5-قارارلىق Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تېخنىكىسىنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش(يانفون ئانا سىستېمىسى)، ئەپ قاچىلاش، ئەپ تەرجىمە قىلىش، ئەپ گۈزەللەشتۈرۈش، ئەپ ئېچىش قاتارلىق بىلىملەر، مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئادەتتىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەردىن تارتىپ، كەسپىي خادىملارغىچە ئۆگەنمىسە بولمايدىغان زۆرۈر بىلىمگە ئايلاندى.
Android بولسا يادروسىدىن ناھايىتى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن سىستېما بولغاچقا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تىز ئومۇملىشىپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى. ھازىر ھەممىمىزنىڭ قولىدا Android قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بار بولدى. Android يادروسىدىن كۆپ تىللىق لايىھىلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۈزۈلگەن ئەپلەرنىمۇ تامامەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ Android نىڭ تېخىمۇ تىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن Android قا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق بىز Android دۇنياسىغا كېرىمىز.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەشتە ئەڭ ئەمەلىي بولغان مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا سىستېما قاچىلاش، ئەپ ئۆزگەرتىش، ئەپ ئېچىش سىستېمىلىق ئۆگىتىلىدۇ.
ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار:
- Android قۇرۇلما ئانالىزى
- داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش
- جوڭگودا ئىشلەنگەن ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش
- Android مۇھىتى ھازىرلار
- Android لىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
- Android ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش
- ئۇيغۇرچە روم ياساش
- Android قا ئەپ ئېچىش ئاساسىي بلىملىرى
ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:
- Android ھەۋەسكارلىرى
- Android ئەپ تەرجىمانلىرى
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تىجارىتى قىلىدىغانلار
- مۇشۇ ساھەدە خىزمەت تاپماقچى بولغانلار
دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان تېخنىك ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ. تەربىيىلەش ئورنى قەشقەر شەھىرىدە بولۇپ، ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنغان جايلىرى ساياھەت قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.
دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئازراق كومپيۇتېر ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشقا جەھەتلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇپ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ(يۈك-تاقا ئېلىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۈنىگە 8 سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى 15 كۈن، 100 سائەت، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ، ئوقۇش 1500 سوم، ياتاق پۇلى 300 يۈەن.
|