ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1687|ئىنكاس: 53
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[بىلىم، تەجرىبە] windowsphoneھەققىدە پاراڭ

5

تېما

152

يازما

689

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3106
ئاقچا
1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 11:46  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!  ئارام كۈنلىرىمۇ كېلىپ قاپتۇ، windowsphoneسېستىمىلىق يانفونلارغا قىزىقىدىغان، ئىشلىتىۋاتقانلار بىردەم  مۇڭدىشىۋالايلى.
wpيانفونلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تېمىلار يوللاندى. تېخى بىر،ئىككى يىل بۇرۇن كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش بولغان بۇ يېڭى سېستىمىلىق يانفونلارنى  ئەمدى پات-پات باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولدۇق. سېستىمىسىنىڭ راۋانلىقى ، مۇقىملىقى، ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقى ، پات ئارىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىدىغانلىقى ...ۋەھاكازالارنى ئەمدى يەنە دەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.
ئۆزۈمنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى lumia520t، نوكىيانىڭ ئەڭ ئەرزان،  ئەڭ كۆپ سېتىلغان wp8سېستىمىلىق يانفونى. ئەينى ۋاقىتتا مىڭ سومغا سېتىۋالغان. ئەمما نوكىيا يانفوننىڭ ئاپپاراتىغا  ھەقىقەتەن ئوبدان ئىشلەپ قويۇپتۇ، مېنىڭكى 5مىليون پېكسىللىق، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ 8مىليون پېكسىللىق يانفونلىرىدا تارتقان رەسىم مېنىڭكىدە تارتقىنىغا يېقىنمۇ كېلەلمەيدىكەن، بولۇپمۇ كېچىدە تارتقان سۈرەتلەر ئوبدانلا سۈزۈك چىقىدۇ.
سەپلىمىسىمۇ يامان ئەمەس، قوش يادرو، 1GH، ئىچكى ساقلىغۇچ 512Mb. قېتىۋالىدىغان، ئېغىرلىشىۋالىدىغان ئەھۋال يوق. xboxتىن 500Mbلىق ئويۇننى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، شۇنداق راۋان.  ئەگەر wp8سېستىمىلىق يانفون ئىشلەتكۈسى بار، لېكىن ئېكران، ئاپپاراتلىرىغا كۆپ تەلىپى يوقلار lumia525,lumia625, lumia720لارنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ. ھازىرقى باھاسى 1000-1400سوم ئەتراپىدا ئىكەن.

ئەمدى قولىدا wp8يانفونى بارلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا  دىققىتىڭلارنى ئاغدۇرغايسىلەر. بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەسىلەن بىز 50Mbلىق بىر ئەپنى چۈشۈرگەن بولساق، تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تەخمىنەن 100Mbلىق سىغىمنى ئىگەللىدى دېسەك، ئەگەر بۇ ئەپنى يۇيۇۋەتسەك ھەرگىزمۇ 100Mbسىغىم بىكار بولمايدىكەن. باشتا يانفونۇمغا بىرمۇنچە ئەپ-ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ، يارىمىغانلىرىنى يۇيۇپ ماڭغانسېرى  سىغىمى كىچىكلەپ كەتتى، ئەخلەت تازىلايدىغان بىرنەچچە ئەپنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، قىلچە پايدىسى بولمىدى. ئەسلى ھۆججىتى يۇيۇلماي ساقلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن تەڭشەكنىڭ ئىچىدىكى يانفوننىڭ ئىچكى سىغىمىنى تەكشۈرەيدىغان يېرى ئېسىمگە كەلدى، قارىسام راست دېگەندەك «ۋاقىتلىق ھۆججەت»لىرىم  300-400 مېگابايت سىغىمنى ئىگىلىۋاپتۇ. «ۋاقىتلىق ھۆججەت» دېگەننى چەكسەم «يۇيۇش» دەيدىغان تەڭشىكى چىقتى، ئەمدى جاجاڭنى يەرسەن دەپ يۇيۇشنى تاللاپ قويۇپ، بىردەم ساقلىسام جىم، يەنە قايتىدىن تاللاپ بىرەر سائەت ساقلاپ باقسام يەنە جىم، ئاخىرى مانا ئەمىسە دەپ بىر كېچە قويۇپ قويدۇم، لېكىن يەنىلا بۇرۇنقى پېتى تۇرۇپتۇ.  توردىن  ئاختۇرسام بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقتى. ئەسلى بۇ ئىشلىمەيدىغان ئىقتىدار ئىكەن، قارىغاندا كىيىنچە ياماقلىرىنى چىقىرىپ  ئوڭشايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرگە كەلسەك ناھايىتى ئىپتىدائىي، ئەمما ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدىكەنمىز. يەنى يانفوننىڭ چېسلاسىنى نەچچە يىل كەينىگە سۈرۈۋەتسەكلا بولىدىكەن.  تەپسىلىي ئېيتساق يانفوننىڭ چېسلاسىنى 2020،2030-يىلى دېگەندەك نەچچە يىل كەينىگە تەڭشەپ، مۇقىملاشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر شۇ زاماتلا يوقايدىكەن، ئاندىن چېسلانى يەنە توغرىلىۋالساق بولىدىكەن. بۇ ئۇسۇلنى ئۇقمايدىغانلار بولسا، بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ ناھەق ئىگىلەنگەن سىغىمىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋېلىڭلار.


windowsphone ئەپلىرى
wpيانفونلىرىنىڭ گېپى چىقسىلا «ئەپلىرى بەك ئاز» دەپ قاقشايدىغانلار جىق. ئەگەر ios،android سېستىمىلىرىنىڭ ئەپلىرىگە سېلىشتۇرساق ھەقىقەتەن ئاز، لېكىن ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەپلەر، داڭلىق ئويۇنلار ئاساسەن تولۇقلىنىپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ سەۋەپتىن wpيانفونلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىككىلىنىپ قالغانلار بولسا، مەنچە كۆپ ئويلىنىپ كەتمەڭلار.  
تۆۋەندە «زادى قاچىلىمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان بىر نەچچە ئەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بىلمەي يۈرگەنلەر بولسا قاچىلىۋالغاي.

1. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - al quran

بۇ ئەپكە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسنىڭ ھۆججىتى تەمىنلەنگەن، «تەرجىمىسىنى تاللاش» دېگەن جايدىن تاللاپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ. خەت نۇسخىسىwin8،wp8لەرنىڭ خەت نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش، ئەرەپچە خەت نۇسخىسىمۇ شۇنداق نەفىس، ئوقۇماققا راھەت، يەنە كېلىپ  خالىغان بىر قارىنىڭ قىرائىتىنى تاللاپ چۈشۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: بېسىڭ


2.ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

wp8يانفونلىرىرىغىمۇ iphoneئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قوشقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھازىرچە بەزى ئەپلەردىن پايدىلىنىپ خەتنى يېزىۋالغاندىن كىيىن كۆچۈرۈش-چاپلاش مەشغۇلاتى بىلەن ھاجىتىمىزدىن چىققاچ تۇرىدىغان گەپ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن تۆتى چىقىپ بولدى، لېكىن بىرسى ھەقلىق، يەنە بىرسى ياخشى ياسالمىغان ،يەنى ھەرپلەرنى قاتار دۆۋىلەپلا قويغان، ئىشلىتىش بەكمۇ قولايسىز. شۇڭا قالغان ئىككىسىنىلا تونۇشتۇراي.
بىرسى ئابلىكىم ئەپەندى(ئابلىكىم  تور خاتىرىسى) ياسىغان uyghur keyboard، يەنە بىرسى چەتئەللىكلەر ياسىغان، بىرنەچچە قېرىنداشلىرىمىز ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشپ، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشقۇزغان my keybo plusدېگەن ئەپ. ھەر ئىككىسى ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئوبدان ياسالغان.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
uyghur keyboard:
بېسىڭ
my keybo plus:
بېسىڭ


3.خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت  (sdict (超级辞典

ئۆتكەندە بىر قېرىندىشىمىز ئالىپ تورىغا بۇ لۇغەتنى ۋەقاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ بىر تېما يوللاپ قويۇپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن  wpيانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە لۇغەت بولماسلىقتەك بوشلۇقمۇ تولۇقلاندى. لۇغەتنى سۆزلۈك ئامبىرى قاچىلاش شەكلىدە ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياسىۋالىدىكەنمىز.

چۈشۈرۈش ئادرېسى: بېسىڭ
ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرى قاچىلاش ئۇسۇلى:
/thread-21521-1-1.html

4.سىن قويۇش دېتالى-(moliplayer ( 魔力播放器  

wpئەپ دۇكىنىدىكى بىردىنبىر مۇكەممەل سىن قويغۇچ(مېنىڭ بىلىشىمچە). لېكىن ھەقلىق، ھەقسىز دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. ھەقسىزنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، flv mp4 mkvلارنى راۋان قويالىدى، لېكىن mkvنىڭ ئاۋازى چىقمىدى. fv4دېگەندەك بەزى  سىن ھۆججەتلىرىنى قويالمىدى. ھەقلىق نۇسخىسىنى سىناق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ئۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام مەن قاچىلىغان ھەممە فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى نورمال قويالىدى. لېكىن شۇ باھاسى سەل قىممەت، 18سوم ئىكەن. لېكىن ئەرزىگۈدەك دەپ قالدىم.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ھەقلىق نۇسخىسى: بېسىڭ
ھەقسىز نۇسخىسى: بېسىڭ

5.微疯客手机助手

بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەب، بۇ ئەپنىڭ windowsphone دۇكىنىدىكى ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغان ئېسىل دېتاللارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى. ھەركۈنى دېگۈدەك ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغان دېتاللار چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان، لېكىن ھەقلىق دېتاللارنى تاللاپ قويسىڭىز، شۇ دېتال ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغاندا سىزگە ئەسكەرتىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادرېسى: بېسىڭ

6.rssئوقۇغۇچ- 鲜果

راستىنى ئېيتسام باشقا rssئوقۇغۇچلارنى سىناپ باقمىدىم، مۇشۇنى بىر چۈشۈردۈم، ياراپ قالدى. ئىشلىتىش ئەپلىك، بىر نەچچە ئالاقە تورىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئارا ھەمبەھىر قىلغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن سىنا مىكرو بلوگىدىكى مەزمۇنلارنى تېڭشۇن مىكرو بلوگىغا ھەمبەھىرلەپ دېگەندەك. ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، مەسىلەن: birhon، alimahat،torhumar....دېگەندەك ،ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بلوگ، تور بەتلەرنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدىكەن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:  بېسىڭ


مۇشۇنچىلىك يوللاي، يەنە باشقا ئېسل ئەپلەر بولسا ئىنكاس بىلەن تولۇقلىۋېتەرسىلەر.

0

تېما

33

يازما

166

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
567
ئاقچا
0
HUAWEIG520 ۋاقتى: 2014-1-4 12:24:55 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بۇرادەر، مەندە بۇ تېلىفۇن بولمىسىمۇ مۇشۇ سېستىمىلىق تېلفۇن ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قىپسىز، تېخىمۇ تىرىشىڭ.

66

تېما

830

يازما

299

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
5679
ئاقچا
0
qinar120 ۋاقتى: 2014-1-4 12:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windowsphoneسېستىمىلىق يانفونلارنىڭ تىلگىرافنىڭ يوقدىيەرلىككەن، بولمىسا مەن سىتىۋالايدىگەن.
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

0

تېما

107

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
933
ئاقچا
1
yarqin ۋاقتى: 2014-1-4 12:47:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىلىشىنى ئويلىشۋاتقانتىم  .ئىلىپ قالسام بۇ يوللىغان تىماڭلارنىڭ ماڭا كۆپ پايدىسى بولغۇدەك .رەھمەت. بۇندىن كىيىنمۇ يەنە  يوللاپ تۇراسىلە.

0

تېما

14

يازما

35

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
134
ئاقچا
1
mihman315 ۋاقتى: 2014-1-4 12:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر 525 نى ئېلىشقا ئەڭ ئەرزىيدۇ،باھاسى تىيەن ماۋ دا 600-700 ئەتراپىدا.

0

تېما

10

يازما

111

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
365
ئاقچا
0
MUS~TaFa ۋاقتى: 2014-1-4 13:01:05 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ھىلقى لۇغەتنڭ ئەرەپچە ئۇيغۇرچە سۆزلۆك ئامبىرىنى تاپقىلى بۇلامۇ بۇلۇپ قالسا ياردەم قىلىپ يۇللاپ بەرسەڭلا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  چچ  1274211373

0

تېما

58

يازما

188

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
955
ئاقچا
0
rewayat353 ۋاقتى: 2014-1-4 13:05:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن android تىلفۇنغا wp 7.5 قاچىلاي دىگەن ئۇيغۇرچىنى تونۇتقىلى بولامۇ؟ مۇنبەردە كۆرسەم نورمال تونۇتۇش ئۈچۈن wp 8 بولۇش كىرەك دىيىلىپتۇ.  يەنە مىنىڭ تىلىفۇنىم تىلگېرافنىلا قوللايتى wp قاچىلىغاندىن كىيىنمۇ تىلگېراف كارتىسىنى ئىشلىتەلەمدىم؟

0

تېما

9

يازما

11

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
44
ئاقچا
0
alj330 ۋاقتى: 2014-1-4 13:22:18 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما  يوللاپسىز ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،     بىراق  بۇ تىلغۇننىڭ يىتەرسىز  تەرەپلىرىمي  ئاز ئەمەس،  مەسىلەن: ئۈندىدار ئارقا سەپتە خىزمەتتىكى ۋاقىتتىمۇ  خەتلەر  ۋاقتىدا  قۇبۇل قىلىنمايدۇ،  تىلغۇندىن كىنو چۈشۈرگەندە سىغىم  كارتىسىغا  چۈشۈرگىلى  بولمايدۇ،  پەقەت تىلغۇن سىغىمىغا چۈشىدۇ.      txt  、dos ھۆججەتلەرنى   txty, dosy  قىلىپ  ئۆزگەرىتمىسە تىلغۇن  تونىمايدۇ،            ئوبداب يىرى ،  ئاپىرات  بەك جانلىق،   wifi  تورىنى  بەك  تارىدۇ  ، كومىيوتىردىنمۇ  بەكتارتىدۇ،        تىلغۇننىڭ  سۈرئتى تىز  ،،،،،     بۇلار مىنىڭ  تىلغۇننى  ئىشلىتىش جەريانىدا    بايقىغىنىم،،،،   لىكىنغۇ    تىلغۇننى  ئاچچىقىمدا    چىقىۋىتىپ  سالدىم،،،،،،،  

2

تېما

189

يازما

599

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2267
ئاقچا
0
130 ۋاقتى: 2014-1-4 13:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qinar120 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 12:25
windowsphoneسېستىمىلىق يانفونلارنىڭ تىلگىرافنىڭ يوقدىيەرل ...

مەندە 3 تورلۇق تىن بىرسى با ئالامسىز....

2

تېما

509

يازما

292

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1491
ئاقچا
0
حمداللە ۋاقتى: 2014-1-4 13:43:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسې ئەرزان راقى بامىدۇ 500--700سومغىچە بولسا دەپ بىرىڭلا ھەم

باھا سۆز

lumia 610 دىن بىرسى با .  ۋاقتى: 2014-1-4 18:49

2

تېما

28

يازما

143

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
500
ئاقچا
0
130 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:42
مەندە 3 تورلۇق تىن بىرسى با ئالامسىز....

سىزدىكى قايسى تىپتىكى

0

تېما

10

يازما

111

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
365
ئاقچا
0
MUS~TaFa ۋاقتى: 2014-1-4 13:48:51 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ھىلقى لۇغەتنڭ ئەرەپچە ئۇيغۇرچە سۆزلۆك ئامبىرىنى تاپقىلى بۇلامۇ بۇلۇپ قالسا ياردەم قىلىپ يۇللاپ بەرسەڭلا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  چچ  1274211373

2

تېما

189

يازما

599

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2267
ئاقچا
0
130 ۋاقتى: 2014-1-4 13:56:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
£§良§心€£ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:45
سىزدىكى قايسى تىپتىكى

htc 6990lvw سىپىيۇ-1.5 قوش،نېيسۇن 1گ،ئىچكى ساقلۇغۇچ 16گ،دومېتى چۇشمەيدۇ،ئىكران 4.3 1280*720 پ ئېنىقلىقتا،ئاپرات 8.0 لىك.

3

تېما

329

يازما

285

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1584
ئاقچا
0
OKYAQi ۋاقتى: 2014-1-4 14:02:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mardan33 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:36
Nokia Lumia 925 AK rag 16 g.  Setilidu.  Telfun bakla pakiza   un didary.     yulghun33

قانچە پۇلغا ساتسىز؟ئورنىڭزقەيەر.....

5

تېما

152

يازما

689

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3106
ئاقچا
1
hezine  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 14:23:21 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alj330 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:22
ياخشى تىما  يوللاپسىز ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،     بىرا ...

ئۈندىدارنىڭ ۋاقتىدا ئۇچۇر قوبۇل قىلالماسلىقى يانفونىڭىزدىكى ئايرىم مەسىلىمىكىن. مېنىڭ ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىدى, دوستۇمنىڭ شۇنداقراق بولۇپ قاپتىكەن, ھازىر ئوڭشالدىغۇ دەيمەن. ئەگەر gdr3نەشرىگەكۆتۈرمىگەن بولسىڭىز يېڭىلاپ سىناپ بېقىڭ, ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش