ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1042|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduino دىن ئىككىنچى دەرس: كۆنەكسىمان تەجرىبە تاخـتىسى

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 10:54  

Arduino دىن ئىككىنچى دەرس: كۆنەكسىمان تەجرىبە تاخـتىسى ۋە كۆپ LED چىرىغىنى ياندۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتىرون ۋە Arduino ھەۋەسكارلىرى ! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن، ئالدىنقى تېمامنى يوللىغاندىن ھازىرغا قەدەر  12 كۈن ۋاقىت بوپتۇ،بىراق بۇ 12 كۈن ۋاقىت ماڭا بىر ئاي ۋاقىتتەك بىلىنىپ كەتتى،چۈنكى سىلەرنىڭ تەشنالىقىڭلار ئۈچۈن بىر كۈن بولسىمۇ تېمىنى بالدۇراق يېزىشىنى ئويلاپ تىتىت بولۇپ كەتتىم،ئاخىرى مەكتەپتىكى ئىمتىھان خىزمىتى (ئىمتىھان ئېلىش،قەغەز تەكشۈرۈش،خۇلاسە قىلىش) ۋە زېرىكىشلىك سىياسى ئۈگىنىشمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تۈگەپ تۈنۈگۈندىن باشلاپ تەتىلگە كىرىپ كەتتۇق،مانا سەھەردىلا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېما يېزىشنى باشلاپ كەتتىم،دەسلەپكى تېمامدا ئىيىتقىنىمدەك ئەمدى ئسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ،Arduino توغرىسىدا ئىزدىندىنىشىمىزنى باشلىۋېتەيلى! قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى.
تۇنجى سائەتلىك دەرستە  Arduino توك يول تاختىسى ئۈستىدىكى LED چىرىغىنى ياندۇرۇشنى سۆزلىگەن ئىدىم،بۈگۈن كۆنەكسىمان( خەنزۇچىدىن بېۋاستە تەرجىمە قىلساق بولكىسمان توك يول تاختىسى دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) تەجرىبە تاختىسى ۋە بىر قانچە دانە LED چىرىغىنى ياندۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن:
بىر توك يولى نورمال يۈرۈشۈشتىن بۇرۇن،چوقۇم ئۇنىڭغا نىسبەتەن زور مىقداردا ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.بۇ خۇددىي ئېلېكتىرون توك يولىنىڭ دەسلەپكى چېرتىيوژىنى تېز سۈرئەتتە تەكرار ئۆزگەرتكەنگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جەرياندۇر.ئوخشاش بولمىغان توك يوللىرىنى بىرىكتۈرۈشنى سىناپ باققان ۋاقىتىڭىزدا،قولىڭىزدىكى لايىھەدە ئىلگىرلەش بولۇشى مۈمكىن.بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى،سىزنى بىر ھەم تېز،ھەم ئىشلىتىلىشچان،ھەم بۇزغۇنچىلىقى تۆۋەن بولغان توك يولنى ئۇلاش ۋە ئۆزگەرتىش تەجىرىبە سىستېمىسغا ئىگە قىلىش.يۇقارقى تەلەپلەردە ئىنتايىن روشەن ھالدا كەپشەرلەشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى چىقىرىپ تاشلانغان،چۈنكى ھەر قېتىملىق قېزىتىش سوۋۇتۇش جەريانىدا ئېلېكتىرون دېتاللىرى بىسىمغا ئۇچىراش ھالىتىدە بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كەپشەرلەشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئىسراپچىلىق شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
  كەپشەر ئىشلىتىلمەيدىغان كۆنەكسىمان تەجىرىبە تاختىسى بىزگە ياردەم قىلىپ يۇقارقى مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرىستىلگەندەك،كۆنەكسىمان تەجىرىبە تاختىسى بىر پارچە كىچىك سۇلياۋ تاختا بولۇپ،ئۈستىگە لىق سانجىش تۆشۈكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەربىر سانجىش تۆشۈكىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن پۇرژىنىلىق ئۇلاش بىشى بار.سىز مەلۇم بىر ئېلېكتىرون دېتالىنىڭ ئۇلىنىش پۇتىنى سانجىش تۆشۈكىگە سانجىغان ۋاقىتىڭىزدا،ئۇ تىك قۇر بويىچە بىر رەتتىكى باشقا تۆشۈككە سانجىلغان دېتاللار ئارىسىدا توك ئۆتۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.تۆشۈكلەر ئارىسىدىكى ئارلىق 2.54 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
面包板.JPG
دېمەك كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى توك يولىنى تېز سۈرئەتتە قۇراشتۇرۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
تۇنجى سائەتلىك دەرستىكى تەجرىبىنى كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى ئارقىلىق ئىشلىگەندىكى توك يولنى قۇراشتۇرۇش رەسىمى ۋە سېخىمىسى:
单个led电路图.JPG 单个led.JPG
مەزكۈر تەجرىبىنىڭ پروگىراممىسى ئالدىنقى تېمىدىكى پروگىرامما بىلەن ئوخشاش بولغاچقا بۇ يەردە قايتا  تىلغا ئېلىنمىدى.
تۆۋەندە مەزكۈر تەجرىبىنى ئۆزۈم ئىشلىگەندىكى تەجرىبىنىڭ فىلىمىنى يوللىدىم،(كەچۈرۈڭلار مەندە مەخسۇس سىنغا ئېلىش قۇرالى بولمىغاچقا يانفۇندىلا ئالغانىدىم،سۈرئەت ئىنىقلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭلارنى سورايمەن)


يالغۇز بىرلا LED چىرىغىنى ياندۇرۇش ئەمدى سىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددىي بىر ئىشقا ئايلاندى،بىراق ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ھەربىر مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاددىي ئىشلاردىن باشلانغان،ئەمىلىيەتتە سىز مۇشۇ ئاددىي توك يولىنىڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ،ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقالىشىڭىز مۈمكىن.LED چىرىغىنى ياندۇرۇش توك يولىنىڭ پروگىراممىسى ماتورنى قوزغىتىش،رىلىنى قوزغىتىش قاتارلىق توك يوللىرىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ،شۇڭا ئاساس خاراكتىرلىك بىلىملەرگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
تۆۋەندە بىز بىر قانچە دانە LED چىرىغىنى ياندۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلەيمىز.ئالدى بىلەن ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى!


تەجرىبىگە كىتەرلىك بويۇملار:بىردانە Arduino توك يول تاختىسى،بىر دانە كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى،تۆت دانە  LED چىرىغى،كىتەرلىك ئۇلاش سېمى.
توك يولى قۇراشتۇرۇش سخېمىسى تۆۋەندىكىچە:
多个led.JPG
قولۇڭلاردا ئوتتۇراھال تىپىدىكى كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى بولسا توك يول قۇراشتۇرۇشىڭلا قىيىنغا توختىماسلىقى مۈمكىن،كىچىك تىپلىقىدا بىر ئاز ئاۋارچىلىق بار،لىكىن يېڭىپ كىتەلىشىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل.توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى پروگىراممىنى كىرگۈزۈڭ.
  1. void setup()
  2. {
  3.   for (int i=2; i<=5; i++)   
  4.   {
  5.     pinMode(i,OUTPUT);
  6.   }
  7. }
  8. void loop()
  9. {
  10.   for (int x=2; x<=5; x++)  
  11.   {
  12.     digitalWrite(x,HIGH);
  13.     delay(200);
  14.     digitalWrite(x,LOW);
  15.     delay(200);
  16.   }
  17. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
مەزكۈر پروگىراممىدا LED چىرىغىنىڭ پۇتلىرى ئۇلىنىدىغان رەقەملىك ئۇلىنىش پۇتلىرى  i دىن ئىبارەت ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئارقىلىق ئىپادىلەندى.
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي.بىلەلمىگەن نۇقتىلارنى ئىنكاس شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.بىراق تېمىغا مۇناسېۋەتسىز ئىلان خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازماڭلار.
10كۈندەك يوقاپ كىتىشىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى «مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابمنىڭ ئىملا تۈزىتىش،ئاخىرقى تەھرىرلەش ئىشلىرىنى ئىلىپ باردىم( ۋاقتىدا ئىلان قىلالماسلىقىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ)،ئاللاھ خالىسا ئەتە ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە ئىلان قىلىمەن،كىتابىم مۇۋاپىقىيەتلىك تاقىتىلغاندىن كىيىن،ئەمدى بۇنداق ئاساس خاراكتىرلىك دەرسلىكلەرنى سۆزلەپ يۈرمەيمەن،بىۋاستە مەلۇم بىر قۇرۇلمىنى ياساش توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتىمەن.شۇ ھەۋەسكارلارنىڭ نەزىرى داۋاملىق تېمىلىرىمدا بولغاي!
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +165 يىغىش سەۋەبى
C8812 + 15 ياخشى يازما
taxna2747 + 50
arman26 + 100 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

23

تېما

94

يازما

1864

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4925
ئاقچا
247
arman26 ۋاقتى: 2014-1-23 11:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، ئىشلىرىڭىزغا ئاللادىن موۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللا ئىلمىڭىزنى  زىيادە قىلسۇن.

