ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1448|ئىنكاس: 32

[قاتتىق دېتالدىن ياردەم] (جىددى ياردەم) كومپىيوتىرغا سېستىما قاچىلاشقا مۇمكىن بولمىدى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەندە بىر كومپىيوتىر بار ئىدى

1- ئىچكى ساقلىغۇچ:4g
2-قاتتىق دېسكا:500g
3-زاۋۇتتىن قاچىلىنىپ كەلگەن سېستىما :-win7
4-ئاساسى ئاپراتنىڭ سىرتىدىمۇ  win7 دەپ بەلگە بار

ئەمدى بولغان ئىشلارنى تەپسىلى بىر چۈشەندۈرەي:
مەن  http://www.intil.biz/home/thread-14821-1-1.html  بۇ تىمىدىكى ئۇيغۇر ئىكىسنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ سىناپ ئىشلەتمەكچى ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن دەرىسلىكتە دىيىلگەندەك قىلىپ ئۇيماقچى بولغان iso ھۆججىتىنى تاللاش جەريانىدا بىپەرۋالىق قىلىپ win7نىڭ iso ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپتىمەن ، يېزىش تاماملانغاندىن كىيىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىش بۇيرىقىنى بەردىم، چاتاق مۇشۇنىڭدىن باشلاندى،  ئىكراندا غەلىتە ئۇچۇرلار كۈرىنىپ ئاخىردا http://www.intil.biz/home/thread-15150-1-1.html بۇ تىمىدا يازغىنىمدەك ئۇچۇر چىقىپ تۇرىۋالدى،  شۇنىڭ بىلەن يېنىمدا بار بولغان  win7نىڭ  دېسكىسىنى سېلىپ ئاندىن دېسكىدىن قوزغۇلۇشقا بۇيرۇق بەرسەم دېسكىنى ئۇقۇمايلا يەنە خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى، بۇمۇ بولماي xpنىڭ دېسكىسىنى سېلىپ دېسكىدىن قوزغۇلۇشقا بۇيرۇق بەرسەم دېسكىنى ئۇقۇدى ، خۇداغا شۈكرى دەپ winpدىن كىرىپ قارىسام قاتتىق دېسكا يوق ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېسكىدىن مەسىلە چىققان ئوخشايدى دەپ ئەسلىدىكى قاتتىق دېسكىنى ئېلىۋېتىپ  باشقا بىر كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى سېلىپ قۇزغاتسام  يەنىلا قۇزغۇلۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قوزغىلىش رەسىمى كۈرۈنۈپلا يەنە قايتا قوزغىلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن  بۇ ئاساسى ئاپراتنىڭ ساياتتىن ئېلىۋەتكەن قاتتىق دېسكىسىنى باشقا ئاپراتقا سېلىپ  ئاندىن  xpنىڭ دېسكىسىنى سېلىپ دېسكىدىن قوزغۇلۇشقا بۇيرۇق بەرسەم دېسكىنى ئۇقۇدى،winpدىن كىرىپ قارىسام قاتتىق دېسكىنىڭ رايۇنلىرى پۈتۈنلەي قالايمىقان بوپ كىتىپتۇ، بارماق دېسكىنى سېلىپ تۇرۇپ مۇھىم ماتىرياللىرىمنى ئېلىۋالدىم ، ئاندىن  win7نىڭ  دېسكىسىنى سېلىپ سېستىما قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرسەم  سېستىما قاچىلاش 1-باسقۇچتىن ئۈتۈپلا يەنە قايتا قوزغىلىپ كەتتى .
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ ئاساسى ئاپرات ياكى باشقا قاتتىق دېسكىدىن نۇرمال قوزغالمايدۇ، ياكى ئۈزىدە ئەسلى بار بولغان قاتتىق دېسكىغا  نۇرمال سېستىما قاچىلىيالمايد، بۇ ئاپراتتا ئەسلى بار بولغان دېسكىنى باشقا ئاپراتقا سالساممۇ باشقا ئاپرات بۇ قاتتىق دېسكىغا سېستىما يازالمايدۇ. مۇشۇ ئىشقا بەك بېشىم قېتىپ كەتتى ، قاتتىق دېسكىنى كاردىن چىقتىمىكىن دىسەم باشقا ئاپراتقا سېلىپ ،winpدىن كىرىپ قارىسام دېسكا بار
مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار ئۇستازلار

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-4 11:27):
ئەسكەترىش:-بۇ مەسىلە ئۇستازلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۇلۇق ھەل قىلىندى، ماڭا ياردەم قىلغان ئۇستازلارغا ۋە دوسلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-2 15:30:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىموسقا  كىرىپ  بېقىڭ  نۇرمال  كىرەمدۇ
ۋاقتى: 2014-2-2 15:36:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلمەيدىكەنمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-2-2 15:37:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىموس ھالەتتە تەڭشەڭ ئاندىن باشقا سىستىما قاچىلاڭ wenxp يېزىڭ

باھا سۆز

ghost سېستىما قاچىلىسىلا قاتتىق دېسكىنى بىرلەشتۈرۋېتىدىكەن  ۋاقتى: 2014-2-4 11:20
ۋاقتى: 2014-2-2 15:44:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى تاختىدا قوغداش ئىقتىدارى بار ئوخشايدۇ
ۋاقتى: 2014-2-2 15:44:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ ئەھۋالغا ئۇچرىغان تېلفۇن  قىلىڭ ياردەم  قىلاي  13565529045
ۋاقتى: 2014-2-2 15:46:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹نىيسۇن› يەنى ئىچكى ساقلىغۇچقا  دىققەت قىلىڭ ئىككىسى قاداقلىق بولسا بىرنى ئېلىۋېتىڭ. بۇزۇلغان بۇزۇلمىغىنىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرسى نورمال بىرسى بۇزۇق بولسا سېستىما يەكلەيدۇ. ئاندىن قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىىكى نەرسىدىن ئۈمۈتنى ئۈزۈپ قايتا رايۇنغا ئايرىڭ. بۇنىڭدىمۇ بولمىسا، بارماق دىسكا بىلەن سېستىما قاچىلاش سېستىمىسى ئارقىلىق winpe غا كىرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىپ بېقىڭ يەنى. بارماق دىسكا بىلەن سېستىما قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلغاندا تاللاشتىن.
1-winxp
2-win7
3-خىل تاللاش بىلەن كىرىپ قاتتىق دىسكىنى قايتا رايۇنغا ئايرىپ ئاندىن سىناڭ.
بولسا قاتتق دىسكىنى رايۇنغا ئايرىغاندا c نى 100 d نى 360 قىلىپ تۇرۇپ سىناپ بېقىڭ. تامام.
ۋاقتى: 2014-2-2 16:14:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرسام ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلانماي ئايرىم چىقىۋالدى ياخشىراق خەت نۇسقىسى بارمىدۇ
ۋاقتى: 2014-2-2 16:20:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق دىسكا رايۇنى قالايمىقان بولۇپ كەيكەن بولسا ئاشۇنداق قاتتىق دىسكا يوق دىگەندەك ئەھۋال يۈز بىرىدۇ  ئەمسە قاتتىق دىسكا ئىچىدىكى كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋالغانكىن قاتتىق دىسكىنى خاتىرجەم قايتا رايۇنغا ئايىرىڭ ئاندىن قاتتىق دىسكىنى تونۇيدۇ
ۋاقتى: 2014-2-2 17:03:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows8نى  يېزىپ بېقىڭە   مېنىڭمۇ   قاتتىق دېسكام قالايمىقان  بوپ  كېتىپ  windows8نى يازسام  ئوڭشالغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 17:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشنا52012 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 15:44
مەنمۇ شۇ ئەھۋالغا ئۇچرىغان تېلفۇن  قىلىڭ ياردەم  قىلاي  ...

ھازىر تېلفۇن قىلسام ۋاقتىڭىز يىتەمدۇ؟
ۋاقتى: 2014-2-2 17:26:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر توپ قۇرۇپ قويدۇم بۇنىڭدا مەخسۇس روم ئەپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ.سىزمۇ بۇ توپقا ئەزا بولۇڭ قىزغىن قارشى ئالىمەن.توپ نۇمۇرى:185503809بۇ چ چ توپى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 18:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغانغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 16:20
قاتتىق دىسكا رايۇنى قالايمىقان بولۇپ كەيكەن بولسا ئاش ...

winp دىن كىرىپ رايۇنغا ئايرىمدىم ياكى.......؟  ئېغىر كۆرمەي تەپسىلى توختالغان بولسىڭىز؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 18:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋازmtw يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 15:30
سىموسقا  كىرىپ  بېقىڭ  نۇرمال  كىرەمدۇ

سىموس قا ناھايىتى نۇرمال كىرىدۇ
ۋاقتى: 2014-2-2 18:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەنمۇ سىزگە ئوخشاش شۇ نەس باسقۇرنى قاچىلاپ ئىككى  كۈن  ئېتىشىپ
كومپىيوتىرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسى ئۆلگەن ئوخشايدۇ دىسەم ئۇنداق ئەمەسكەن.
1-ئاۋۋال كومپىيوتىرنىڭ ساندۇقىنى ئېچىپ مەركىزى تاختىدىكى بىر سائەتنىڭ مېيىدەك بىر ماي بار شۇنى يىڭنىدەك نەرسىدە ئاستا ئېلىۋېتىڭ چۈنكى مەركىزى تاختا قايتا-قايتا سېستىما قاچىلاپ زەرەتلىنىپ كېتىدۇ،ئۇ ماينى چىقىرىپ5مىنۇتتىن كېيىن جايىغا سېلىڭ.ئاندىن قاتتىق دېسكىنىڭ سىم يولى پۇختىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقىڭ
2-ئاندىن biossقا كىرىپ دېسكا قويغۇچنى  تونۇتۇڭ ئاندىن  دەينى  سېلىپ كومپىيوتىرنى  قايتا  قوزغۇتۇڭ
3-قاتتىق دېسكىنى گىرافىك  ھالەتتە رايونغا ئايرىش  دىگەننى  بېسىپ قاتتى دېسكىنى قول بىلەن رايونغا ئايرىغاندىن كېيىن ئېنتىرنى بېسىۋەتسىڭىز كومپىيوتىر  قايتا  قوزغۇلۇپ  سېستىما ئاپتۇماتىك  قاچىلىندۇ

ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزنى  ئوڭۇشلۇق  قىلسۇن  قېرىندىشىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش