ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1431|ئىنكاس: 34
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفون سېتىۋالغاندا، قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟

42

تېما

490

يازما

518

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

تىرىشساڭ بۈلىسەن

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2589
ئاقچا
0
QQ
ھەرقانداق بىر كىشى يانفون سېتىۋالغاندا، قۇسۇر ئىزدەشكە، زۆرۈرىيىتى تېپىلغاندا، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» كىمۇ ھوقوقلۇق، چۈنكى بۇ يانفون كىيىنچە ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى مەيلى تېلفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش بولسۇن، ياكى رەسىم تارتىش، ئويۇن ئويناش، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقىش بولسۇن، ۋە ياكى تور بانكىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يانفون ئارقىلىق تاماملايدۇ. ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللاش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بىز باشقىلار يەكۈنلەپ چىققان يانفون تاللاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ، تۆۋەندە يېڭىدىن يانفون سېتىۋالماقچى بولغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتا ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى.

1. مەشغۇلات سىستېمىسىنى توغرا تاللاش ئەڭ مۇھىم
ھازىر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى iOS ، ئاندىرويىد ۋە Windows Phone نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللىشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئاندىرويىد بولسا نۆۋەتتىكى قاپلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سۇپىسى، سامسۇڭ، خوڭدا HTC، سونىي ۋە LG قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلارنىڭ ئاندىرويىد يانفونى بار؛ ئۇنىڭ مەھسۇلات شەكلىمۇ ئەڭ مول ۋە رەڭگارەڭ، چوڭ ئىكرانلىق يانفون ۋە ھەرخىل بايراقدار يانفونلىرى بار، سىستېما ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا، خالىغانچە ئۇسلۇب قاچىلاشقا، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىلىنىشىمۇ تېز، ئەگەر سىز يانفون سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە قىزىقسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد سۇپىسى سىزنىڭ بۇ ئىھتىياجىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.
يەنە مىليونلىغان قوللىنىشچان دېتال، يەنى ئەپلەرگە ئىگە بولغانلىقىمۇ ئاندىرويىدنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، بىراق، iOS سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار ۋە نادىر ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن گۇگېل ئەپ دۇكىنىغا چىقماستىن، بەلكى ئالما ئەپ دۇكىنىغا كىرىدۇ.

iOS 7 بولسا مەزكۇر سىستېما سۇپىسىدىكى چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى پاكىز، ئېسىل سۈپەت، شۇنداقلا كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، مەشغۇلات سۈرئىتى تېز ۋە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما ئەپ دۇكىنىمۇ نۆۋەتتىكى ئەپ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، تۈرى ئەڭ مول بولغان ئەپ دۇكىنىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئايفونغا سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق بۇيرۇق سىستېمىسىSiri ۋە iTunes Radio قاتارلىقلارمۇ iOS سۇپىسىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھالبۇكى، ئاندىرويىدقا ئوخشاش ئوچۇق كودلۇق سىستېمىلارنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار، ئەگەر ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا، ئۇ ھالدا نۇرغۇن چەكلىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ بىراق، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغان تەقدىردىمۇ، چەكلىمىسىز ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا ئاندىرويىدقا يەتمەيدۇ.

  ئەمدى Windows Phone سىستېمىسىغا كەلسەك، بۇ سىستېمىنى ئاساسىي جەھەتتىن نوكىيا شىركىتىلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ، ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سىستېمىنى تاللىسىڭىز، نىسبەتەن كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايسىز. Windows Phone سىستېمىسى مىكروسوفىت تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئۆزىگە تۇشلۇق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار، كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، ئاساس ئىكراندىكى ياپراقچىسىمان سىنبەلگىلەرنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ دىگەندەك. بىراق، سىستېما تىگىدىن يېپىق كودلۇق بولغاچقا، خۇددى ئالماiOS گە ئوخشاش، نۇرغۇنلىغان چەكلىمىسى بار. ئەۋزەللىكى بولسا، مەزكۇر سىستېما مىكروسوفىتنىڭ Office ۋە Outllok قاتارلىق ئەپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇ تەرىپى ئاندىرويىد ۋە قاتارلىقلاردا يوق. ئەمدى ئەپ سانىغا كەلسەك، ھازىرغىچە مەزكۇر سىستېمىغا قارىتا ئېچىلغان ئەپلەرنىڭ سانى 200 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، مەيلى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بولسۇن، يەنىلا يىتەرسىزلىك مەۋجۇت.

2. ئىكران چوڭلۇقىنى مۇۋاپىق تاللاش كىرەك.
ھازىر چوڭ ئىكرانلىق يانفونلار مودا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقانلىرى يەنىلا 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكرانلار. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، 4 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن iPhone 5s/5c لار ئاساسىي ئېقىمغا ئەگەشمىگەنلەر بولۇپ، ئۆزگىچە يول تۇتقان دىسەك بولىدۇ. ھازىر تارقىلىۋاتقان مىش-مىش خەۋەرلەردە كىيىنكى ئەۋلاد ئايفونغا چوڭ ئىكران سەپلىنىدۇ دىگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بىراق، زادى قاچان بازارغا سېلىنىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. شۇڭا ئەگەر سىز مودا بولۇۋاتقان چوڭلۇقتىكى يانفون سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد ياكى Windows Phone نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.


3.قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگىمۇ ياخشى دىققەت قىلىش كىرەك.
خۇددى كومپىيۇتېرغا ئوخشاشلا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى دەل ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، ئۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىرويىد ۋە Windows Phone ساھەسىدە، گاۋتوڭ Snapdragon 800 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سامسۇڭ Galaxy Note 3، نوكىيا Lumia 1520 قاتارلىق كۆپلىگەن بايراقدار يانفونلارغا مۇشۇ خىلدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
ئۇندىن قالسا، Snapdragon 600 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بايراقدار يانفونلارغا سەپلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن ، سامسۇڭ Galaxy S4 ۋە HTC One قاتارلىق يانفونلاردا مۇشۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ بار، بۇنىڭ ئەۋزەل تەرىپى، ئىقتىدارى ياخشى ۋە باھاسى مۇۋاپىق. ئەمدى Snapdragon 400 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا كەلسەك، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفونلار كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ، بىراق، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىم يانفونلار ھازىر MTK تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئىقتىدارى ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئايفون بولسا بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۆزگىچە يول تۇتقان، چۈنكى ئۇنىڭغا A تۈرىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، نۆۋەتتە ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالما يانفونى iPhone 5s بولۇپ، ئۇنىڭغا 64 بېتلىق A7 تىپلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئىقتىدارى جەھەتتە نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن، يانفوننىڭ RAM قىسمىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئادەتتە RAM نىڭ سېغىمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپ ۋەزىيە ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا شۇنداق. نۆۋەتتىكى بايراقدار ئاندىرويىد يانفونلىرىغا 2-3GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ، ئادەتتىكىلىرىگە بولسا 1-1.5GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ.

4.ئىكران ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى
ئىكران چوڭلۇقىدىن باشقا، ئىكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى بايراقدار يانفونلارغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكران سەپلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئىكرانى 4.3 دىيۇم بولسا، 720P دەرىجىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يەنە 2K تىپلىق ئىكران مەيدانغا كىلىپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئەمدى ئېنىقلىق دەرىجىسىدىن باشقا، ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ خىلىلا مۇھىم، شۇڭا، يانفون سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى شۇنداقلا يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن سىناپ كۆرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

5.ساقلاش سېغىمى ۋە ساقلىغۇچى كارتا سېلىشنى قوللاش
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرگە كىرەك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى جۈملىدىن ئۇنىڭ ھەجىمىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ بىرىۋاتىدۇ، ھازىرقى سەۋىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفوننىڭ ساقلاش سېغىمى ئەڭ كىچىك بولغاندا 16GB بولسا مۇۋاپىق، ئايفونغا ئوخشاش سېغىم كارتىسى سالغىلى بولمايدىغان يانفونلارغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى 32GB بولسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ساقلاش سېغىمى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ. ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنە يانفوننىڭ سېغىم كېڭەيتىش كارتا رايۇنى بار-يوقلۇقىغا قاراش كىرەك.

6.كامېراسى ئەڭ ياخشى ۋە سۈزۈك بولغان يانفون تاللاش كىرەك (پىكسىل سانىغا ئىشىنىپ قالماڭ)
يانفون كامېراسى نۆۋەتتە كارخانىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىشتە ئۆزىنى ئەڭ كۆرسىتىدىغان بىر مۇھىم تەرەپكە ئايلىنىپ قالدى، پىكسىل سانى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى يانفونلارنىڭ سېتىلىشىمۇ ماس ھالدا ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بىراق، بۇ يەردە سىزگە سەمىمىي تەكىلىپ بىرىمىزكى، كارخانىلار ئېلان قىلغان پىكسىل سانىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز سېتىۋالغان بەزى يانفونلاردىكى 13 مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى بەلكىم باشقا بىر يانفوننىڭ 8 مىليون پىكسىللىق كامېراسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، كامېرا تاللىغاندا، ئۇنىڭ پىكسىل سانىغىلا ئەمەس، بەلكى قوللىنىلغان تېخنىكا تۈرىگە، ئىشلىتىلگەن رەڭ سەزگۈچ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق قىسىملارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

7.يانفوننىڭ باتارىيىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، باتارىيە ئۆمرىمۇ يانفونغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە باتارىيە سېغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بىراق، بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس. ئادەتتە 3000mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن ئاندىرويىد يانفونلىرى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولالايدۇ.
مەنبە: نۇر تورى
ئالمادۇنياسى QQتوپى،توپ ئىزدەش نۇمۇرى319031213

7

تېما

428

يازما

333

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
1639
ئاقچا
0
ARKA0998 ۋاقتى: 2014-1-21 21:40:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

2

تېما

691

يازما

362

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1998
ئاقچا
9
uyghurum131 ۋاقتى: 2014-1-21 21:44:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ « كەسىلە ، يانچۇقتىكىنى بەسىلە »  ھەممىدىن نوچىسى - پۇلغا چىدىغىنى …

0

تېما

70

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
145
ئاقچا
0
sahralik0998 ۋاقتى: 2014-1-21 21:48:15 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ نوچىسې يەنىلا سەنشىڭ بىلەن نوكىيا来自: Android客户端

0

تېما

30

يازما

8

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
131
ئاقچا
0
sardar000 ۋاقتى: 2014-1-21 22:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدۇق  رەخمەت   

1

تېما

129

يازما

551

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2527
ئاقچا
10
aqqik ۋاقتى: 2014-1-21 22:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدا دىيىلگەن 5-تۇرنى، يېڭىدىن چىقىۋاتقان OTG ئىختىدارى   ھازىرلانغان  يانفونلاردا، ئويلىشىشنىڭ  ھاجىتى يوق .  
OTG ئىختىدارى   ھازىرلانمىغان يانفونلاردا بولسا، يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك  ئويلىشىش كېرەك.

2

تېما

217

يازما

639

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2402
ئاقچا
0
UYGHURBIZM ۋاقتى: 2014-1-21 22:12:08 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGHURBIZM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-21 22:14  

مەن يانفون تاللىغاندا ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنىم قاتتىق دىتال سەپلىنىشى ... مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئېكران باتارىيە قاتارلىقلار ... مەن بىر موتورولانى نىمكەش يانفون بازىرىدىن ئالغان ناھايىتى كۆپ قېتىم ئېگىز جايدىن يەرگە چۈشۈپ ئېكراندا ئازراق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ قېلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن يوقاپ كەتتى. مىنىڭچە ئىجرا سىغىم ۋە مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ بەك تۆۋەن بولمىسىلا مۇشۇنداق يانفون ياخشى . ئەگەر ئەگەر ھەم ياخشى ھەم ئەرزان يانفون ئالىمىز دەيدىغانلار مۇشۇ خىلدىكى يانفونلارنى سېتىۋالسا بولىدۇ ( ئەمما يەنىلا داشقال يانفون ھەم سودىگەردىن ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ ) .

2

تېما

217

يازما

639

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2402
ئاقچا
0
UYGHURBIZM ۋاقتى: 2014-1-21 22:15:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqqik يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 22:10
يۇقۇرىدا دىيىلگەن 5-تۇرنى، يېڭىدىن چىقىۋاتقان OTG ئىختى ...

OTG قانداق نېمە ئۇ...

12

تېما

523

يازما

890

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3284
ئاقچا
2
qedem ۋاقتى: 2014-1-21 22:20:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 21:40
ياخشى خەۋەركەن ...دوسلار ماڭا بىرلەشمىنىڭ 3g كارتىسىدا ت ...

36نى قانچىلەرگە ساتاسىز؟

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-1-21 22:31:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېشىكى  قانچىلىڭ  بولسا   تۇقۇمى  شۇنچىلىڭ  دەپتىكەن.来自: Android客户端

5

تېما

141

يازما

316

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1408
ئاقچا
14
QQ
ئىزچان ۋاقتى: 2014-1-21 22:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 21:40
ياخشى خەۋەركەن ...دوسلار ماڭا بىرلەشمىنىڭ 3g كارتىسىدا ت ...

huawei G525ئېلىڭ ياكى lenovo a850ئېلىڭ خېلى يامان ئەمەس تېلفۇنلار
قاھارجان

7

تېما

428

يازما

333

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
1639
ئاقچا
0
ARKA0998 ۋاقتى: 2014-1-21 22:43:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

7

تېما

428

يازما

333

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
1639
ئاقچا
0
ARKA0998 ۋاقتى: 2014-1-21 22:45:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

5

تېما

141

يازما

316

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1408
ئاقچا
14
QQ
ئىزچان ۋاقتى: 2014-1-21 23:06:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 22:45
كەچۇرۇڭ ...مەن دولەت مىلىنى ئىشلىتەلمەيدىكەن مەن..2000 ئە ...

ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي N9002ئېلىڭ      
قاھارجان

7

تېما

428

يازما

333

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
1639
ئاقچا
0
ARKA0998 ۋاقتى: 2014-1-21 23:28:43 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش