ئۆتكەندە دوسلاردىن مۇشۇ تېلفۇننى ئېلىش توغرىلىق مەسلىھەت سوراپ بىر تېما يازغانتىم، بۇ تېلفۇننى ئىشلىتىۋاتقانلار يوقمۇ بىلمىدىم تۈزۈكرەك بىرە مەسلىھەتمۇ چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن خەنلەرنىڭ مۇشۇ تېلفۇن ئېلىش توغرىلىق مەسلىھەتلىشىپ تەجىربە ئالماشتۇرىدىغان بىر چ چ توپى باكەن شۇنىڭغا كىرىپ، شۇلاردىن مەسلىھەت سوراپ يۈرۈپ، شۇ توپتىكى بىرىدىن مۇشۇ تېلفۇننى ئالدىم. ئۇ تېلفۇننىڭ ئامېرىكىدىن يېڭىلا ئەكەلدۈرگەنلىكىنى، ئەگەر قېپىنى ئېچىپ قالغان بولسا ياندۇرۇپ بەرسەم بولىدىغانلىقىنى دىدى، ھەم گوگىلنىڭ مال ئەۋەتىش تالونى، مال زاكاز قىلىش تالونى دىگەندەكلەرنى كۆرسىتىپ قويدى. مەنمۇ تەۋەككۈل قىلىپ ئېلىۋەتتىم. ئالغىنىم ئامىرىكا نۇسخىسى، يەنى d820، قارا رەڭلىك، 16g لىقى. بۇ تېلفۇن ئىككى خىلكەن، بىرسى مەن ئالغان مۇشۇ ئامىرىكا نۇسخىسى يەنى d820 ، يەنە بىرسى خەلقارالىق نۇسخا يەنى d821. ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئامېرىكا نۇسخىسى تېلېگىراف(CDMA 2G,3G)،كۆچمە خەۋەرلىشىش(4G,GSM 2G)، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ( 4G,2G,3G)تورلىرىنى قوللايدۇ، خەلقارالىق نۇسخا تېلېگىرافنىڭ تورىنى قوللىمايدۇ، باشقا ھەممە نەرسىسى ئوخشاش. مال ساق بىر ھەپتىدە قولۇمغا تەگدى.
بۈگۈن بۇ تېلفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلىمۇ ئىككى كۈن بوپتۇ، ئەمدى دوسلار بىلەن تەسىراتىمنى قىسقىچە ئورتاقلىشاي، بۇ تېلفۇننى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان دوسلارغا ئاز-تولا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تېلفۇن ھەقىقەتەن كۆركەم، سىپتا ئىشلىنىپتۇ. سۈرئەتمۇ ئالامەت تېز، ھەرقانداق نەرسە ئەپ بېسىپ بولغىچىلا ئېچىلىدىكەن. تېلفۇننىڭ ئېكرانى بەش دىيوم بولغىنى بىلەن، تېلفۇننى بەك چوڭ دىگىلىمۇ بولمايدىكەن، ئۆزى شۇنداق يىنىك، ئىكرانمۇ شۇنداق سۈزۈك، ئىشقىلىپ مەن شۇنداق رازى بولدۇم. بىر بولمايدىغان يېرى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2g تور مۇھىتىدا سىگىنال تازا مۇقىم ئەمەسكەن. شەھەر ئىچى دىگەندەك سېگىنال مۇقىم، كۈچلۈك جايلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق، چەت، يىراق جايلاردا سىگىنال بىردەم بار، بىردەم يوق. خەنلەرنىڭ مۇنبىرىدە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىلىرىدا بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن يوق دىيىلىپتۇ. كىلەركى قېتىم سېستىما يېڭىلانغاندا بەلكىم بۇ ئەھۋالمۇ ئوڭشىلپ كېتەر، ئالماقچى بولغانلار مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلارسىلەر.
ئەمدى ئۇيغۇرچە قوللاش مەسىلىسىگە كەلسەك، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھاجەتسىز بولۇپ، ئىنتايىن نورمال. تۆۋەندىكىلىرى تېلفۇندىن تۇتقان سۈرەتلەر.
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىغان بىلكان كۆپ تىللىق لوغىتى3.2 بىلەن ئىدىقۇت كىتاب ئوقۇغۇچىسى2.0 بۇ 4.4.2 سېستىمىدا نورمال ئەمەسكەن. بىلكان لوغىتىنى گوگىلنىڭ ئەپ بازىرىدىلا سېستىما بىلەن ماس كەلمەيدۇ دەپ ئەسكەرتىش بېرىدىكەن.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي، دوسلارنىڭ باشقا سۇئاللىرى بولسا بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياسىغان ئەپلىرىڭلارنى ئەڭ يېڭى نەشىردىكى سېستىمىدا سىناپ باقماقچى بولساڭلار مەن سىنىشىپ بېرىمەن.
|