ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1669|ئىنكاس: 42
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىسىڭىزدە بولسۇن، 21- فېۋرال ئانا تىل كۈنى

25

تېما

243

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1930
ئاقچا
0
QQ
           ئىسىڭىزدە بولسۇن، 21- فېۋرال ئانا تىل كۈنى

   ئەسلى بىزلەرگە قۇربان ھېيىت، رۇزى ھېيىت ۋە جۈمە كۈنىدىن باشقا  بايرام- كۈنلەرنى قۇتلۇقلاش ۋە مۇبارەكلەش چەكلەنگەن. بىراق ئەتراپىمىزدىكى ئانا تىلىمىزغا بولغان يىتەرسىزلىكلەر، ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكلەر، ئانا تىلىمىزغا سەل قاراش، كەمسېتىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تىمىنى يوللىدىم ۋە بۇ تېما ئارقىلىق مۇنبەرداشلار بىلەن ئانا تىل توغۇرسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقچى، ئورتاقلاشماقچى ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمەن.
     نۆۋەتتە ،دۇنيادا 7000خىل تىل بار بولۇپ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ %96 نى ئىشلىتىدىغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ .
     بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ ،ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتتى ۋە بۇئارقىلىق ئانا تىلنى قوللىنىش ئاساسىدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى .
     شۇنىڭدىن بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى«مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «ئېنتېرنتتا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا .

    ئۇنداقتا مەزكۇر خەلقئارالىق خاتىرىلەش كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
   
    2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىش  بىنگاللىقلارنىڭ ئاناتىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
     1952-يىلى پاكستاننىڭ كونتروللىقىدىكى بىنگاللىقلار بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ ،نامايىش ئېلىپ بارىدۇ .2-ئاينىڭ 21-كۈنى پاكىستان ساقچىلىرى بىنگاللىق نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بەش نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .كېيىن بېنگال مۇستەقىل بولۇپ  ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ،بېنگال ھۆكىمىتى بۇ بەش نەپەر «تىل قۇربانلىرى» (语文烈士)ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە ئابىدىسى تىكلەپ ،خەلقنى ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئىتشىقا چاقىرىدۇ .
     1953-يىلىدىن باشلاپ بېنگال 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
     1956-يىلى پاكىستانمۇ ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېنگال تىلىنى  ئوردۇ تىلى بىلەن بىرگە ،ئورتاق ،باراۋەر ھالدا قوللىنىشقا بولىدىغان تىل سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئىتىراپنامىسى ئېلان قىلدى .
     1999-يىلى 11-ئايدا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن-تېخنىكا كومىتېتى قارار ماقۇللاپ ،200-يىلىدىن باشلاپ، ھەر2-ئاينىڭ21 -كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن.
   
     دۇنيا ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشى

     تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
     خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  مائارىپ، ئىلىم– پەن كومىتېتىنىڭ سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دېگۈدەك مائارىپ سىستېمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.
     بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم- پەن كومىتېتى ۋە غەيرىي ماددىي بايلىقلارباشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى سېمس مۇنداق دەيدۇ :
     « نۆۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن تىللار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ،تەخمىنەن ھەر ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا بىرخىل تىل يوقالماقتا ، ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن ،شۇ نەرسە ئىنىقكى  يەنە يۈزيىللاردىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت بىرقانچىلا تىللار ساقلىنىپ قالىدۇ. .ئەلۋەتتە ،بۇنداق تىللارنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش تامامەن مۇمكىن ،بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ھەرىكەت ،يېتەرلىك ئىقتىسادى قوللاش بولۇشى كېرەك .لېكىن  نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يەنىلا قېيىن مەسىلە .»
    سېمس يەنە مۇنداق كۆرسىتىدۇ :
    «يەنە ،ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،مەلۇم تىللارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن : ۋېلش تىلى ،كاتالۇناتىلى ۋە كانادادىكى ئىندىئان تىللىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.»
    دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئىناق دۇنيا قۇرايلى»دېگەن تېمىلاردا بىرقاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلماقتىكەن .
«دۇنيا ئاناتىل كۈنى» نى بىزقانداق ئۆتكۇزسەك بولىدۇ؟

     «دۇنيائاناتىل كۈنى»گە دائىر مەلۇماتلاردىن بايقىشىمچە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى«دۇنيا تىل كۈنى» قىلىپ جاكارلىغان .مېنىڭچە 2008-يىلى بىزنى ھاياجانغا سالغان «مەھمۇدكاشغەريىلى» بەلكىم شۇ نىڭ تەسىرىدە روياپقاچىققان بولىشى مۇمكىن .
     ئىلگىرى بىرمەزگىل توردا تارقىلىپ يۈرگەن«دۇنيادىكى 100چوڭ تىل» تېمىسى ئاستىدىكى بىرسانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرتىلى 98-ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىرتىل بىر مەدەنىيەتكە تەڭ .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلى تارىختا كۆرۈلمىگەن سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە،بىزئۈچۈن تەرەققىيات بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوخشاشلا مۇھىم.بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كىچەلمەيمىز.بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سىجىلىلىققائىگە ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بولىشى كېرەك .
بىز بۇ ھەقتە ھۆكىمەتتىن ئاناتىلمىزنىڭ مەۋجۈدلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە بۇ سۆيۈملۈك تىلنىڭ ۋارسلىرى بولغان قىرىنداشلارنى ئاناتىلنى چىن يۈرەكتىن سۆيۇشكەچاقىرىمىز.
     سەمىمىزدە بولسۇن :«ئاناتىل»- ئۇ ئانىمىزنىڭ تىلى .
     2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدە دوستلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .

1

تېما

176

يازما

324

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1366
ئاقچا
0
ياسىن. ۋاقتى: 2014-2-19 00:14:15 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياسىن. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 00:21  

قوللايمەن
ياخشى تىمىكەن مىنىڭچە بۇ كۈننى كەڭ تەشۋىق قىلساق تېخمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئاۋاز قوشسا ياخشى بۇلاتتى

0

تېما

6

يازما

30

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
70
ئاقچا
0
uy6 ۋاقتى: 2014-2-19 00:19:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەنلەر بىلۋالساق بولغىدەك. بىزنىڭ بۇ چىرايلىق تىلمىزنى قوغدايلى  ئاشۇ 100 خىل تىللارنىڭ ئارىسدا بولغانكەن پەخىرلەنسەك بۇلىدۇ. ئانا تىل كۇنى. يەنى 21 چىسلا ئوزىمىزنى  كونتىرول قىلىپ ساپ ئۇيغۇر تىلدا پاراڭلىشىپ كۆرەيلى.  چۇنكى ئۇ كۇن ئانا تىل كۇنى بولغانكىن  .ئۆز ئانا تىلىمىزدىن پەخىرلىنەيلى  .بۇرۇنقىلار قوللىنىپ كەلگەن تىل بولغانكىن. ھەم ھەممىگە تۇنۇش تىل ئۇيغۇرلارنىڭ يەنى بىزلەرنىڭ ئانا تىلىمىز بولغانكىن来自: Android客户端

باھا سۆز

ياخشى قوللايمەن  ۋاقتى: 2014-2-19 00:49

11

تېما

390

يازما

597

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2410
ئاقچا
10
QQ
bayawat ۋاقتى: 2014-2-19 00:29:49 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەنمۇ ھازىر ئانا تىلىمدا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بۇلدىغان ئانا تىلمىدىكى تور بىكەتتە ئانا تىلىمدا پىكىر قىلۋاتمەن ،  بەش ئالتە تىل بىلسىمۇ يەنىلا ئانا تىلدا قىلغان ئوي - پىكىرلەرگە ھەرگىز يەتمەيدۇ، ئانا تىلمنى ئانامدەك قەدىرلەيمەن ،来自: Android客户端
بۇ ھايات بۈگۈنگە قەدەم قويدى،  

1

تېما

89

يازما

428

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1393
ئاقچا
1
ayziba ۋاقتى: 2014-2-19 00:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بۇلۇپتۇ  ئانا تىلىمىز ئۇچۇن ئورتاق كۇچ چىقارساق ياخشى بولاتتى

0

تېما

125

يازما

88

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
0
dulan0998 ۋاقتى: 2014-2-19 00:33:03 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناتىل بايرىمدا ئاناتىل ھۇزىرنى سۈرەلمەيۋاتقات ئقتىزاتى تۈپەيلى ئەرزان باھالىق زاپەر ئاندىروت ئشلىتۋاتقان دوسلىرمىزنڭ ئاناتىل ھۇزۇرى نى سۈرۈش ئارزۇيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كەڭ ئالىپ تورىدىكى دىتال ياسايدىغان دوسلانىڭ زاپەرگە ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىدىن پەقەت بىرنى ياساپ بىرشىنى ئۈتىنمەن来自: Android客户端

0

تېما

34

يازما

54

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
407
ئاقچا
0
توقماق ۋاقتى: 2014-2-19 00:34:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن  شۇڭا ھەممەيلەن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

1

تېما

23

يازما

117

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
309
ئاقچا
0
بىرلەش ۋاقتى: 2014-2-19 00:43:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا پايدىسى بولغۇدەك ، مىنىڭچە بۇ كۈندە بىز ئىمكان بار ساپ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلاشساق ، ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرساق دەيمەن . سىلەرچە قانداق؟来自: Android客户端

0

تېما

75

يازما

200

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
727
ئاقچا
1
QQ
RRR-3 ۋاقتى: 2014-2-19 00:45:05 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق:للايمەن)

4

تېما

160

يازما

775

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2613
ئاقچا
1
ئەھمەد ۋاقتى: 2014-2-19 00:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇر ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ ماۋۇ دېتالنى تۈزگەن ئىدىم  
بۇنۇڭ سانلىق مەلۇمات ئامبرى Access سانلىق مەلۇمات ئامبرى ئىدى ئەگەر بىرەسىڭلار ئاپتوماتىڭ Access سانلىق مەلۇمات ئامبرنى DB  سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئۆزگەرتەلسەڭلار ياكى ئۇسسۇلنى ماڭا دەپ بەرسەڭلا بۇ يىل ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ بۇ دېتالنىڭ ئاندرويد نۇسخسنى ياساپ باقاتتىم
011.jpg

25

تېما

243

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1930
ئاقچا
0
QQ
ئويغان1  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-19 00:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mmexport1392741349338.jpg بىزنىڭ ئانا تىلىمىز نەقەدەر گۈزەل - ھە !!!

باھا سۆز

ىنتايىن ياخشى بوپتۇ  ۋاقتى: 2014-2-19 16:30

0

تېما

113

يازما

247

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
978
ئاقچا
0
QQ
TAXNA... ۋاقتى: 2014-2-19 00:52:59 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل.   ئانامنىڭ تىلى

2

تېما

288

يازما

229

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
943
ئاقچا
0
ئەسسالام ۋاقتى: 2014-2-19 00:58:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ياخشى تىمايوللاپسىز، ھەقىقەتەن بۇ ھەربىر ئۇيغۇر
نەسلى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك
مەسىلە ئىكەن،رەھمەت来自: Android客户端

0

تېما

82

يازما

61

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
207
ئاقچا
0
yingsar520 ۋاقتى: 2014-2-19 01:06:38 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..ئالىپتىكى دوسلار.ياخشى تۇرۋاتامسىلەر..  مىنىڭچە بولسا ئاشۇنداق يا ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە  پاراڭلاشماي يۈرگەنلەرگە كۈپرەك تەشۋىق قىلساق دەيمەن.  بولۇپمۇ مەن شەخسەن ئۆز تىلنى بۇزۇپ باشقا تىللارنى ئارلاشتۇرۇپ.  ‍.. خەنزۇمىكى دىسە ئۇيغۇرغا ئوخشاۋاتقان ئۇيغۇرمىكى دىسە خەنزۇغا ھىچ تىلنى بىلگىلى بولمايدىغان. ئەھۋاللار بەكلا جىقيىپ كىتىپتۇ.  .خۇددى سۈپسۈزۈك  ئاسمانغا قارا بۇلۇت كىلىپ مۆلدۈر ياغقانغا ئوخشاشلا....زىمىندىكى يۇمران مايسىلارنى نابۇت قىلغانغا ئۇخشاش ..ئانا تىلمىز ئەنە شۇ ..تىل داشقاللىرى نابۇت قىلماقتا...بۇھەقتە سۆزلىسەم. بەكلا كۆپ دىگەنسىرى ئادەمنىڭ.  ئەنە شۇ تىل داشقاللىرنىڭ قارننى يىرىپ. داشقال تىللارنى يۇقتىپ ئۆز ئانا تىلمىزنى ئۇلارنىڭ ئۆلگىچە ئالالمايدىغان يىرگە سەپ قويغىم كەپ كىتدۇ....سىلەر قانداق مەن بىلمەيمەن. لىكىن مەن ئانا تىلىمنى جىنىمدىن ئەزىز بىلمەن....ئاللاھ ھەممزنىڭ ئىشغا ئاسانلىق بەرسۇن  ..ئامىن.!来自: Android客户端

0

تېما

82

يازما

61

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
207
ئاقچا
0
yingsar520 ۋاقتى: 2014-2-19 01:13:36 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم    ئانا تىلىم  ئانامنىڭ دادامنىڭ. چوڭ دادامنىڭ. چۇڭ بۇۋامنىڭ .............قىسقىچە ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلى...ھەي ئانا تىلىم قەدىرلىك كەسكىن ..تىلسەن ..سىنى قەدىرلىمگەن ئۇيغۇرۇم سىنىڭ كەسكىن قارارىڭدىن قۇتىلالمايدۇ....来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش