- جۇغلانما
- 2441
UID22111
تىزىملاتقان2013-8-31
ئاخىرقى قېتىم2015-3-24
توردا374 سائەت
ئالىي ئەزا
红米 电信版

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2441
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار.ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە بىرەر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى.بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم چىقىپ قاپتىكەن،ZTE 中兴V956 ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئازراق تەجىربەمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇ يوللانمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن،
تاساددىبى ھالدا ZTE 中兴V956 ماركىلىق بۇ تىلىفۇن قۇلۇمغا چۈشۈپ قالدى،مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ يوللانمىللىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ تىلىفۇنغا root ھۇقۇقى ئېلىپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق چىقىدىغان قىلغان بولدۇم،بىراق،تور يۈزىدىكى خەتلەر يەنىلا بىرخىل قوليازما شەكىلدە چىقىۋالدى، بىر توردىشىمىز بۇ تىلىفۇننىڭ رۇمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپتۇ،شۇ قاتاردا root Recovry قوراللىرىنىمۇ بىرگە يوللاپتىكەن، Recovry نى زادىلا يازالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستىمىزدىن ياردەم سورىغانمۇ بولدۇم،بىراق يەنىلا بولمىدى. ئاخىر خەنچە بىر توبەتتىن بۇ توغرىلىق بىر ماتىريال تاپتىم،خەنچە سەۋىيەمنىڭ ئەڭ تۈۋەن چەكتە بۇلىشى تۈپەيلى خېلى قىينالغان بولساممۇ ئاخىرى ھەل قىلدىم.
1-ئالدى بىلەن تىلىفۇننى root لىدىم.ئاندىن root باشقۇرغۇچ ئارقىلىق system گە كىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكىetc دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكىinstall-recovery.sh دىگەن ھۆججەتنى يۇيىۋىتىمىز.
2- http://yunpan.cn/QprSJZ3zpp6TK دىن Recovry ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تىلىفۇنغا يازىمىز«قاچىلايمىز».
3-http://yunpan.cn/QUTdDXB9H34Z5 دىن فۇنت قاچىلىغۇچنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشمەيلا تىلىفۇننىڭ ساقلاش كارتىسىغا كۈچۈرىمىز،ۋە Recovry ئارقىلىق بۇ فۇنتنى تىلىفۇنغا قاچىلايمىز«4.1 4.2 نەشىردىكى ھەرقانداق تىلىفۇنغا ماس كىلىدىكەن،مەن خېلى كۆپ تىلىفۇنغا سىنىدىم».بۇ فۇنتنى ئالىپ مۇنبىرىدىكى بىر تورداش تەمىنلىگەن،شۇ تورداشقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.«ئىسمى ئىسىىمدە قالماپتۇ».شۇنىڭ بىلەن بۇ تىلىفۇن ئۇيغۇرچىنى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ئۆلچەملىك تۇنۇيدىغان ھالەتكە كىلىدۇ،ھەم توردىن ئۈزىڭىزگە يارىغان rum لارنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالالايسىز.
مەن مۇنۇ http://www.romzj.com/resources/default.html?view=rom&id=12165 ئادرىستىكى رۇمنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. رۇم ماڭا ئىنتايىن يارىدى. شۇنداق يەڭگىل.تور سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن ياخشىكەن. دوسلارغا تەۋسىيە قىلىمەن، |
|