|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىر ئېنىمنىڭ Suaye W6 تىپلىق تىلفۇنى ئۈندىدارنى قاچىلىشى بىلەنلا ئېكران قارا ھالەتتە بولۇپ قاپتۇ . تېلىفۇن نورمال ئېچىلىدۇ ، پەقەت سېستىمىغا كىرگەندىلا ئېكران قاپقارا ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق .
تور كۆرۈپ تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلغانتىم ناھايىتى تېزلا سېستىما زاۋۇت ھالەتكە قايتىپ نورمال قوزغالدى . شۇڭا قېرىنداشلېرىمغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دەپ ئويلۇدۇم ........
1- باتارىيەنى چىقىرىپ قايتا سالىمىز .
2- ئالدى بىلەن ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى 3 سىكونت ئەتراپىدا بىسىپ تۇرغاندىن كېيىن قۇيۇۋەتمەي تۇرۇپ، مەنبە كونۇپكىسىنى باسىمىز (تەخمىنەن 10~20 سىكونت ئەتراپتا) ...
3- ئېكران يورۇپ FASTBOOT MODE دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ .
4- ئاندىن تېلىفۇننى كومپيۇتېرغا چېتىپ ، 刷机精灵 دىتالىنى قوزغىتىمىز ( قانداق تىلفۇنلىقىنى تونۇمايدۇ ، لىكىن FASTBOOT ھالىتىدىكى بىر تىلىفۇنغا ئۇلانغانلىقى كۆرۈنىدۇ ).
5- ئاندىن 实用工具 كۆزنىكىنى چېكىپ ، adb命令行 ئىقتىدارىنى ئاچىمىز . cmd كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كېيىن fastboot -w نى كىرگۈزۈپ ئېنتىر Enter كونۇپكىسىنى باسىمىز .
ئېكراندا erasing 'userdata'... OKAY [ 3.549s]
erasing 'cache'... OKAY [ 0.930s] دىگەندەك بىر قاتار ئۇچۇرلار كۆرۈنسە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ .
تېلىفۇننى قايتا قورغېتىپ بېقىڭ ... قانداق تېلىفۇنىڭىز ئوڭشالدىمۇ ؟
بۇرۇن بىر sunup ماركىلىق تىلفۇندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنى ئۇچراتقانتىم .... بەلكىم بۇ ماركىدىكى تىلفۇنغىمۇ ماس كېلىپ قىلىشى مومكىن .......
ئەگەر ماس كەپ قالسا ، ياكى باشقىچە ئۆنۈملۈك ئۇسۇلنى بايقىسىڭىز، ئىنكاسىڭىز بىلەن بىزگە بەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .........
سىزگە ئامەت ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن ........ |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|