- جۇغلانما
- 1818
UID14669
تىزىملاتقان2013-3-8
ئاخىرقى قېتىم2015-6-4
توردا585 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1818
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىپتىكى دوسلا!
بۇ تېمىنى يېزىشتىن مەقسىتىم، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ھەققىدە بىر مۇنازىرە قىپ باقساق. شۇ ئارقىلىق يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىجاد بولىشى ئۈچۈن بىر تەسەۋۇر، ئىھتىياجلىرىمىزنى ئىپادىلەپ باقساق قانداق دەيسىلە. مىنىڭچە بىرەر يۇمشاق دىتالنى ياسىغاندىنمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈش بەكرەك قول تۇتىدۇ. بىرەر ئېنىق نىشان بولسا ئۇنىڭغا يىتىش پەقەت تىرىشچانلىق مەسىلىسى خالاس. شۇڭا قىزغىن مۇنازىرىمىز ئارقىلىق يۇمشاق دىتال ئىجادىيەتچىلىرىگە ئىلھام بەرسەك. شۇ ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ يانفۇن ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرى ۋۇجودقا كەلسە ھەممىمىزگە پايدىلىق بولامىكىن دەيمەن.
مەسىلەن، مەن ئەگەر يۇمشاق دىتال ياسىيالىغان بولسام ئائىلەمنىڭ كىرىم چىقىمىنى تەپسىلى خاتىرلەپ ماڭىدىغان، ئاي، پەسىل، يىل بويىچە كىرىم چىقىمنى سىتاتىسكىلاپ، دىئاگرامما شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر يۇمشاق دىتال لايىھەلىگەن بولاتتىم. ھەمدە مىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم چىقىمىمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلۈك قىزىقارلىق ئۇسوللار ئارقىلىق مىنى ئويلاندۇرىدىغان، ماڭا ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارنى ئاتا قىلىدىغان قىلىپ بەلگىلەيتتىم.…
مانا مۇشۇنداق، ھەممەيلەن ئۈزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىمىزنى ئۇتتۇرغا تاشلاپ باقايلى.
راستىمنى ئېيتسام، مەنمۇ يۇمشاق دىتال ياساشنى ئۆزلىگىمدىن ئۈگىنىۋاتقان. شۇڭا يالغۇز ئۆزۈم ئويلاپ ئولتىرىۋەرمەي، كۆپچىلىكنىڭكىنى ئاڭلاپ باققىم كەلدى. ياخشى پىكىرلەرنى ئاڭلاپ باققۇم با. قىنى ئەمسە دوسلار، باشلايلى! |
|