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 11:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، ئىشلىرىڭىزغا ئاللادىن موۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللا ئىلمىڭىزنى  زىيادە قىلسۇن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىنشا ئاللاھ،كىتاب ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈپ قالدى،ئەتىكى ئۇلۇغ كۈندە ئىلان قىلىشنى قارار قىلدىم،سىزنىڭمۇ قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر!

2

تېما

44

يازما

382

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

چاقماق گورۇپپىسى

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1103
ئاقچا
2
QQ
kaptar ۋاقتى: 2014-1-23 11:11:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى كۈتكىكى خىلى بولغان  رەھمەت  

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 11:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى كۈتكىكى خىلى بولغان  رەھمەت

ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن،ھازىرلا ئىچىمدىكىنىڭ ھەممىسنى تۆكۈپ بەرگۈم بار،بىراق بەش قولنى بىراقلا ئاغزىمىزغا تىققىلى بولمىغاندەك بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت ۋە جەرىيان كىتىدىكەن.سىزنىڭمۇ قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! بىز بىرلىكتە تىرشايلى!

9

تېما

326

يازما

798

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2745
ئاقچا
0
omak007 ۋاقتى: 2014-1-23 11:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا  جاپا چىكىپسىز رەخمەت سىزگە .

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 11:17:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا  جاپا چىكىپسىز رەخمەت سىزگە .

سىزگىمۇ رەھمەت! مىللەت ئۈچۈن چەككەن جاپا ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىغاندىن مىڭ ھەسسە شېرىن بىلىنىدۇ،بىرلىكتە تىرىشايلى!

2

تېما

27

يازما

137

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
551
ئاقچا
0
314344 ۋاقتى: 2014-1-23 11:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا سېپ بەرگەن ئېيىقچاقنىڭ ئىچىدە ئايرىمLED چىرىقى يوقكەن. بۇ تەجرىبىنى قاندا ئىشلەيمەن؟

8

تېما

407

يازما

833

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2735
ئاقچا
2
elpida ۋاقتى: 2014-1-23 11:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.مېھرىبان ئاللاھ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە مۇشەررەپ قىلغاي.....

57

تېما

476

يازما

2332

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6207
ئاقچا
927

تۆھپە ئوردېنى

taxna2747 ۋاقتى: 2014-1-23 13:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاداش مەنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرگە بەكلا قىززىقىمەن مەن سىلەرنىڭ تىماڭلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆرمەپتىمەن ،
مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ باركەن دە
www.hiyal.biz
خىيال تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!

2

تېما

18

يازما

77

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
217
ئاقچا
1
yolbaxqi ۋاقتى: 2014-1-23 13:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن   مۇشۇنداق  بىر دەرىسلىك  كىتاپنىڭ بولماسلىقى  بىزدەك قىزىققۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتشىپ چىقشىمىزغا  چوڭ بىرتوسالغۇ ئىدى  ،گەرچە  باشقاتىلدىكى ماتىرياللار خېلى كوپ دىگۈدەك بولسىمۇ بىزدەك  بىريېرىم تىللىقلار ئۈچۈن  بۇنداق ماتىرياللارنى تولۇق چۈشۈنۈپ كېتىش تەسكە توختايدىكەن ، ئاخرى كۈتكەن كۇن يېتىپ كەلدى  تىزراق جۈمەنىڭ كېلشىنى ئۈمۈد قىلمەن  بارلىق ھەۋەسكارلار  نامىدىن سىزگە كوپتىن كوپ رەھمەت ئېيتىمەن   رەھمەت سىزگە  كىتاۋىڭىزغا تەشنابىز  بىلگەنلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 14:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا سېپ بەرگەن ئېيىقچاقنىڭ ئىچىدە ئايرىمLED چىرىقى يوقكەن. بۇ تەجرىبىنى قاندا ئىشلەيمەن؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئۆيىڭىزدە كونىرىغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسۈنلىرى،بۇزۇلغان ئويۇنچۇقلار يوقمۇ؟ Arduino نىڭ ئىدىيىسىدە ئامال قىلىپ كونا نەرسىلەردىن،كونا دىتاللاردىن پايدىلىنىش تەۋسىيە قىلىندىغان بولغاچقا،LED چىرىغىغا ئوخشاش ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدىغان دىتالنى ئىزدەپ تاپالايدىغۇ دەپ سالمىغانىدىم،مېنىڭ ئىشلەتكىنىممۇ بالام ئويناپ بۇزىۋەتكەن چىراقلىق چاقپىلەكنىڭ ئىچىدىكى LED چىرىغى ئىدى،ئامال قىلىپ ئىزدىنىپ بىقىڭ،سىزگىمۇ تېپىلىپ قالار.

قېرىنداشلىرىمغا ئالاھىدە ئەسكەرتىمە:
ئىلگىرى مەن تارقاتقان «كىچىك ئېيىقچاق» توك يول تاختىسنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ئىگىسىگە 40 دانىسىنى قايتۇرۋەتكەن ئىدىم،ھازىر مەندە پەقەت 4 دانىلا قالدى،شۇڭا سېتىۋېلىش نىيىتى بارلارنىڭ تىزدىن مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمەن،قەشقەر ئىچىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىلىۋالسا بولىدۇ،مەن ئەمدى قاتتىق دىتال ساتمايمەن.كىيىنكى تېمىلىرىمدا توردىن مۇناسېۋەتلىك دىتاللارنى قانداق سېتىۋىلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.لازىملىق قېرىنداشلىرىم توردىن ئۆزى كېرەكلىك دەپ قارىغان دىتاللارنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

0

تېما

22

يازما

166

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
424
ئاقچا
0
x11 ۋاقتى: 2014-1-23 21:35:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم كىچىك ئېيىقچاق توك يول تاختىسىدىن مەن بىرنى سىتىۋالاي، ماڭا بىرنى ئەپ قويامسىز؟ مەن قەشقەر يېڭىشەھەردىن، يەنە ئون بەش ك:ندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالايمەن، سەۋەبى ھازىر مەن يۇرىتتا ئەمەس ،
مەن باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ماڭا بىر تال ئەپ قويسىڭىز؟来自: Android客户端

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 21:57:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم كىچىك ئېيىقچاق توك يول تاختىسىدىن مەن بىرنى سىتىۋالاي، ماڭا بىرنى ئەپ قويامسىز؟ مەن قەشقەر يېڭىشەھەردىن، يەنە ئون بەش ك:ندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالايمەن، سەۋەبى ھازىر مەن يۇرىتتا ئەمەس ،
مەن باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ماڭا بىر تال ئەپ قويسىڭىز؟

بولىدۇ،سىز ئۈچۈن بىرنى ساقلاپ قوياي.

1

تېما

63

يازما

516

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1584
ئاقچا
2
riwayat526 ۋاقتى: 2014-1-24 01:54:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
e-chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-01-23 14:35:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئۆيىڭىزدە كونىرىغان ئ

دېمەك ئاران 6ئادەم سېتىۋاپتۇ دە ، مەن تېخى 50تال نەرسە بىر دەمدىلا سېتىلىپ تۈگەمىكىن  دەپتىمەن . مەن ئەسلى سىزدىن بىرتال سېتىۋالاي دېگەن لېكىن كۆپرەك زاپچاس بىلەن قوشۇپ سېتىۋالاي  دەپ توردىن سېتىۋاپتىكەنمەن ، ھازىر ئويلىسام سىز دېگەندەك كۆپىنچە زاپچاسلارنى ئۆيدىكى كېرەكسىز نەرسىلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن . مەن بىر نەچچە خىل تەجرىبىنى ئىشلەپ باقتىم ، ھەمدە پىروگىرامما كودلىرىنى بەيدۇدىن ئىزدەپ  يۈرۈپ ئۆزۈم خالىغانچە بىر نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇپمۇ باقتىم ، مەن ھازىر بۇ نەرسىگە راستىنلا قىززىقىپ قالدىم. ئەگەر سىزدە قېپقالغان 4نى بىر ھەپتىگىچە باشقىلار ئېلىپ بولمىسا  مەن سىزدىن يەنە بىرتال سېتىۋالاي، چاغاندا بەلكىم بىرەر ئىككى كۈن ئارام ئالساق قەشقەرگە بېرىپ قېلىشىم مومكىن، شۇ چاغدا سىزگە تېلفۇن قىلسام بولىدۇ. IMG_20140123_231216.jpg 来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش