ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ،ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن.
كەمىنە مۇستاپادىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
مانا خېلە ۋاقىتلار ئۈتۈپتۇ ، ئالىپ تورىدىن ئۆگەنگەنلىرىممۇ ئاز ئەمەس ، نۇرغۇن مەسىللەرنى ئۇشبۇ مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ياردەمگە ئېرىشتىم ئەمما باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىمۇ ئويلۇدۇم ، ئەمما يانفۇن بىلىملىرى جەھەتتە بىلىدىغانلىرىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمىغان ئىدىم ، مانا ئەمدى مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ئاز تولا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىشلىتىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق ئۇستازلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ..
نەق گەپكە كەلسەك ، تور ئارلاۋېتىپ بىر دېتالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، بەلكىم بىلىدىغانلار بار بۇلىشى مۇمكىن ، دېتال ئىسمى APK改之理 ، بۇ دېتالنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى باركەن دېگەندە ، بۇ دېتال ApkTool,Dex2jar,JD-GUI,JAD,Skin#,SharpDevelop قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلۇپ ، ھەرقانداق بىر ئەپنى يىشىش، بولاقلاش،ئىمزا قۇيۇش ، تەھرىر-تەرجىمە قىلىش مەشغۇلاتى قىلغىلى بۇلىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ApkTool دا يىشىلگەن ئەپنى تەھرىرلىگەندە ھۆججەت خالتىلىرىنى تولا ئېچىپ بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ(شەخسى كۆزقاراش) بۇ دېتالدا يىشىلگەن ئەپنى دېتالنىڭ ئۆزىدى تۇرۇپ تەھرىرلىيەلەيسىز.
مەن بۇ دېتالنىڭ تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىپ دېتال ئىچىگە قۇشۇپ قويدۇم، دېتالنى ئاچقاندىن كىيىن تىل تاللاش رايۇنىدىن «
ئۇيغۇر»دېگەننى تالىسىڭىز دېتال تىلى ئۇيغۇرچە بۇلىدۇ .
قېنى ئەمسە دېتال كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقايلى..
دېتال تىل تاللاش كۆزنىكى
تەرجىمە قىلىش كۆزنىكى
CMDئىجرا كۆزنىكى
خېلى قولايلىقتەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟؟
بۇ يەردە يەنە بىر كىچىككىنە مەسىلە مەۋجۇت يەنى تۆۋەندىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان خەتنى كۆردىڭىزمۇ؟ دەل شۇ...
بۇ دېتالنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلاي دېسە ئۇيغۇرچە خەتلەر ئاشۇنداق چىقىۋالىدىكەن ، سولدىن ئوڭغا بىر سۆزدىن بىر سۆزدىن ئوقۇغاندا ئاندىن ئوقۇغۇلى بۇلىدۇ بىراق بەك قولايسىز...
ئەلۋەتتە مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە بۇ مەسىلىمۇ ناھايىتى تېز ھەل بوپ كىتىدۇ ئەلۋەتتە...
ئۇستازلاردىن مۇشۇ مەسىلىدە ياردەم سورايمەن ، بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...
چۈشۈرۈش ئادىرسى:
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
ئەمدى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتسەم ، ئىشىتىش ئۇسۇلى قىيىنمۇ ئەمەس ، ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىسىز(كومپىيوتىرنىڭ قايسىلا ئورنىغا يەشسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ )،يىشىپ بۇلۇپ يېشىلگەن بولاقنى ئاچىسىز ، ئىچىدىكى ApkIDE.EXE دېگگەننى قوش چىكىپ ئاچىسىز .
دېققەت: بۇ دېتالJava مۇھىتى تەلەپ قىلىدۇ ، شۇڭا ئاۋال كومپىيوتىرىڭىزغا بۇنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك
.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
بىز ئادەتتە ئىشلىتىغان Javaمۇھىتى jdk1.6.0_10 بولغانلىقى ، ھەم بۇ دېتالنىڭ مۇشۇ مەن تەمىنلىگەن 2.5.0.0نەشىرىدىن يۇقۇرى نەشىرى بۇ jdk1.6.0_10 نى قوللىمايدىغانلىقى ئۈچۈن دېتالنى يېڭىلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھە گەپكە كىلەيلى ، Javaمۇھىتىنى ھازىرلاپ بولدۇق ، دېتالنى ئاچتۇق ، كىچىك رامكا چىقتى مانا مۇنداق ...
ئەگەر سىز جاۋا مۇھىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھازىرلىغان بولسىڭىز ، قىزىل رامكا ئىچىگە ئۇرۇلغان خەتنى تاللاپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ .
ئەگەر ئۆزلىكىدىن كۆرسىتىپ بەرمىسە ئۆزىڭىز كۆرسىتىپ بېرىپ داۋاملاشتۇرىسىز.
تەھرىرلەيدىغان ئەپنى يېىشىش
مانا مۇشۇ يەردىن ئاچىسىز(تەھرىرلەيدىغان ئەپنىڭ ئىسمىنى خالىغان سانغا ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئېچىڭ)
ئاچسىڭىزلا ئۆزى بولاقتىن يىشىدۇ ، تەھرىرلەپ بۇلۇپ مانا مۇنداق قىلسىڭىز بولاقلاپ ئىمزا قۇيىدۇ ،
مانا تۈگدى...
بۇ دېتالنىڭ بارلىق ھوقوقى دېتالنى ئىشلىگۈچىدە، مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم ، تەرجىمە «ئانا تىلىم لۇغىتى» دىكى سۆزلەرنى چىقىش قىلىپ تەرجىمە قىلىندى .
مەن بىر ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا قەدەم باسقان ئوقۇغۇچى، داۋاملىق ئۆگۈنۈش مىنىڭ نىشانىم، شۇڭا ئۇستازلارنىڭ كۆپرەپ تەلىم بېرىشىنى ، قېرىنداشلارنىڭ پىكىر تەكلىپىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇستازلارنىڭ ئاشۇ يۇقۇردا دېيىلگەن مەسىلىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ئاندىن كۆرۈنمە يۈز خەت شەكلىنى ئۇيغۇرچە فونىتقا تەڭشىگىلى بولغان بولسا....