ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1306|ئىنكاس: 18
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduino غا ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلار(1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

173

يازما

2889

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
6566
ئاقچا
153
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 11:02  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئالدىنقى تېمام «Arduino-توردىن كېرەكلىك ماتىرىياللارنى سېتىۋىلىش»تا كۆپچىلىككە ئاردىينۇنىڭ مۇناسېۋەتلىك سەزگۈچلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدىغانلىقىمنى ئىيىتقانىدىم.بۈگۈن بۇ تېمام ئارقىلىق ئازىراق بولسىمۇ ئاردىينونىڭ قوشۇمچە سەزگۈچلىرى توغرىسىدا تۈرلۈك قۇرۇلما تەسەۋۋۇرلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنچە بىرىشنى توغرا تاپتىم،قېرىنداشلىرىمىز توردىن مۇناسېۋەتلىك دىتاللارنى سېتىۋالغاندا پايدىلانغاي(سەزگۈچ نامى،قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلدىغانلىقىنىلا ئوتتۇرىغا قويدۇم،ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن قالغان تەپسىلى پارامېتىرلارنى كىيىنگە قالدۇردۇم،ئەمەلى تەجرىبە تېمىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويارمەن).بۇلارنىڭ كۆپىنچىسنى مەن توردىن يىغىپ توپلىغان،بەزىلىرىنى ئۆزۈم تەجرىبە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن،لىكىن بۇلار بىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىمىزنى قوزغايدۇ،ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.بەزى قۇرۇلمىلار ئاساسىدا يەنە باشقا بىر قۇرۇلمىنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ،شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم:
1.نەمىلىك سىزىش مودىلى
T23VLeXoXaXXXXXXXX_!!140956032.jpg
بۇ سەزگۈچ تۇپراقنىڭ نەملىكىنى سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،ئاپتۇماتىك سۇغۇرۇش ئۈسكۈنسى(گۈللەرنى،دەل-دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش) ياساشتا قوللىنىشقا بولىدۇ.تۆۋەندىكىدەك:
T2f2KEXoBaXXXXXXXX_!!13560478.jpg
08-11-26-84.jpg
2.RFID كارتا ئوقۇش مودىلى
T2Pw3HXaJaXXXXXXXX_!!140956032_jpg_310x310.jpg
بۇ خىل كارتا ئوقۇش مودىلى سىلەرگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك،يەنى ئاپتۇبوسقا چىققاندىكى سىمسىز پۇل تۆلەش(بىلەت سېتىۋىلىشنى دىمەكچى)،مىھمانخانىلاردىكى ياتاق ئىشكىنى كارتا ئارقىلىق ئېچىش دىگەندەك نۇرغۇن جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ.ھەربىر كارتىنىڭ ID نۇمىرى بار بولۇپ،ئوخشاش بولمىغان ID نۇمىرى ئارقىلىق يوقلىما قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ.مىسال سۈپتىدە تۆۋەندىكى ئىشىكىنى RFID كارتىسى ئارقىلىق ئېچىش تەجرىبىسنىڭ رەسىمى كۆرىستىلىدى.
07-27-32-17.jpg
07-10-52-75.jpg
بۇ تەجرىبىگە ئالاقىدار ئەسلى تېمىنى (بارلىق ياساش جەرىيانى،ئەسلى كودى چۈشەندۈرۈلگەن) كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
بۇنىڭدىن باشقا بۇ كارتا مودىلى ئارقىلىق ئامراق ماشىنىمىزنىڭ ئىشكىنى ياكى ئۆيىمىزنىڭ ئىشكىنى سىمسىز ئىچىش قۇرۇلمىسىنىمۇ ياساپ چىقىشقا بولىدۇ.
3. كۆكچېش مودىلى
بۇ مودىل توغرىسىدا ئىلگىركى تىمامدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەنىدىم،«مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىمدىمۇ چۈشەنچە بىرىلگەن،مىنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان تەسەۋۋۇرۇم شۇكى كۆكچىش ئارقىلىق ئىشىكنى ئېچىش(ماشىنا ئىشكىمۇ بار)،كۆكچىش ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون ئۈسكۈنلىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ،(بۇ خىل قۇرۇلمىدا كۆكچىشتىن باشقا رىلى مودىلىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ)
مۇناسېۋەتلىك رەسىم: كۆكچىش ئارقىلىق ئىشىك ئىچىش قۇرۇلمىسى
58840471deeb9cd55e039ea0.jpg
بۇ تەجرىبىگە ئالاقىدار ئەسلى تېمىنى (بارلىق ياساش جەرىيانى،ئەسلى كودى چۈشەندۈرۈلگەن) كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
4. ئۇلتېرا ئاۋاز دولقۇنلۇق سەزگۈچ مودىلى
بۇ جەھەتتە ئالدىنقى تېمام «Arduino-ئۇلتېرا ئاۋاز دولقۇنلۇق مېتىر» گە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.
5. گاز سىزىش مودىلى
T1GgkIFoVbXXXXXXXX_!!0-item_pic_jpg_310x310.jpg
بۇ گاز سىزىش مودىلى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تەبئى گاز،سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىقلارنى سىزىش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ،گاز چىقىپ كىتىشتىن مەلۇمات بىرىش قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ياساشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.(ئەمەلى مىساللىرى كىيىنگە قالدۇرۇلدى)
6. Arduinoدىن پايدىلىنىپ ياسالغان باشقا قۇرۇلمىلار:
ئاپتۇماتىك دوسكا ئۆچۈرگۈچ
144237uxgc3z6oj4xgecx8.jpg
ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا
T2EHp9XCFXXXXXXXXX_!!813509703.jpg
سۈرئەتنى wifi ئارقىلىق يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە  ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا
T2wHO1XbBXXXXXXXXX_!!79797075111.jpg
مىخاينىكىلىق بىلەك
T2xFeXXDRaXXXXXXXX-94851079.jpg
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن تېمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي،مەن Arduino مۇتەخەسىسى ئەمەس،بەلكى مەنمۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش بىر ئۈگەنگۈچى خالاس،شۇڭا كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتى بولسا Arduino توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى قانداق ئىجادىي تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشنى،ياخشى تەجرىبىلىرى بولسا تېما شەكىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
Arduino توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالىپ تورىدىكى «ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش» دىگەن سەھىپىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىشنى ياكى «مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىمنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى،قىممەتلىك بىلىملىرىنى،تەجرىبىلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى ھۇتنىڭ 13-كۈنى يېزىلىدى
سەمىمي ئەسكەرتىش: بۇ تېما مەخسۇس Arduino  ئۈچۈن يېزىلدى،شۇڭا باشقا جەھەتتىن ياردەم سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىنىڭ ياردەم سەھىپىسگە ياكى مۇناسېپ ھالدىكى باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ئىلان ۋە ياردەم خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازىماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
sada425 + 20 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

69

يازما

151

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
426
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 11:06:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مىللىتىمىز دىن مۇشۇساھەدە تىخىمۇ كۆپ تالانىتلىق كىشىلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

0

تېما

17

يازما

55

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
229
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 11:32:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىقەتەن قالتىسكەن
جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

123

يازما

120

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
902
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-2-13 12:05:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intizar.2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 12:07  

مەنمۇ قېززىقىپ قالدىم ، ئەمما مەن ئانا تىلىم دىن باشقىنى بىلمەيدىغان گاچا .يەنە مىنىڭ ئاتا ئانام مىنىڭ مۇنداق ئىشلارنى قىلىشىمغا يول قويمايدۇ .

25

تېما

563

يازما

734

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2771
ئاقچا
15
ۋاقتى: 2014-2-13 12:26:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىممەتلىك يازما، بۇنداق تېمىلار ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدە يوق دىيەرلىك…
ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئادەم بولۇش شەرىت!

5

تېما

168

يازما

179

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
757
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-2-13 12:26:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ھەقەقەتەن قالتىسكەنغۇ!!! ئىلىكتىر چەۋەنداز سىز بۇلارنىڭ كوپىنچىسىنى قىپ سىناپ باققان شۇنداقمۇ?  
ياش-ئۈسمۈرلەرگە مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەر كوپرەك تۇنۇشتۇرساق بولغۇدەك.

10

تېما

841

يازما

346

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2224
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-2-13 12:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تېرىشىڭ  . قالتىس ئىشكەن   . مەنمۇ قىزىقتىم  ،بۇ ھەقدە ئىزدىنىپ كۆرەي  

7

تېما

128

يازما

220

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
636
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 13:24:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللاھ قېرىندىشىم

4

تېما

146

يازما

173

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
647
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 13:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن Arduino غا بارغانسىرى قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. ئەسىلىدە كىچىككىنە توك يولى تاختىسى بىلەن خېلى جېق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەنغۇ... تېما ئىگىسى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
باشقۇرغۇچىلار نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك تېمىكەن...

بۇنىڭ كودىنى قانداق يازىدۇ؟ بۇنىڭمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرى بارمۇ؟

0

تېما

35

يازما

96

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
392
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-2-13 14:35:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز

1

تېما

60

يازما

252

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
793
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-2-13 14:36:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قرىندىشىم ،داۋاملىق تىرشىڭ .ئاللاھ سىزنىڭ مۇشۇ ساھادە ئۇتۇق قازىنىشقا نىسىپ قىلسۇن.

2

تېما

110

يازما

283

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
989
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 14:56:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى يۇقۇردىكى ئۆسۈملۈك سۇغۇرۇش ئۈسكۈنىسىگە قىزىقىپ قالدىم بۇنى يېزا ئىگىلىكىگە بۇلۇپمۇ تېمىتىپ سۇغۇرۇشقا بەك ماس كىلدىكەن،مىنى چچ غا قېتىڭە1140191196

26

تېما

173

يازما

2889

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
6566
ئاقچا
153
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-13 17:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! نېمىنى چۈشىنەلمىدىڭىز؟ سىزمۇ سۇئالنى ئېنىقراق ئوتتۇرىغا قويمامسىز؟ تېما ئاخىردىكى كۆك رەڭدە بويالغان جاينى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرمىگەن بولسىڭىز تېمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ.

بۇنىڭ كودىنى قانداق يازىدۇ؟ بۇنىڭمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرى بارمۇ؟

كود توغرىسىدا «مەن Arduinoغا ئاشىق[url]/thread-24810-1-1.html[/url]» ناملىق كىتابىمنىڭ قوشۇمچە بابىدا چۈشەنچە بىرىلگەن ناۋادا قولىڭىزدا بۇ كىتاب بولمىسا بىرنى سېتىۋىلىپ كۆرۈپ بىقىڭ،بۇنىڭدىن باشقا داۋاملىق ھالدا ئالىپ تورىدىكى يازمىلىرىمغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

8

تېما

79

يازما

506

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1398
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-2-13 18:50:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلگىلىك بىلىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلار بولغاندا ئاندىن يېڭى نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بولسا مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يېڭى بىر تۈر ئوتتۇرغا قويۇپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ باقساق بولىدۇ. رەھمەت قېرىندىشىم. تىمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن.

0

تېما

57

يازما

138

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
392
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-2-13 19:15:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي،
مەن تىمىلىرىڭىز غابارغانسىرى قىزىقىپ قىلۋاتىمەن.
رەھمەت سىزگە،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش