ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2456|ئىنكاس: 50
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پىدىگەن تېز يوللىغۇچنى چۈشۈرۈۋېلىڭ (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)

19

تېما

262

يازما

942

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4365
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 20:52  

  ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۈگۈن سىلەرگە يېقىندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان پىدىگەن تېز يوللىغۇچنى ئېلىپ كەلدىم.
   ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولۇپ يوللايمەن دەپ يۈرگىلى بىر ئايدەك ۋاقىت بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا ھېس قىلىشىمچە بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ئۈچ قېتىم، يانفون نۇسخىسىمۇ ئۈچ قېتىم يېڭىلاندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر نۇسخىسى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا تولا يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن، ھازىرقى يانفون ئەپلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. يانفون نۇسخىسىنىڭ تىلى يەنىلا خەنزۇچە، ئەمدى نېمىشقا ئۇنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىڭ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.
  بىرىنچىدىن ئەپ تەرجىمە قىلىشتىمۇ ئازراق ھۈنەر كېتىدۇ. يەنى بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئەپ تەرجىمە قىلغاندا پەقەت values نىڭ ئاستىدىكى خەنزۇچە تىل ھۆججىتىنىلا تەرجىمە قىلىپ، تەرجىمە قىلىنىپ بولغان تىل ھۆججىتىنى res نىڭ ئاستىغا values-ug دەپ قىسقۇچ قۇرۇپ كۆچۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. ئۇنداق قىلمىسىڭىز يانفون تىلىنى خەنزۇچىغا ئالماشتۇرسا ئاندىن سىز تەرجىمە قىلغان ئەپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. يەنە قانداق ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئىمزا قويۇپ بولاقلايمىز قانداقلىرىنى ئىمزا قويماي بولاقلايمىز دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلمىگەچكە «قۇشقاچنى قاسساپ سويسۇن»   دەپ يانفون نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىم.
  ئىككىنچىدىن قىلىپ باقاي دەپ سۆزلۈك ھۆججىتىنى ئاچسام 800 قۇردىن كۆپرەككەن. مەندەك ئانچە – مۇنچە ئۇششاق ئەپلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئادەمگە سەل ئېغىر كېلىدىكەن. شۇڭا ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.   ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بولغاندىكىن بىرەر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويسا بولاتتى. ئالىپ تورىدا بىر قېرىندىشىمىز كونا نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتىكەن، يېڭىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىنكاس يازسام جاۋاب قايتۇرمىدى. شۇڭا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
  قىستۇرما: مەيلى كومپيۇتېر دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ ياكى يانفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ باشقا تىللارنى بىلسىڭىز شۇ خىلدىكى تىل ھۆججىتى بولسا شۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىڭ، دېمەكچى پەقەت خەنزۇچە تىل ھۆججىتىگىلا ئېسىلىۋالماڭ. بۇلارمۇ بەزى دېتاللارنى خەنزۇچىلاشتۇرغاندا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ياكى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن بەزى بىز بىر ئوقۇپلا چۈشىنەلمەيدىغان گەپلەرنى ئىشلىتىدىكەن. بۇنداق سۆز – جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا سۆزمۇ – سۆز تەرجىمە قىلساق ياخشى چىقمايدىكەن. يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ شۇ جايدىكى مەنىسىنى بىز خاتا تەرجىمە قىلغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا خەنزۇچىدىن باشقا تىلنى بىلسىڭىز ۋە شۇ خىل تىل ھۆججىتى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىڭ. شۇنداق قىلغاندا سۆزمۇ – سۆز تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمە چۈشىنىشلىك بولماسلىقتەك ئىشلاردىن ساقلىنىشقا پايدىسى بار. بۇ مېنىڭ دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى كىچىككىنە تەجرىبەم خالاس.
  دېتال ئىسمى: پىدىگەن تېز يوللىغۇچ كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىسى(ئاندرويد)
  چۈشەندۈرۈش: بەزى ۋاقىتلاردا يانفوندىن كومپيۇتېرغا ياكى كومپيۇتېردىن يانفونغا ھۆججەت يوللايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇلاش سىمى بولسىغۇ ياخشى، ناۋادا بولماي قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ سىمسىز ئۇلاشقا مۇھتاج بولىمىز. ھازىر بىلىشىمچە ئىككى خىل ئۇسۇلدا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىرى كۆك چىش ئارقىلىق، يەنى يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ كۆك چىش ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. يەنە بىرى سىمسىز تور ئارقىلىق، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ سىمسىز تور ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. ھازىرچە بىلىدىغىنىم مۇشۇ ئىككى خىل ئۇسۇلكەن، باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇللىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ. تېمامنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلاش بولغاچقا كۆك چىش ئارقىلىق ئۇلاش توغرىسىدا توختالمايمەن ھەم بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەگەر بىلمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ياكى ئايرىم خەت يېزىڭ. سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلاشقا كەلسەك ھازىرقى ئەقلىي يانفون ۋە خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ئىقتىدار بار، ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرغا بۇ ئىقتىدارنى سەپلەش ئۈچۈن سىمسىز تور قۇبۇللاش ۋە تارقىتىش ئۈسكىنىسىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا بولدى. بەيدۇ بىلەن 360 نىڭ بەسلىشىپ بازارغا سالغان بۇ ئۈسكىنىسى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ خېلى كۆپ بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بار. ئەمدى سىمسىز تور ئىقتىدارى ھازىرلانغاندىن كېيىن بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر ۋە يانفوننى سىمسىز ئۇلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
  تىلى: كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفون نۇسخىسىنىڭ خەنزۇچە
  (كومپيۇتېر نۇسخىسىدا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن، ئاۋۋال بۇ خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز  دېتالدىكى خەتلەر چىرايلىق كۆرۈنىدۇ)
  نەشرى: كومپيۇتېرنىڭ0.9.49.272(دېتالدا مۇشۇنداق چىقىدىكەن)، يانفوننىڭ 2.5.0
  ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ تورىدا win7 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەپتۇ، بەزى تورلاردا win xp/win 2003/win vista/win 7/win 8 دەپتۇ، مېنىڭ سىنىغىنىم win7.
  يانفوننىڭ: ئىگە تەرەپ تورىدا يانفوندا 2.2 دىن يۇقىرى دەپتۇ، مېنىڭ سىنىغىنىم 2.3.5 نەشرىدىكى يانفون.
  ھالىتى: (كومپيۇتېرنىڭ) مېنىڭ سىنىغىنىم 64 بىت، 32 بىتتا سىناپ باقمىدىم.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزىنى بىللە يوللىدىم:
  دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ AnyShare-茄子快传.apk دېگەن ئەپنى يانفونغا قاچىلايسىز. پىدىگەن تېز يوللىغۇچ دېگەن پىرىسلانغان ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىش دېتاللىرىدا ئاچىسىز ياكى پىرىستىن يېشىۋالسىڭىزمۇ مەيلى. ئېچىپ ئىچىدىكى SHAREit.exe دېگەن ھۆججەتنى ئاچىسىز. يانفوندا ھەم قاچىلانغان ئەپنى ئاچىسىز. دىققەت: يانفون ھەم كومپيۇتېر چوقۇم بىر دائىرىلىك تورغا ئۇلانغان بۇلىشى كېرەك. يەنى كومپيۇتېر ئۇلانغان تور بىلەن يانفون ئۇلانغان تور ئوخشاش بىر تور بۇلىشى كېرەك. ئادەتتە سىمسىز تور ئىشلەتسىڭىز يانفون بىلەن كومپيۇتېرنى ئوخشاش تورغا ئۇلاڭ، سىملىق تور بولسا كومپيۇتېردا تارقىتىپ يانفوندا كومپيۇتېردىن تارقاتقان تورغا ئۇلاڭ. بولمىسا ئاچقاندا ئىنگلىزچە ئەسكەرتىش چىقىدۇ، بەزىدە ئوخشاش بولسىمۇ چىقىۋالىدىكەن بۇ ئەسكەرتىش. چىققان ئەسكەرتىشنى تاقىۋېتىپ خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
  دېتال ۋە ئەپنى ئاچسىڭىز تۆۋەندىكىدەك رەسىملەر كۆرۈنىدۇ


  ئەمدى يانفون بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلايمىز. يانفوندا ئاۋۇ 2- رەسىمدە مەن قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويغان ئۈستىدە 1 رەقىمى بار «كومپيۇتېرغا ئۇلاش»(连接电脑) دېگەننى باسىمىز ياكى 2 رەقىمى بار تىزىملىكنى باسىمىز. باسساق مۇنداق رەسىم چىقىدۇ.

  تىزىملىكتىن ئوخشاشلا «كومپيۇتېرغا ئۇلاش»(连接电脑) دېگەننى باسىمىز. تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى كومپيۇتېرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

  ئاۋۇ تېپىلغان كومپيۇتېر يانفون بىلەن بىر تورغا ئۇلانغان يېقىن ئەتراپتىكى كومپيۇتېر.

  تېپىلغان كومپيۇتېرنى باسسىڭىز كومپيۇتېردا ئاچقان دېتالغا تۆۋەندىكىدەك ئۈسكۈنە ئۇلىنىشىنى تەستىقلاش ئۇچۇرى كېلىدۇ. توغرا بەلگىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرۈڭ.

  تەستىقلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا ئۇلانغان ئۈسكۈنە كۆرۈنىدۇ. ئاۋۇ «يوللايمەن» (我要发送) دېگەننى بېسىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ دېتالنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويسىڭىزلا بولدى.(مەزكۇر دېتالدىكى بەزى رەسىملەر دېتالنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭدۈرۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار)

  كومپيۇتېردىن يانفونغا يوللاۋاتقاندا كومپيۇتېر ۋە يانفوندا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ. يوللانغان ھۆججەتلەر ئەپنى يانفون ياكى SD كارتىغا قاچىلىغان مۇندەرىجىدىكى qiezi دېگەن قىسقۇچ ئىچىگە تۈرى بويىچە  ساقلىنىدۇ.


  يانفوندىن كومپيۇتېرغا يوللىماقچى بولسىڭىز بايىقى كومپيۇتېردىن قۇبۇل قىلغان ئېكراندا تۇرۇپ ئاستىدىكى «يوللايمەن» (我要发送) دېگەننى بېسىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

   يانفوندىن يوللاۋاتقاندا يانفون ۋە كومپيۇتېردا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ.


  يوللاش ئاخىرلاشقاندا دېتالنىڭ ئاستىدىكى «قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەرنى كۆر» دېگەننى باسسىڭىز  تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ. ھۆججەت تۈرى بويىچە ساقلىنىدۇ.

  مانا بۇ يانفوندىن كومپيۇتېرغا يوللىغان «كۈي» قىسقۇچى ئىچىدىكى ئىككى ھۆججەت.

  ئاۋۇ ئاستىدىكى «ھەممىنى تازىلا» دېگەننى بېسىپ يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان خاتىرىلەرنى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەسلى ھۆججەتلەر ساقلىنىپ قالىدۇ.

  دېتالنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «تەڭشەك»نى باسسىڭىز بىر قىسىم تەڭشەكلەر چىقىدۇ. خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.


  دېتالنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى چېكىنىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز دېتال ئەڭ كىچىك ھالەتكە كېلىپ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا چۈشۈۋالىدۇ. ئۈستىگە ئاپىرىپ چاشقىنەك(مائوس) نىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز  تىزىملىك چىقىدۇ.

  «ئاساسىي يۈزىنى ئاچ» نى باسسىڭىز دېتال ئاساسىي يۈزى ئېچىلىدۇ، «تەڭشەك» نى باسسىڭىز بايىقى تەڭشەك ئېچىلىدۇ، «ياردەم» نى باسسىڭىز دېتال بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن خەنزۇچە دېتالنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە باشقا ئۇچۇرلار بار بىر تور بەت ئېچىلىدۇ، «پىكىر» نى باسسىڭىز تەكلىپ- پىكىر يوللاش رامكىسى ئېچىلىدۇ. پىكىر يوللاش رامكىسى ئۇيغۇرچىكەن دەپ ئۇيغۇرچە پىكىر يېزىپ يۈرمەڭلار جۇمۇ.   «چېكىنىش» نى باسسىڭىز چېكىنىدۇ.

  بۇ دېتالنىڭ يانفون نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارى كۆپكەن. ھەممىنى بىر – بىرلەپ چۈشەندۈرمىدىم. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار سىناپ باقارسىلەر.

  ئاۋۇ رەسىمدە رامكىغا ئېلىپ قويغان بىردىن تۆتكىچە رەقەملەر يېزىلغان جاينى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار چىقىدۇ.
  بىرىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «سىمسىز ھەمبەھرە» (无线共享) سىمسىز ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى بار كۆرۈنمە يۈز ئېچىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئەپ قاچىلانغان يانفونلارغا ھۆججەت ھەمبەھرىلىگىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى رەقەمنى «ئەخلەت تازىلاش» (垃圾清理) باسسىڭىز يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ئىقتىدارى بار كۆرۈنمە يۈز ئېچىلىدۇ. بۇ ئىقتىدارى 360 ۋە تىڭشۈننىڭ يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ئەپلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا ئوخشايدۇ.

  ئۈچىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «تەڭشەك» (设置) ئەپ تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزى ئېچىلىدۇ. خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  تۆتىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «ھەققىدە» (关于) ئەپنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

  يەنە باشقا ئىقتىدارلىرىنى دېمەپتىمەن. بايىقى يانفوندىن كومپيۇتېرغا ھۆججەت يوللاش كۆرۈنمە يۈزىدە ئاستىغا قارىسىڭىز بەزى قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بار. مەسىلەن يانفوندا كومپيۇتېرنى باشقۇرۇش، يانفوندا كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىش ۋە كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى يانفونغا ساقلىۋېلىش، يانفوندىكى رەسىملەرنى كومپيۇتېردا چوڭ ئېكران قىلىپ كۆرسېتىش دېگەندەك. ئەسكەرتىش: بۇ ئىقتىدارلار  دېتالنىڭ كومپيۇتېر  نۇسخىسىنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇچە نەشرىدە نورمال ئىدى. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بەزىدە ئىشلەپ بەزىدە ئىشلىمىدى، لېكىن ئۆز – ئارا ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارى نورمال.

  بىرىنچى رەقەمنى باسسىڭىز  «كومپيۇتېرنى كۆرۈش» (浏览电脑) يانفوندا كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى ۋە يانفونغا ساقلىۋالغىلى بولىدۇ.


  ئىككىنچى رەقەمنى باسسىڭىز كومپيۇتېرنى يانفوندا باشقۇرالايسىز. يەنى يانفونىڭىز سىمسىز چاشقىنەك (مائوس) ئورنىدا ئىشلەيدۇ دېگەن گەپ.

  ئۈچىنچى رەقەمنى باسسىڭىز يانفونىڭىزدىكى رەسىملەرنى كومپيۇتېردا تولۇق ئېكران ھالەتتە كۆرەلەيسىز ۋە كومپيۇتېرغا ساقلىۋالالايسىز.




  قوشۇمچە: ئاۋۇ رەسىملەرنىڭ كومپيۇتېردا كۆرۈنگىنى ئەسلى رەڭگى، ماۋۇ يانفوندا رەسىم تۇتقاندا يانفونۇم كونىراق ھەم سېستىما نەشرى تۆۋەن بولغاچقىمىكىن ۋە ياكى ئەپ سەۋەبىدىنمىكىن تۇتۇلغان رەسىملەرنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
  سىغىمى: كومپيۇتېرنىڭ 3.14 مىگابايت، يانفوننىڭ 3.82 مىگابايت
  قوشۇمچە: دېتالنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇردىڭىز، ئاشۇ دېتالنى يوللاپ بەرسىڭىز دېگەندەك سوئاللارنى سورىمىساڭلار. ھازىر كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە دەرسلىكلىرىگە ئائىت  ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرسىڭىز دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە يانفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدىكى دەرسلىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئاسانلا تاپالايسىز. ئازراق ئىزدىنىش روھى بولسۇن. ئەگەر مۇشۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرماقچى ياكى ھەمكارلاشماقچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە خالايمەن ھەم ياردەم بەرگۈدەك ئىشلار بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بىرىمەن. ئالاقە ئۇسۇلى : يەلتاپان نومۇرۇم: 11660
  چۈشۈرۈش ئادرېسى:  http://yunpan.cn/Qzdg4LLj24kgh
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتالنىڭ يانفون نۇسخىسى (ھازىر پەقەت ئاندرويد نۇسخىسىلا باركەن) يانفوندا، كومپيۇتېر نۇسخىسى كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ.


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-10 22:33):
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېتاللىرى passolo، Sisulizer مۇشۇ دېتاللارنى ئىزدەپ چۈشۈرۈۋېلىڭلار

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
LUosfER + 5 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

11

تېما

396

يازما

602

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2433
ئاقچا
10
QQ
bayawat ۋاقتى: 2014-1-9 21:54:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،تىما دىگەننى مۇشۇنداق تەپسلى يازمامدۇ ئەسلى ،،،،،来自: Android客户端

باھا سۆز

باك ياخشىكەن  ۋاقتى: 2014-2-15 09:32
بۇ ھايات بۈگۈنگە قەدەم قويدى،  

2

تېما

507

يازما

286

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1474
ئاقچا
0
حمداللە ۋاقتى: 2014-1-9 22:03:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قالتىس تىما ئىكەن ساقلىۋالاي رەھمەت

0

تېما

40

يازما

88

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
316
ئاقچا
0
uygurman1234 ۋاقتى: 2014-1-9 22:04:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   ماڭا كومپىيوتىرنىڭ كۆك چىش دىتالىنى يوللاپ بەرسەڭلا  ئاللا

19

تېما

262

يازما

942

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4365
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 22:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن تۇتۇلغان رەسىم كونا نەشرىدىكى دېتال ئىدى. يېڭىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئاتالغۇلارنى قىسقا، چۈشىنىشلىك قىلىپ قويغان. يوللانغىنى يېڭىسى شۇ.

3

تېما

232

يازما

150

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
682
ئاقچا
0
QQ
يۇلۇچى... ۋاقتى: 2014-1-9 23:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇن كومپىيوتېرئىككىسى بىر تورغا ئۇلانغان بۇلىشى كىرەك دەپسىز بۇنى چۈشنەلمىدىمغۇ؟؟؟؟  
قايسى تورغا ئۇلانسا بولىدۇ ئىككىسى؟؟؟؟؟

3

تېما

232

يازما

150

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
682
ئاقچا
0
QQ
يۇلۇچى... ۋاقتى: 2014-1-9 23:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 22:09
كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن تۇتۇلغان رەسىم كونا نەشرىدىكى دې ...

يانفۇن كومپىيوتېرئىككىسى بىر تورغا ئۇلانغان بۇلىشى كىرەك دەپسىز بۇنى چۈشنەلمىدىمغۇ؟؟؟؟  
قايسى تورغا ئۇلانسا بولىدۇ ئىككىسى؟؟؟؟؟

چ چ   نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرىڭە بىر ھۈنەرنى سورۋالاي سىزدىن؟؟؟؟؟؟

19

تېما

262

يازما

942

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4365
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 23:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلۇچى... يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 23:44
يانفۇن كومپىيوتېرئىككىسى بىر تورغا ئۇلانغان بۇلىشى ك ...

كەينىدە ئەسكەرتىپمۇ قويغانتىم، كومپيۇتېر بىلەن يانفونىڭىز ئىشلەتكەن تور ئوخشاش بولسۇن دېمەكچى. مەسىلەن كومپيۇتېرىڭىزدا سىمسىز توردىن بىر قانچىنى تاپتىڭىز دېسەك، كومپيۇتېر 123456 ئىسىملىك سىمسىز تورغا، يانفون 654321 ئىسىملىك سىمسىز تورغا ئۇلانسا بولمايدۇ، چوقۇم ئىككىلىسى 123456 ياكى 654321 ئىسىملىك ئوخشاش تورغا ئۇلانسۇن دېمەكچى. چ چ نومۇرڭىزنى سىز قالدۇرسىڭىز.

30

تېما

309

يازما

841

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2910
ئاقچا
1
musapi ۋاقتى: 2014-1-10 00:02:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك بوپتۇ

38

تېما

553

يازما

1245

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4423
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

تەنھا110 ۋاقتى: 2014-1-10 00:08:07 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە.

ئەمدى مەن ھەركەتكە كېلىپ ئاندروئىد نۇسخىسىنى يېڭىلاپ قويسام بولغىدەك ، سۆزلۈك ئامبىرىمۇ بار ساقلاپ قويغان ئەتىگىچە  تەرجىمە قىلىۋېتەي ئەمسە来自: Android客户端

0

تېما

164

يازما

140

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
493
ئاقچا
0
alamat02 ۋاقتى: 2014-1-10 00:34:07 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەجەپ تەس ئوقۇپ بولدۇم. 来自: Android客户端

19

تېما

262

يازما

942

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4365
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 00:35:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا110 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 00:08
جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە.

ئەمدى مەن ھەر ...

مەنمۇ شۇنى ساقلاپ ئولتۇرغان،  بەزى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغاندا دىققەت قىلارسىز.

3

تېما

232

يازما

150

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
682
ئاقچا
0
QQ
يۇلۇچى... ۋاقتى: 2014-1-10 00:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 23:48
كەينىدە ئەسكەرتىپمۇ قويغانتىم، كومپيۇتېر بىلەن يانف ...

كومپىيوتېر دىتاللېرىنى تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چ چ  278592655

38

تېما

553

يازما

1245

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4423
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

تەنھا110 ۋاقتى: 2014-1-10 00:40:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-01-10 00:35:49


مەنمۇ شۇنى ساقلاپ ئولتۇرغان،  بەزى سۆزلەرنى تەرجىم

مەن سىز يارغان ئىنكاسقا دىققەت قىلماپتىمەن ، تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ来自: Android客户端

19

تېما

262

يازما

942

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4365
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 00:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلۇچى... يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 00:38
كومپىيوتېر دىتاللېرىنى تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويا ...

ئالىپ تورىدا مۇشۇ توغرىسىدا 15 قىسىملىق، يەنە باشقا ئىنتىلدىكى مۇڭلاننىڭ دەرسىنى قوشقاندا 19 قىسىملىق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەرسى بار. تېمىدىمۇ بۇ ھەقتە يازغانتىم. مۇنبەردىن ئىزدەپ بېقىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش