ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1548|ئىنكاس: 25

تاۋباۋ تورىدىن مال كەلمىسە ياكى مال ساختا چىقسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز قېرىنداشلار، مەن بەت ئارلاۋېتىپ، كۆپۈنچە ئەزالارنىڭ تاۋباۋ تورىدىن مال ئالغاندا ئالدىنىپ قالغانلىقى ياكى كەلگەن مالنىڭ ساختا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم !
زادى مال ئالغاندا قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك ! بۇنى مەن سىلەرگە كۆپ قېتىملىق تەجىربەمگە ئاساسلىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئاتكاچىلىق قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي !
مال ئالغاندا ئاۋۋال مال كەلگەندە پۇلنى تۆلەش ئۇسۇلى بۇيىچە مال ئالغان ياخشى !
بۇنداق بولغاندا سىز سېتىۋالغان مال ساختا ياكى مال كەلمەسلىك، ئەسلى سىز توردا كۆرگەندەك چىقماسلىق سەۋەبىدىن سىزگە چىقىم بولسا بولمايدۇ . بۇنى تاۋباۋدىكىلەر ئالىقاچان ئويلاشقان .
سىز بىر دۇكاندىن مال ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىشلىگەن ئېلانىغا قىزىقىپ سېتىۋېلىشقا ئالدىرماڭ !
دۇكان ئېگىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

تاۋباۋدىن مال ئالغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ !
111.jpg
سىز كۆرمەكچى بولغان مالنى ئىزدەپ تېپىپ ئاندىن يۇقۇرقى رامكا ئىچىدىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ !
بىرىنچى  رامكا ئىچىدىكىسى بولسا دۇكاندارنىڭ تاۋباۋ دۇكان ئېچىشقا تاپشۇرغان زاكالەت (ياجىڭ) پۇلى بۇلۇپ، سىزنى ئالدىغان ياكى ساختا مال ساتقان بولسا شۇ تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ ۋە سىز تارتقان چىقىمنى تاۋباۋ شىركىتىدىكىلەر سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ . ئەلۋەتتە سىز ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
ئىككىنچى رامكا ئىچىدىكىسى بولسا دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : بۇ يەرگە كىرىپ مالنىڭ باھاسى، پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى دىگەندەكلەرنى دۇكاندار بىلەن سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ . ئەلۋەتتە بازاردىن مال ئالغانغا ئوخشاش . تەنەرخنى ئەرزانراق چۈشۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن .
دىققەت قىلىدىغان تەرەپ شۇكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلىدۇر . سىز ئاۋۋال دۇكانداردىن سوراڭ پۇلنى مال كەلگەندە تاپشۇرىدىغان دۇكانلارنى ئالدىن ئويلىشىڭ !
ئۈچۈنچى كاتەكتىكىسى بولسا دۇكاننىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى بۇلۇپ، ئادەتتە تاۋباۋدىن مال ئالغانلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ .

ئەمدى مال زادى ۋاقتىدا كەلمىسە ياكى ساختا چىقسا دىگەندەك مەسىللەرنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتىمەن :
2222.jpg

سىز ئاۋۋال سېتىۋالغان مال تىزىملىكىدىن سىز سېتىۋالغان مالنى تاپسىز، بىرىنچى كاتەكتىكىسى بولسا، پۇلنى قايتۇرۇش ۋە مالنى قايتۇرۇش قىسمى ناۋادا مال كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقمىغان بولسا ئاۋال دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىڭ ! ئەگەر مالنى يوللاپ بولدۇم ياندۇرغىلى بولمايدۇ دىسە ئىككىنچى كاتەكنى تاللاپ ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ . ئەلۋەتتە مالدا قانداق نۇقسان بارلىقىنى سېتىۋالغان مالنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا زىيان تارتىدىغىنى سىز بولسىز . (ئەگەر سىز سېتىۋالغان مال ئەسلى مال بولمىسا رەسىم تارتىپ، ئەرز قىلىش كۆزنىكىدە رەسىم چىقىرىش ئورنى بار، شۇ يەرگە ئىسپات ئورنىدا تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ ) .

پۇلىڭىز تەخمىنەن 15 ئۈچۈن ئىچىدە پۇل قاچىلاش گۆھىرىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ . ئەلۋەتتە سىز ساختا چىققان مالنى ئەسلى ئادىرىس  بۇيىچە ۋاكالىتەن تۇتۇش ئورۇنلىرىدىن سېلىۋېتىشىڭىز كېرەك بولمىسا، سىز پۇلىڭىز ئالالمايسىز . (مال قايتۇرۇش كىرا ھەققىنى مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئېنىق سوراڭ، ئەگەر دىققەت قىلماي سېتۋالغان بولسىڭىز، ئەرز قىلغاندا، ئەرز مەزمۇنىغا قۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ كىرا ھەققىنىمۇ قۇشۇپ ئەۋەتسۇن دەپ ... )

ئۇنداقتا دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ سىزگە قانداق پايدىسى بارلىقىنى دەپ بېرەي ! سىز دۇكاندار بىلەن قىلىشقان ھەر بىر سۆزىڭىز خاترىلىنىپ ماڭىدۇ . يۇقارقىلارنى دۇكاندار بىلەن تەپسىلى دىيىشىۋالسىڭىز سۆزلەشكەن خاتىرەڭلارنى دەلل ئىسپات بولىدۇ .

دۇكاندارنى بۇنى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ . ئەگەر يەنە تۈزەتمىسە زاكالەت پۇلنى قايتۇرۇپ ئاچقان دۇكاننى تاقايدۇ . مانا بۇ تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىشتا بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىش .

ئەمدى ئۆزەم توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتسەم، مەنمۇ بىر تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچى : مەن دۇكان ئاچقىلى ئۇزۇن بولمىدى . ئەمما مەنمۇ كۆپ قېتىم ئەرز شىكايەتلەرگە ئۇچىراپ تۇردۇم . قولۇمدا ھەر قېتىملق دەلىل - ئىسپات بولغاچقا قورقۇپ قالمىدىم . باشقىلار ماڭا زىيان سالمىسا، مەنمۇ باشقىلارغا زىيان سالمايمەن .
مەن قىممەت تۇلۇقلاش دۇكىنى ئاچىمەن : ھازىرچە دەرىجەم سەل تۆۋەنرەك ! دۇكان يېڭى بولغاچقا ئاساسەن زىينىغا ياكى مال كىرگۈزگەن ئەسلى باھاسى بۇيىچە سېتىۋاتىمەن .

دۇكان ئادىرىسىم : http://yarixim.taobao.com

ئەگەر تاۋباۋدا مال سېتۋېلىش جەھەتتە قىينالغان بولساڭلار ھەقسىز مەسىلھەت بىرىشكە تەييارمەن .
چ چ : 278219225
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-4 14:56:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت ياخشى چۈشەندۈرۇش بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-2-4 14:57:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم بەك ياخشى تېما ئىكەن  ،
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-4 15:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە رەھمەت سىزنىڭ كوت كوت نۇمۇرڭزنى قېتۋالاي ماڭا ئۆگتۈپ قۇيۇڭ .
ۋاقتى: 2014-2-4 15:07:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىملەركەن
ۋاقتى: 2014-2-4 15:19:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   .  قېرىندىشىم  ، ياخشى تېمىكەن  
ۋاقتى: 2014-2-4 16:02:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  تاۋباۋدىن مال سىتۋىلىشنى بىلمەيمە پول تولەش گوھىرىنىمۇ ئۇقمايمە لىكن ئازراق ساۋاتقا ئىگە بۇلدۇم رەھمەت
ۋاقتى: 2014-2-4 16:07:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكىنىڭىزنى ساقلىۋالدىم،تىلفۇنۇمغا پۇلنى دائىم تاۋباۋدىن قاچىلايمەن،خەقنىڭكىدىن قاچىلىغىچە سىزنىڭ دۇكىىنىڭىزدىن قاچىلاي
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-4 16:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن مال ئالغاندا ھوقۇقۇڭلارنى قانداق قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار !  تاۋباۋدىن مال ئالغاندىن يۇقارقىدىكى مەن دىگەن قىسىملارغا دىققەت قىلىڭلار ! زاكالەت تاپشۇرمىغان دۇكاندىن مال ئېلىپ ئالدىنىپ قالساڭلار، پۇلۇڭلارنى قايتۇرۋېلىش تەس !

توردا ساختا مال يوق ! پەقەت شۇ كەم ئەقىللىق قىلىپ، ساختىسىنى ئېلىپ قېلىپ توردىن ئىشەنچىڭلار قالمىسۇن !

ۋاقتى: 2014-2-4 16:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2014-2-4 17:14:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم . دۇكان ئېچىشقا قانداق رەسمىيەت كىرەك
ۋاقتى: 2014-2-4 17:33:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىكەن...مەنمۇ تاۋباۋدىن مال سېتۋېلىشنى ئويلاشتىم لىكىن خەنچىنى پىشىق بىلمىگەچكە تەسكە توختاپ قالامدىكىن دەپقالدىم....سىفىرلىق ئاپپاراتقا ئېكران ئالماقچىتىم قانداق سېتۋالسام بۇلا؟؟؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-4 17:55:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز قېرىنداشلار ئۇتۇپ كەتكەن ۋاقىتتىكى مالنى قايتۇرۇش ئىشلىرىغا مىنى ئارلاشتۇرمىساڭلار !   مال ئالغاندا 15 كۈنگىچە مالنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ ....... بۇ ۋاقىتىتىن ئېشىپ كەتسە ھەرنىمە دىگەن بىلەن بېكا ...  بۇرۇن ئالغان ماللار توغىرىسىدا بۇندىن كىيىن ئىنكاس يازمىساڭلار ......... بەك تۇيۇپ كەتتىم بۇ تىمىنى يوللىغانغا ...........
ۋاقتى: 2014-2-4 19:01:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئۈگۈنۋالدىم. ياخشى تىما
ۋاقتى: 2014-2-4 19:13:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان چۈشۈندۈرۈش بوپتو،رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش