشكەچاقىرىمىز.
     سەمىمىزدە بولسۇن :«ئاناتىل»- ئۇ ئانىمىزنىڭ تىلى .
     2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدە دوستلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:14:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياسىن. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 00:21  

قوللايمەن
ياخشى تىمىكەن مىنىڭچە بۇ كۈننى كەڭ تەشۋىق قىلساق تېخمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئاۋاز قوشسا ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:19:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەنلەر بىلۋالساق بولغىدەك. بىزنىڭ بۇ چىرايلىق تىلمىزنى قوغدايلى  ئاشۇ 100 خىل تىللارنىڭ ئارىسدا بولغانكەن پەخىرلەنسەك بۇلىدۇ. ئانا تىل كۇنى. يەنى 21 چىسلا ئوزىمىزنى  كونتىرول قىلىپ ساپ ئۇيغۇر تىلدا پاراڭلىشىپ كۆرەيلى.  چۇنكى ئۇ كۇن ئانا تىل كۇنى بولغانكىن  .ئۆز ئانا تىلىمىزدىن پەخىرلىنەيلى  .بۇرۇنقىلار قوللىنىپ كەلگەن تىل بولغانكىن. ھەم ھەممىگە تۇنۇش تىل ئۇيغۇرلارنىڭ يەنى بىزلەرنىڭ ئانا تىلىمىز بولغانكىن

باھا سۆز

ياخشى قوللايمەن  ۋاقتى: 2014-2-19 00:49
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:29:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەنمۇ ھازىر ئانا تىلىمدا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بۇلدىغان ئانا تىلمىدىكى تور بىكەتتە ئانا تىلىمدا پىكىر قىلۋاتمەن ،  بەش ئالتە تىل بىلسىمۇ يەنىلا ئانا تىلدا قىلغان ئوي - پىكىرلەرگە ھەرگىز يەتمەيدۇ، ئانا تىلمنى ئانامدەك قەدىرلەيمەن ،
ۋاقتى: 2014-2-19 00:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بۇلۇپتۇ  ئانا تىلىمىز ئۇچۇن ئورتاق كۇچ چىقارساق ياخشى بولاتتى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:33:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناتىل بايرىمدا ئاناتىل ھۇزىرنى سۈرەلمەيۋاتقات ئقتىزاتى تۈپەيلى ئەرزان باھالىق زاپەر ئاندىروت ئشلىتۋاتقان دوسلىرمىزنڭ ئاناتىل ھۇزۇرى نى سۈرۈش ئارزۇيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كەڭ ئالىپ تورىدىكى دىتال ياسايدىغان دوسلانىڭ زاپەرگە ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىدىن پەقەت بىرنى ياساپ بىرشىنى ئۈتىنمەن
ۋاقتى: 2014-2-19 00:34:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن  شۇڭا ھەممەيلەن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:43:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا پايدىسى بولغۇدەك ، مىنىڭچە بۇ كۈندە بىز ئىمكان بار ساپ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلاشساق ، ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرساق دەيمەن . سىلەرچە قانداق؟
ۋاقتى: 2014-2-19 00:45:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق:للايمەن)
ۋاقتى: 2014-2-19 00:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇر ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ ماۋۇ دېتالنى تۈزگەن ئىدىم  
بۇنۇڭ سانلىق مەلۇمات ئامبرى Access سانلىق مەلۇمات ئامبرى ئىدى ئەگەر بىرەسىڭلار ئاپتوماتىڭ Access سانلىق مەلۇمات ئامبرنى DB  سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئۆزگەرتەلسەڭلار ياكى ئۇسسۇلنى ماڭا دەپ بەرسەڭلا بۇ يىل ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ بۇ دېتالنىڭ ئاندرويد نۇسخسنى ياساپ باقاتتىم
011.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-19 00:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mmexport1392741349338.jpg بىزنىڭ ئانا تىلىمىز نەقەدەر گۈزەل - ھە !!!

باھا سۆز

ىنتايىن ياخشى بوپتۇ  ۋاقتى: 2014-2-19 16:30
ۋاقتى: 2014-2-19 00:52:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل.   ئانامنىڭ تىلى
ۋاقتى: 2014-2-19 00:58:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ياخشى تىمايوللاپسىز، ھەقىقەتەن بۇ ھەربىر ئۇيغۇر
نەسلى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك
مەسىلە ئىكەن،رەھمەت
ۋاقتى: 2014-2-19 01:06:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..ئالىپتىكى دوسلار.ياخشى تۇرۋاتامسىلەر..  مىنىڭچە بولسا ئاشۇنداق يا ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە  پاراڭلاشماي يۈرگەنلەرگە كۈپرەك تەشۋىق قىلساق دەيمەن.  بولۇپمۇ مەن شەخسەن ئۆز تىلنى بۇزۇپ باشقا تىللارنى ئارلاشتۇرۇپ.  ‍.. خەنزۇمىكى دىسە ئۇيغۇرغا ئوخشاۋاتقان ئۇيغۇرمىكى دىسە خەنزۇغا ھىچ تىلنى بىلگىلى بولمايدىغان. ئەھۋاللار بەكلا جىقيىپ كىتىپتۇ.  .خۇددى سۈپسۈزۈك  ئاسمانغا قارا بۇلۇت كىلىپ مۆلدۈر ياغقانغا ئوخشاشلا....زىمىندىكى يۇمران مايسىلارنى نابۇت قىلغانغا ئۇخشاش ..ئانا تىلمىز ئەنە شۇ ..تىل داشقاللىرى نابۇت قىلماقتا...بۇھەقتە سۆزلىسەم. بەكلا كۆپ دىگەنسىرى ئادەمنىڭ.  ئەنە شۇ تىل داشقاللىرنىڭ قارننى يىرىپ. داشقال تىللارنى يۇقتىپ ئۆز ئانا تىلمىزنى ئۇلارنىڭ ئۆلگىچە ئالالمايدىغان يىرگە سەپ قويغىم كەپ كىتدۇ....سىلەر قانداق مەن بىلمەيمەن. لىكىن مەن ئانا تىلىمنى جىنىمدىن ئەزىز بىلمەن....ئاللاھ ھەممزنىڭ ئىشغا ئاسانلىق بەرسۇن  ..ئامىن.!
ۋاقتى: 2014-2-19 01:13:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم    ئانا تىلىم  ئانامنىڭ دادامنىڭ. چوڭ دادامنىڭ. چۇڭ بۇۋامنىڭ .............قىسقىچە ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلى...ھەي ئانا تىلىم قەدىرلىك كەسكىن ..تىلسەن ..سىنى قەدىرلىمگەن ئۇيغۇرۇم سىنىڭ كەسكىن قارارىڭدىن قۇتىلالمايدۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش